ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سى لۇلۇ
تاڭ يورۇشى بىلەنلا، قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى غالىبىيەت يولى كوچا باشقارمىسى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسى ليۇ خاۋياڭ ۋېلىسىپىتىنى مىنىپ ئىشىكتىن چىقتى. ئۇنىڭ ۋېلىسىپىت سېۋىتىگە مايبۇلاق ياشانغانلار مەھەللىسىنىڭ پائالىيەت ئۆتكۈزۈشكە كېرەكلىك جابدۇق ماتېرىياللىرى سېلىنغان، سومكىسىغا لېكسىيە قوللانمىسى لىق قاچىلانغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ مەھەللە ئاساسىي قاتلام مۇلازىمىتىدىكى كۈندىلىك ئۆلچەملىك سەپلىمىسى ئىدى. شىنجاڭغا كېلىپ پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتناشقان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ليۇ خاۋياڭ ياش «قىزىل كىيىملىك پىدائىي» بولۇش سۈپىتى بىلەن قاراماي شەھىرىدە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش تورىنى توقۇپ چىقتى.
2023- يىلى يازدا، ليۇ خاۋياڭ يۈك- تاق ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ، جېڭجوۋدىن شىنجاڭغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانغا چىقتى. ئايروپىلان چىليەنشەن تاغ تىزمىسىدىكى قارلىق چوققىدىن ئۆتكەندە، ئۇ ئايروپىلان دېرىزىسى سىرتىدىكى تەدرىجىي نامايان بولۇۋاتقان سېرىق قۇملۇق چۆللۈككە قاراپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى غەربكە سەپەر قىلىشىنىڭ سالمىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. تيەنجىن رېنئەي شۆيۈەنىدە ئۇچۇر قۇرۇلۇشى كەسپىنى ئاساسلىق ئۆگەنگەن ئۇ ئەسلىدە مۇقىم خىزمەت تاپالايتتى، ئەمما داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانىنىڭ قوبۇل قىلىش ئېلانىدىكى «ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بارايلى» دېگەن سۆز خۇددى قىزىل يىپەك يىپقا ئوخشاش ئۇنىڭ قەدىمىنى تارتتى.
قارامايغا تۇنجى قېتىم كەلگەندە، نېفىت مەدەنىيىتى سىڭىپ كەتكەن بۇ شەھەر ليۇ خاۋياڭغا يېڭىچە ھەم ناتونۇش تۇيۇلدى. ئۇ مۇلازىمەت قىلىۋاتقان غالىبىيەت يولى كوچا باشقارمىسىدا، ياشلار نوپۇسىنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى چوڭ، ياشانغانلار نوپۇسى كۆپ، مەھەللە مۇلازىمىتى ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىشلىرى خىزمىتىنى كۈچەيتىش جىددىي زۆرۈر ئىدى. ليۇ خاۋياڭ ئىش ئورنىغا كېلىپلا خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى، خىزمەتداشلىرى بىلەن ئۆيمۇئۆي كىرىپ زىيارەت قىلدى، مەھەللە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كادىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، بازا بايلىقىنى كۆڭۈل قويۇپ قازدى.
ئۇ كۈنلەردە، ليۇ خاۋياڭ چوڭ- كىچىك كوچىلاردا توختىماي مېڭىپ يۈردى، تەرلىرى كىيىملىرىنى ھۆل قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن قەلبىدىكى قىزغىنلىقنى ئەزەلدىن ئۆچۈرەلمىدى. ئاستا- ئاستا ئۇ، بۇ جاي بىلەن تونۇشۇپ، خىزمەت ئورنىغا تېزلا ماسلىشىپ كەتتى.
ليۇ خاۋياڭ ۋە خىزمەتداشلىرى پائال يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، پىدائىيلارنى يېتەكلەپ، نېفىت روھىنى نامايان قىلغان مىساللارنى شياڭشېڭ قىلىپ ئىشلەپ، قاراماي نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ھېكايىسىنى جانلىق بايان قىلدى.
ھەر شەنبە، ليۇ خاۋياڭ يەنە پىدائىيلار بىلەن مايبۇلاق ياشانغانلار مەھەللىسىگە بېرىپ «ياشلارنىڭ ياشانغانلارغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇپ، ياشانغانلارغا غەمخورلۇق ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزدى. ئۇلار ياشانغانلار بىلەن بىللە بەنشىر تۈگدى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىسى ئېيتتى. بۈگۈنكى كۈندە، پائالىيەت 40 نەچچە قېتىم قانات يايدۇرۇلۇپ، بۇ مەھەللىنىڭ بىر چوڭ خاسلىقى بولۇپ قالدى.
2023- يىلى، ليۇ خاۋياڭنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، 50 نەچچە پىدائىيدىن تەشكىللەنگەن «قىزىل جىلىتكىلىكلەر چاسا سېپى» قاراماي مارافون يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى مەيدانىدىكى گۈزەل مەنزىرە بولۇپ قالدى. ئۇلار ماھىرلارغا مەدەت بېرىپ ۋە ئالقىشلاپ، ئۇلارنى داۋالاش، ماددىي ئەشيا قاتارلىق كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. 2024- يىلى، جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك تېخنىكا خەلقئارا ئالماشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنىدا، پىدائىيلار راۋان ئىنگلىز تىلى ۋە قىزغىن پوزىتسىيەسى بىلەن، جۇڭگو ياشلىرىنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلدى. بۇنداق پائالىيەتلەرگە ئۇلار جەمئىي 20 نەچچە مەيدان قاتناشتى، ھەربىر مەيدانغا ليۇ خاۋياڭ ۋە پىدائىيلارنىڭ يۈرەك قېنى ۋە ئەجرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، قاراماي ياشلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى جانلىق نامايان قىلدى.
2024- يىلى، ليۇ خاۋياڭ مەملىكەت بويىچە داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانىدىكى مۇنەۋۋەر پىدائىي بولۇپ باھالاندى، ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى مىكرو كىنو قىلىپ ئۆزگەرتىپ ئىشلىنىپ مەكتەپلەردە كۆرگەزمە قىلىپ قويۇلدى. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، غالىبىيەت يولى كوچا باشقارمىسىدىكى پىدائىيلار مۇلازىمەت قوشۇنى دەسلەپكى بىرنەچچە كىشىدىن تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى 300 كىشىدىن ئاشتى. «بۇ جاي مېنىڭ ئىككىنچى يۇرتۇم، مەن <قىزىل كىيىملىك پىدائىي>لارنى قاراماينىڭ يارقىن شەھەر نام كارتىسىغا ئايلاندۇرىمەن»، دېدى ليۇ خاۋياڭ.