− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى ۋەكىل زاتلار پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ چىقىرىلغانلىقى توغرىسىدا قىزغىن مۇلاھىزە قىلدى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
4- ئاينىڭ 30- كۈنى، 14- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15- يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى مەخسۇس پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇل خاراكتېرلىك قانۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىدۇ، شىنجاڭدىكى كەڭ پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى ۋەكىل زاتلار بۇنىڭدىن ھەسسىلەپ روھلاندى، چوڭقۇر ئىلھاملاندى.
پۇقراۋى كارخانىلار تەرەققىياتىنىڭ «قانۇنچىللىق يۆلەنچۈكى» بار بولدى
«پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشى كارخانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر مەيدان دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇر». شىنجاڭ خۇياڭ كابېل ياساش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى جيېۋېي مۇنداق دېدى: «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ ۋە «ئىككى ساغلاملىق»نى ئىلگىرى سۈرۈشنى قانۇنغا كىرگۈزۈپ، تۈزۈم قاتلىمىدىن پۇقراۋى ئىگىلىكنى قاتتىق كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى خاتىرجەم تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
كابېلچىلىق ساھەسىدە 22 يىلدىن بۇيان چوڭقۇر ئىزدىنىپ كەلگەن خۇياڭ كابېلى، شىنجاڭ بويىچە كۆپ تۈرلۈك نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلاردا ئىشلىتىلگەن. لى جيېۋېي مۇنداق دېدى: پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ قوغدىشى بىلەن، كەلگۈسىدە شىركىتىمىز شىنجاڭدىكى بازىرىنى پائال پۇختىلاپ، مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى بازىرىنى كېڭەيتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىچكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك تىجارەت ئارقىلىق بازارغا جاۋاب قايتۇرىدۇ.
«قانۇنچىللىق ئارقىلىق پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوغداش بىز پۇقراۋى كارخانىچىلارنى چەكسىز خاتىرجەملىك ۋە قەتئىيلىككە ئىگە قىلدى». شىنجاڭ تيەنيۈن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ شيۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن ھەم سىياسەت پايدىسىنى چىڭ تۇتۇپ مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ، ھەم جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئادا قىلىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، يېشىل تەرەققىياتتا دۆلەت ئىستراتېگىيەسى بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيمىز.
شىنجاڭ جيۇفېڭخې ئۇرۇقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2013- يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە ماكانلاشقان بولۇپ، ئون نەچچە يىل بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، بۇغداي، قوناق، كېۋەزنىڭ يېڭى سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ۋە بازار تىجارەت- مۇلازىمەت ئىقتىدارى بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق شىركىتىگە ئايلاندى.
«قانۇنچىللىق ئەڭ ياخشى تىجارەت- سودا مۇھىتى». شىنجاڭ جيۇفېڭخې ئۇرۇقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ گۈي مۇنداق دېدى: پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ چىقىرىلىشى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى ئىگىلىككە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ، كارخانىلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى، شۇنداقلا جيۇفېڭخې ئۇرۇقچىلىقىنىڭ ئۇرۇقچىلىق ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە داۋاملىق ئىزدىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئەڭ ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى. كارخانىمىز دۆلەتنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش قىممەتلىك پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دىققەتنى ئۇرۇقچىلىق كەسىپ تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇغداي، قوناق، كېۋەز قاتارلىقلارنىڭ يېڭى سورتلىرىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ۋە بازار تىجارەت- مۇلازىمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇشىغا تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشىدۇ.
پۇقراۋى كارخانىلارغا كۈچلۈك قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ
پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى پۇقراۋى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەتنىڭ پەن- تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرلىرىگە قاتنىشىشىنى قوللاپ، ئىقتىدارى بار پۇقراۋى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەتنىڭ چوڭ- چوڭ تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشىنى قوللايدۇ، بۇ، شىنجاڭ ساڭجيې پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شاۋ چېڭنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى باراۋەر ئىجازەت بېرىش، دەل جايىدا يۆلەشنى يېتەكچى قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ.
