بوران- چاپقۇن توسۇيالمايدىغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۆتۈرەڭگۈ روھنى ئۇرغۇتايلى
11:23:27 2025-05-04 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئەمگەك شان- شەرىپى كۆزنى ئالاھىدە قاماشتۇرىدۇ، كۈرەش كۈچلۈك ساداسى كىشىنى روھلاندۇرىدۇ. «1- ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن داغدۇغىلىق يىغىن ئېچىپ، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم ۋەكىللەرگە شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى، يۈز مىليونلىغان خەلقنى يېڭى مۇساپىدە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ۋە بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى.

قاينام- تاشقىنلىققا تولغان جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىغا نەزەر سالساق، «سۈنئىي سامانيولى» قىزىل بايراق ئۆستىڭىگە لىنشيەنلىكلەرنىڭ تەقدىرگە تەن بەرمەيدىغان، يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان، تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتى پۈتۈلۈشتىن قەدىمكى چۆل- باياۋاندىكى داچىڭ نېفىتلىكى تۆمۈر ئادەم ۋاڭ جىنشىنىڭ «20 يىل ئاز ياشاشقا رازىمىزكى، جان تىكىپ بولسىمۇ چوڭ نېفىتلىكنى بويسۇندۇرىمىز» دېگەن مەردانە قەسىمىگە گۇۋاھ بولۇشقىچە، يەنە يېڭى دەۋردە نامراتلارنى يۆلەش بويىچە نەچچە مىليون كادىرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىرىنچى سېپىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن تۆھپە قوشۇپ، جاپالىق ۋە ئەمەلىي ئىشلىشىگىچە ... دەل پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما مىسلىسىز تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى ئۇرغۇتۇپ، قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدىغان جاسارىتىگە تايىنىپ، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان جاھان مۆجىزىلىرىنى ياراتتى.

ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ جانلىق ئىپادىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۆتۈرەڭگۈ ھالەتتە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. بۇ قېتىم تەقدىرلەنگەن مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ئىچىدە، پەن تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى سېپىدە 20 يىل يىلتىز تارتقان تېخنىكا مۇتەخەسسىسى چېڭگىل جىرغال دۆلىتىمىز پولات- تۆمۈر ساھەسىنىڭ تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە يېشىل تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى؛ باتۇرلۇق بىلەن مەملىكەتلىك كۆمۈرچىلىك ساھەسى بويىچە كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ گاز تەكشۈرۈش ئىشچىسى ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كۆمۈر كان ئىشچىسى چېن چېنگۇاڭ «قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا شۇ كەسىپنى سۆيۈپ، قايسى كەسىپنى تەتقىق قىلسا شۇ كەسىپكە بېرىلىش»تەك بوشاشماس ئىنتىلىشىنى جانلىق ئىزاھلاپ بەردى؛ ھۈنەرۋەن روھىدا چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي تېخنىكا ساھەسىدىكى يادرولۇق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان رەقەملىك تىزگىنلەش ئىستانوك ئىشچىسى ۋېن جاۋخۇي كامالەتكە يەتكەن ھۈنىرى بىلەن جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ نام كارتىسىنى جۇلالاندۇردى ... ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نەمۇنىلىك ھەرىكىتى ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتى ئارقىلىق ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنىڭ دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى جانلىق ئىزاھلاپ، يېڭى دەۋر دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ يېپيېڭى سالاپىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، ئۇلار خەلقنىڭ ئۈلگىسى، دۆلەتنىڭ تۈۋرۈكى بولۇشقا مۇناسىپ.

جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان يېڭى مۇساپىدە ئىستىقبالىمىز چەكسىز پارلاق، لېكىن ئىلگىرىلەش يولىمىز ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ. بىز شۇنى چوڭقۇر بىلىمىزكى، مۇۋەپپەقىيەت مېۋىسىنى ئاسانلا قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، ئۇلۇغ ئىشنى ئاسانلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. «گالنى بوغىدىغان» ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىشتىن زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ دۇنياۋى قىممەت زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى پەللىسىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشقىچە، يەنە دۆلەت ئىچى ئىقتىساد خىزمىتى ۋە خەلقئارا ئىقتىساد- سودا كۈرىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئېنىقلىق ئارقىلىق تاشقى مۇھىتتىكى كەسكىن ئۆزگىرىۋاتقان ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشقىچە، ھەممىسىدە بىزنىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، بوران- چاپقۇن توسۇيالمايدىغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۆتۈرەڭگۈ روھنى ئۇرغۇتۇپ، قانچە جاپالىق، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان غەيرەتكە كېلىپ، زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا ئىلگىرىلەش يولى ئېچىپ، خىرىسنى يېڭىش داۋامىدا يېڭى پۇرسەت يارىتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىدىغان، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىجادىيەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ. پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارارى»دا «ئەمگەكچىلەرنىڭ مائاشىنى بېكىتىش، مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش، بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش»، «ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش» قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇلتۇر 10- ئايدا بېسىپ تارقىتىلغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى»دە «ئەمگەك شەرەپلىك، ماھارەت قىممەتلىك، ئىجاد قىلىش ئۇلۇغ دەيدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش» نىشانى چۆرىدىلىپ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بىز ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە كەڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، ئەمگەك ئەڭ ئالىيجاناب، ئەمگەك ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمگەك ئەڭ گۈزەل دېگەننى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇپ، پۈتكۈل خەلقنى تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش، سەمىمىي ئەمگەك قىلىش، ئىجادىي ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «دەۋر ئوخشىمايدۇ، بۇرچ ۋە ۋەزىپىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئەمما جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش روھى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ.» 100 يىل ئىلگىرىكى «كۈرەش قىلايلى، كۈرەش قىلايلى، ئاداققىچە كۈرەش قىلايلى» دېگەن شوئاردىن بۈگۈنكى كۈندە «ئىجاد قىلىش ئارقىلىق يېڭى دەۋرگە قۇچاق ئاچايلى، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يېڭى شانلىق نەتىجە يارىتايلى» دېگەن چاقىرىققىچە، توختىماي كۈرەش قىلىش، توختىماي ئىجاد قىلىش باشتىن- ئاخىر تارىخنىڭ كۈچلۈك ساداسى، دەۋرنىڭ ئالدىن ساداسى بولۇپ كەلدى. يېڭى مۇساپىدە، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەردىن ئۆگىنىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن دادىل ئالغا ئىلگىرىلىسەك، مۇقەررەر يېڭى نەتىجە يارىتىمىز، تېخىمۇ زور شان- شەرەپ قۇچىمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125