− يېڭى دەۋردىكى ياشلارنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ تۆھپە قوشۇشى- نەتىجە يارىتىشىغا نەزەر
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خې جۈن، سۈن جې، چۇ خاڭ
تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى سەھەرلەر ياشلارنىڭ قەدەملىرى ئىچىدە ئۇيقۇدىن ئويغاندى.
21- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن بۇيان، دۆلەت ئىچكى رايوندىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار، تاللاپ ئىشقا قويۇلغان ئوقۇغۇچىلار، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئىچكى رايونلاردىكى ئىرادىلىك زاتلارنى چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، غەربىي شىمال چېگرا رايونىغا ئاتلىنىپ يىلتىز تارتىپ ئۆزىنى بېغىشلاشقا، تۆھپە قوشۇش- نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى، يېتەكلىدى.
2020- يىلى، جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن 118 ئوقۇغۇچى قەتئىيلىك بىلەن شىنجاڭغا بېرىپ ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىشنى تاللىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ساۋاقداشلارنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى تاللىشىنى قوللىدى، ئۇلارنى «ئۆزلىرىنىڭ غايە- ئىنتىلىشىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇش»قا رىغبەتلەندۈردى.
تەجرىبىخانىدىن ئېگىزلىككىچە، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر تورىدىن بۇلۇت تېرمىنالى چارۋىچىلىق مەيدانىغىچە، شىنجاڭنىڭ 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار فوندى «كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى»غا ئايلانغاندا، «تىيانشان تالانتلىقلىرى» قاتارلىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش پىلانى «يۇقىرى ئورۇنغا ئۆرلەش شوتىسى» بەرپا قىلغاندا... يېڭى دەۋردىكى ياشلار ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىدە ئۆزگىچە كىشىلىك ھاياتىنى پۈتمەكتە، ئۇلار كەسپى ۋە چىڭ تۇرۇشى ئارقىلىق كىشىلەرگە بۇ جاينىڭ ئارزۇدىكىدەك جاي بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئىگىلىك تىكلەيدىغان مۇنبەت تۇپراق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇلار قالدۇرغان ھەربىر ئاياغ ئىزى ئوخشاش بىر مەسىلىگە جاۋاب بەرمەكتە: يېڭى دەۋردىكى «ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بېرىش» دېگەن نېمە؟
چېگرا رايوندا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياشلىق باھارىنى ئارمانسىز ئۆتكۈزۈش
«ئوكسىگېن يېتىشمەيدۇ، ئۇلترا بىنەپشە نۇر بولسا يېتەرلىك.» 23 ياشلىق خۇاڭ خۇيرۇ ئۆزىنىڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى تۇرمۇشىنى مۇشۇنداق تەسۋىرلىدى.
2024- يىلى 8- ئايدا، 45 نەپەر ياش داشۆ ئوقۇغۇچىسى پىدائىيسى دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدىغان تاشقورغانغا كەلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 96 ناھىيە، شەھەر، رايوننى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار غەربىي قىسىم پىلانى تۈرى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
تۇنجى قېتىم ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا، ئېگىزلىك رېئاكسىيەسى گەنسۇلۇق بۇ قىزنى دەسلەپتىلا چۆچۈتۈپ قويدى − بېشى يېرىلىپ كەتكۈدەك ئاغرىش، نەپەس ئېلىشى قىيىن بولۇش، ئوكسىگېن شالاڭ بولۇش، ئادەمنى كۆيدۈرىدىغان ئۇلترا بىنەپشە نۇر ئۇنىڭ ئىرادىسىنى سىناۋاتاتتى. ئەمما خۇاڭ خۇيرۇ ۋە ھەمراھلىرى خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىشتەك خىزمەت ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي قەتئىي داۋاملاشتۇردى، چارۋىچىلار «رەھمەت» دېگەندە، ئۇ پامىر ئېگىزلىكىدىكى چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە ئىلھاملاندۇرۇشنى ھېس قىلدى.
