«ياخشىمۇسىز FM949» ناملىق فىلىمنى ئالدىن نۇقتىدا قويۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
11:31:38 2025-05-04 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىنخۇڭ) 4- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، تىيانشان كىنو ئىسىتۇدىيەسى بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالغان «ياخشىمۇسىز FM949» ناملىق فىلىمنى ئالدىن نۇقتىدا قويۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، 300دىن ئارتۇق كىشى فىلىمنى كۆردى.

بۇ فىلىمدە ئېلېكتىر دولقۇنى ۋاسىتە قىلىنىپ، دەۋر ئىزنالىرى قالدۇرۇلغان ئۈچ بۆلەك شىنجاڭ ھېكايىسى ئۆزئارا باغلانغان. رېژىسسور شىرزات ياقۇپ مۇنداق تونۇشتۇردى: «ياخشىمۇسىز FM949» ناملىق فىلىمدە ئەنئەنىۋى تەرتىپلىك بايان قىلىش شەكلىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، رادىيو ئىستانسىسى پىروگراممىسىنى رامكا قىلىش ئارقىلىق، ئۈچ مۇستەقىل ھېكايىنى ئەپچىللىك بىلەن بىر- بىرىگە باغلاپ، «ھېكايىنى ھېكايىگە كىرىشتۈرۈش»تىن ئىبارەت قاپلىما شەكىللىك قۇرۇلمىنى شەكىللەندۈردۇق. فىلىمگە FM949 رىياسەتچىلىرىنىڭ ئاۋازى باشتىن- ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن، ئۇلار ھەم ھېكايىنى بايان قىلغۇچىلار، شۇنداقلا كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھېسسىياتىنى يېتەكلىگۈچىلەر بولۇپ، كۆرۈرمەنلەرنى خۇددى بىۋاسىتە ئاڭلىتىش ئۆيىدە تۇرغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئاڭلىغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئاڭلاپ، بىرلىكتە تەسىرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

كۆرۈش سېزىمى ئارقىلىق نامايان قىلىش جەھەتتە، فىلىمدە ئۇلۇنگۇر كۆلىنىڭ مۇز كۆل ئاجايىپ مەنزىرىسى، ئىلى يايلاقلىرىنىڭ قىش پەسلىدىكى كۆركەم، گۈزەل مەنزىرىسى، خوتەن بوستانلىقلىرىدىكى سەھرا مەنزىرىسىنىڭ ھەممىسى كامېراغا مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، قىشلىق بېلىق تۇتۇش مۇراسىمى قاتارلىق خاس مەدەنىيەت- ساياھەت مەنزىرىلىرىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ، كۈچلۈك يەرلىك پۇراققا ئىگە كۆرۈش سېزىمى كاتتا مەرىكىسى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن.

بەدىئىي ئىپادىلەش جەھەتتە، فىلىمدە تەپسىلاتلارنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق باش تېما كۈچەيتىلگەن − دۇربۇنغا ئىككى ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ مېھىر- مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن، فوتو ئاپپاراتىغا ياشلىقتىكى ئەپسۇسلىنىش قالدۇرۇلغان، 10 مىڭ مېتىر ئېگىز ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئايروپىلان بۆلمىسىدە ھاياتلىق ئۈمىدى يەتكۈزۈلگەن، ئەسلىمىلەر مۇجەسسەملەنگەن بۇ ھېكايىلەر زامان- ماكان ھالقىغان مېھىر- مۇھەببەتنى تۇتاشتۇرىدىغان رىشىتىگە ئايلانغان.

سېنارىست لى مۇشى مۇنداق بىلدۈردى: فىلىم ئاددىي كىشىلەرنىڭ كۆرۈش نۇقتىسىدىن باشلانغان بولۇپ، ئىللىق، كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان بايانلار ئارقىلىق يادرولۇق قىممەت قارىشى يەتكۈزۈلگەن، ئۆزگىرىشچان تەقدىر ئازاب ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، لېكىن شىنجاڭ تۇپرىقىدا مەڭگۈ كەم بولسا بولمايدىغان دوستلۇق ۋە مېھىر- مۇھەببەت ھامان بارلىق يارىنى ساقايتىدۇ. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق سەرگۈزەشتىسىدىن شەكىللەنگەن ھېسسىيات جەھەتتىكى ئورتاقلىق دەل جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ جانلىق ئىزاھاتى.

«فىلىم ماڭا ئىللىقلىق بېغىشلىدى ھەم تەسىرلەندۈردى». كۆرۈرمەن نيۇ سىيۈەننىڭ پۈتۈن توردا 300 مىڭ مەستانىسى بار بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ ھېكايىسى ۋە ھارارىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تېخىمۇ كۆپ فىلىمنىڭ قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

كىنو- تېلېۋىزىيە مائارىپى بىلەن كۆپ يىل شۇغۇللانغان ۋۇ يۈشيا بۇ فىلىمدە ئىپادىلەش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىلغانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئۈچ ھېكايە قارىماققا مۇستەقىلدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىنى ئورتاق ياڭراتتى. مەيلى دەۋر ھالقىغان يارىشىش بولسۇن ياكى كۆپچىلىك قول تۇتۇشۇپ تاڭشەندىكى يەر تەۋرىگەن ئاپەت رايونىغا ياردەم بېرىش بولسۇن، شۇنداقلا 10 مىڭ مېتىر ئېگىز ھاۋا بوشلۇقىدا ھەر مىللەت ئامما ھايات ـ ماماتلىق قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش بولسۇن، ھەممىسى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانار دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقانلىقىنىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى جانلىق ئىزاھلاپ بەردى.

تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جىڭ لۇجوۋ مۇنداق بىلدۈردى: «ياخشىمۇسىز FM949»نى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، «ئاددىي شەخسلەر، چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببەت، ئاكتىپ ئېنېرگىيە»دىن ئىبارەت ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللەنگەنلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تېخىمۇ كۆپ جانلىق ھېكايىلەرنى قېزىپ چىقىپ، تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، شىنجاڭ ياخشى ھېكايىلىرىنى تېخىمۇ كۆزنى چاقنىتىدىغان نۇر چاچقۇزىمىز.

بۇ فىلىمنى تۇنجى قويۇش پائالىيىتى 5- ئاينىڭ 10- كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125