«مەن شىنجاڭدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ بەختلىك ۋە ئەركىن تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم»
11:27:59 2025-05-04 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− «شېئىرىي تۈسكە تولغان جۇڭگو غەربىي قىسىم سەپىرى» بويىچە بىرما تاراتقۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كەلدى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا

4- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 26- كۈنىگىچە، «شېئىرىي تۈسكە تولغان جۇڭگو غەربىي قىسىم سەپىرى» بويىچە بىرما تاراتقۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كەلدى، «باۋبو ئايلىق ژۇرنىلى» قاتارلىق كۆپلىگەن تاراتقۇنىڭ مۇخبىر، مۇھەررىرلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا، يىپەك يولىدىكى قەدىمىي بازار، كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە، مۇزېي قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش جەريانىدا ئۆزئارا دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈردى.

«بۇ قەدىمىي بازار بەك چىرايلىق ئىكەن», «قەدىمكىگە تەقلىد قىلىنغان بۇ ئىمارەتلەردىن تارىخنى بىۋاسىتە ھېس قىلغىلى بولىدىكەن...» ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونىدىكى بەيشۇيجيەن قەدىمىي بازىرى مەنزىرە رايونىدا تارىخىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەم ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندە، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى. قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولۇش سۈپىتى بىلەن، بەيشۇيجيەن قەدىمىي بازىرىدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى بولغان شياكوۋ قەدىمىي شەھىرى خارابىسىدىن باشقا، يەنە سۇلۇق يەر، ئورمان، ئوتلاق قاتارلىق تەبىئىي گۈزەل مەنزىرىلەر ھەم قەدىمكىگە تەقلىد قىلىنغان ئىمارەتلەر بار بولۇپ، ھەربىر پارچە خىش، ھەربىر تال ياغاچقا يىپەك يولى مەدەنىيىتىنىڭ ئىزنالىرى چوڭقۇر ئويۇلغان.

«ئاسماننىڭ ئەينىكى» دەپ نامى بار تۇزكۆل مەنزىرە رايونىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر گۈركىرەپ چىققان بوران، سۇ بىلەن ئاسمان تۇتىشىپ كەتكەن گۈزەل مەنزىرە، يىراقتىكى قارلىق تاغ ۋە بىپايان دالىدىكى كۈمۈش رەڭلىك نۇر چېچىپ تۇرغان شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلىرىنى كۆرۈپ بەك ھەيران قالدى، ئۇلار تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ئىنسانلار ئەقىل- پاراسىتىگە تايىنىپ ياراتقان تەبىئىي كارامەتتىن توختىماي ھاياجانلاندى. «باۋبو ئايلىق ژۇرنىلى»نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى يېنەيسو مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر، تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل ئىكەن، بۇ ماڭا مەدەنىيەت بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇردى».

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارغا كىرگەندە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان ساياھەت قىزغىن دولقۇنىنى ھېس قىلدى. كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى توپا رەڭلىك ئىمارەتلەرنىڭ ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولۇپ، مىللىيچە چالغۇ، خاس قۇرۇق مېۋە، مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق تۈرلۈك تاۋارلار كۆزنى قاماشتۇراتتى، ئۈستى ئوچۇق مەيداندا ئورۇنلانغان ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرى ساياھەتچىلەرنى قەدىمىنى توختىتىپ ھۇزۇرلىنىش ۋە قاتنىشىشقا تېخىمۇ جەلپ قىلدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بەس- بەستە مۇنداق تەرىپلىدى: بۇ جايدا، ئەسلىدە تىنچ ھالەتتە نامايان قىلىنىدىغان مەدەنىيەت ئامىللىرى ھەرىكەت ھالىتىدىكى قاتنىشىش تەسىراتىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى نامايان قىپتۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىنىڭ گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى- ئامما مۇلازىمەت مەركىزى زالى، ئامما ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش نۇقتىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىشخانىسى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش شادلىق باغچىسى، خور ئۆيى قاتارلىق جايلارغا كىرىپ، مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، ھاۋالىلىك باشقۇرۇش سىنىپىدىكى كىچىك دوستلار بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. «مەھەللە مۇلازىمىتى ئىنچىكە، ئەتراپلىق ئىكەن، ئاھالىلەر ئېجىل- ئىناق بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدىكەن، مەن شىنجاڭدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ بەختلىك ۋە ئەركىن تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم» دېدى تيەنۋاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى شەن نۇكەي.

شىنجاڭ مۇزېيىغا كىرگەندە، ھەربىر قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنى جەلپ قىلىۋالدى، مول يەرلىك خاسلىققا ئىگە بىرونزا قوراللار، سىرلىق قۇرۇق جەسەت، ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردىكى ھۆججەتلەر... بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى زامان- ماكان ھالقىغان سۆھبەتنى جىمجىت نامايان قىلىپ تۇراتتى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى چۈشەندۈرگۈچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەرنى سورىدى، ئىگىلىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: بۇ جايدا جۇڭگونىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە شانلىق مەدەنىيىتىنى كۆردۇق.

ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر چۈشەندۈرگۈچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا يول تىرانسپورت مۇلازىمەت كۆزنىكى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى، ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىسادى رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ قۇرۇلۇش نەتىجىلىرىنى سۈرەتكە ئېلىپ خاتىرىلىدى ھەم قۇرۇقلۇق پورت رايونىدىكى جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش ئەھۋالى ۋە سودا مىقدارى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ خىزمەتچى خادىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

سانجى شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسىغا كىرگەندە، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى دەرھال بۇ جايدىكى ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغان شاڭجاۋ، خولۇڭگو، لىمون، ليەنۋۇ قاتارلىق ئىسسىق بەلباغ ئۆسۈملۈكلىرى ھەمدە بۇرمىسىمان تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش، ئىستېرېئو رېلىس شەكلىدە ئۆستۈرۈلگەن كۆكتات مۇنارىدىن ھەيران قالدى ھەم شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىغا يۈكسەك باھا بەردى.

«ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە، مەن ئىككىنچى قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ، بۇ جايدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بايقىدىم، ھەممە ئىشلار بارغانسېرى ياخشىلىنىپتۇ». «بىرمىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى» ناملىق كىتابنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى ئەي چيەن مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولۇپ كېتىپتۇ، شەھەر مەنزىرىسىنىڭ دەرىجىسى ئۆسۈپتۇ، كىشىلەرنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم تېخىمۇ جىلۋىلىنىپتۇ، «مەن دۆلىتىمگە قايتقاندىن كېيىن، كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىمنى ياخشى رەتلەپ، تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىمەن، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ھەقىقىي، گۈزەل شىنجاڭنى تونۇشتۇرىمەن».

«شېئىرىي تۈسكە تولغان جۇڭگو غەربىي قىسىم سەپىرى» بويىچە 2025- يىللىق بىرما تاراتقۇلىرى جۇڭگوغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولۇش پائالىيىتىنى جۇڭگونىڭ بىرمىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، يۈننەن ئۆلكىسى جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونى خەلقئارا تارقىتىش مەركىزى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، 4- ئاينىڭ 23- كۈنى بۇ پائالىيەت كۇنمىڭ شەھىرىدە باشلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125