ساڭجيې پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ياسىمىچىلىق كەسپى ۋە قاتناش كەسپىنى تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا. شاۋ چېڭ مۇنداق دېدى: بۇ قانۇن كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى، بۇ، كارخانىلارنىڭ بۇلۇت ھېسابلاش قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش» قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، پەن تەتقىقات تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كۆپ تىللىق چوڭ مودېل تەتقىقات مەركىزىنى ئورتاق قۇرۇپ، تېخنىكىنى ئايلاندۇرۇش بىلەن بازارنى ئۇدۇللاشتۇرۇشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، كارخانىمىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، AIنىڭ كەسىپتە قوللىنىلىشىنى مەھسۇلاتلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، سۇپىلاشتۇرۇش، مودېللاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىدۇ.
گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇدىرى لىن جيەن مۇنداق بىلدۈردى: پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىدا پۇقراۋى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ مۇھىم ئورنى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئادىل رىقابەتلىشىش تەكىتلىنىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى باراۋەر ئىشلىتىشى كاپالەتلەندۈرۈلدى، بۇ، گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتىنى بازار رىقابىتىدە تېخىمۇ ئىشەنچكە ئىگە قىلدى، «قانۇننىڭ پۇختا كاپالىتى بولغاچقا، كارخانىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىسى ئاشتى. گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭغا سالىدىغان مەبلەغنى داۋاملىق كۆپەيتىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا پائال ئاتلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ».
قەشقەر جاڭگوگو يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ جىيىڭ مۇنداق دېدى: سىياسەت جەھەتتىن قوللاشتىن قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ھالقىشقىچە، پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ چىقىرىلىشى يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا ساھەسىدە يىلتىز تارتقان پۇقراۋى كارخانىلارنى ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم تۈزۈم مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قانۇن پۇقراۋى كارخانىلارنى باراۋەر ئورۇن ۋە تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈپ، شىركەتنى تېخىمۇ ئىشەنچ بىلەن يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش داۋامىدا ئاساسىي قوشۇن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ
«پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى ئادىل رىقابەتلىشىش، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق كۆپ تەرەپتىن پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ، بۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 2 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق پۇقراۋى ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتىنى تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئېرىشتۈرۈپ، تەرەققىيات ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇقراۋى كارخانىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كارخانىلار قاتارىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق». ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پۇقراۋى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى خەي مۇنداق دېدى: پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ چىقىرىلىشى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قانۇنچىللىق ئۇلىنى ئومۇميۈزلۈك پۇختىلاپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى تېخىمۇ ياخشى تۇتۇشىنى ئۈنۈملۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن بويىچە پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش، مەدەت بېرىش، يېتەكچىلىك قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى روشەن مەيدانى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.
لى خەي مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بۇ قانۇندىكى تەلەپلەرنى پائال ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈرۈشلەشكەن قانۇن، نىزام، تۈزۈملەرنى تۈزۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنىڭ پۇختا ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئادىل تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ، قانۇننىڭ چىقىرىلىپ يولغا قويۇلۇشىنىڭ سىياسىي ئۈنۈمى، قانۇن ئۈنۈمى، جەمئىيەت ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزاھلاش خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
«پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ چىقىرىلىشى شىنجاڭدىكى كەڭ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ». ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ بىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى، شىنجاڭ قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، مۇتەخەسسىسلەر چۈشەندۈرۈش، مەخسۇس تېمىدا تەربىيەلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ ئەھمىيىتى، مەزمۇنىنى، بولۇپمۇ يادرولۇق ماددىلارنىڭ جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش، ئالاقىدار قانۇنلاردىن پايدىلىنىپ ئۆز كارخانىسىنىڭ تىجارەت تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
(مۇخبىر شى شىن، قاتناشقان مۇخبىرلار تويا، ما يىنىڭ، يۈ جياڭيەن، ليۇ يى)