«ئېگىزلىكتىكى بۇ بىر يىل ھاياتىمدىكى ئەڭ تېز ئۆسۈپ يېتىلگەن بىر يىل بولدى» دېدى ئوخشاشلا بۇ ناھىيەدە مۇلازىمەت قىلىدىغان پىدائىي ۋاڭ بىڭ. خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان دۆلەت ئېتىقادى بۇ ياش قوشۇنغا تىرەك بولماقتا ئىدى، ئاساسىي قاتلامدا بىر يىلغا يېقىن چېنىققاندىن كېيىن، ئەڭ دەسلەپكى 45 پىدائىينىڭ 43ى ۋاقىتنى ئۇزارتىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلدى.
20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئارقا- ئارقىدىن شىنجاڭغا كېلىپ مۇلازىمەت قىلغان، ئىشقا ئورۇنلاشقان ياشلار توپىدىكى ئادەم سانى جەمئىي 100 مىڭدىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە %90تىن كۆپرەكى ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلدى، %70تىن كۆپرەكى جەنۇبىي شىنجاڭدا قالدى.
2005- يىلى يازدا، بىر يېشىل رەڭلىك پويىز 900دىن ئارتۇق ياش ئوقۇغۇچىنى ئېلىپ، شەندۇڭ جىنەندىن شىنجاڭغا قاراپ ئاستا- ئاستا يولغا چىقتى. ۋاگوندا 25 ياشلىق لى فېي دېرىزىگە يۆلىنىپ ئولتۇراتتى. ئۇ شەندۇڭ داشۆنىڭ تېببىي بۆلۈمىنى ئەمدىلا پۈتكۈزگەن بولۇپ، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانىغا قاتنىشىشقا تىزىملىتىپ شىنجاڭ ئىلىغا كېتىۋاتقانىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئىلگىرى پويىزدا قىستىلىپ ئولتۇرغان بۇ ياش مۇلازىمەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن قېلىشنى تاللاپ، 20 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلدى، ئۇلارنى دىياگنوز قويۇپ داۋالىدى.
«نۇرغۇن كىشىگە ئوخشاش، بۇ جايدا قانچە ئۇزاق تۇرغانسېرى ئايرىلىشقا شۇنچە كۆزىمىز قىيمايدۇ.» ئەڭ دەسلەپكى بىر تۈركۈمدىكى پىدائىي بولۇش سۈپىتى بىلەن، لى فېي تۈركۈم- تۈركۈم پىدائىيلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە گۇۋاھ بولدى. «گەرچە بىز جاي- جايلاردىن كەلگەن بولساقمۇ، ھازىر ھەممىمىزنىڭ ئىلىلىقلار دەيدىغان ئورتاق سالاھىيىتىمىز بار».
تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالىدا چوڭ- چوڭ ئىشلارنى قىلىش
تىيانشان ئېتىكى، يېرىم كېچە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە پەن تەتقىقات ئورنى تەجرىبىخانىسىدىكى ئېكران يورۇق تۇراتتى.
چۇڭچىڭلىق قىز ۋۇ شياۋفاڭ ھەربىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىگە تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق بىر ئامىلنى بوش قويۇۋەتمىدى. ئۇ 2023- يىلى شىئەن قاتناش داشۆسىدە دوكتورلۇقنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ، شىنجاڭغا كېلىشنى تاللىدى. ئۇ 30 ياشقا كىرگەن بولۇپ، كۆپ قېتىم تۇنجى يۈرۈش تور تەشكىللەش تىپىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى تەقلىد قىلىش ۋە سىناق قىلىپ تەھلىل قىلىش تۈرىگە چوڭقۇر قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق توكنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىكى 3- يولى − «باركۆل- چۇڭچىڭ يۈبېي رايونى تۇراقلىق توك» تۈرىنىڭ مۇقىملىقىنى ھېسابلاش ۋەزىپىسىگە پائال قاتنىشىپ، «ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يىپەك يولى»دىكى بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملىدى.
«باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە بولۇپ، تېخىمۇ يېتەرلىك چېنىققىلى ۋە ئۆسۈپ يېتىلگىلى بولىدۇ.» ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن كەسپىي بىلىمىمنى ۋەتەن تېخىمۇ ئېھتىياجلىق جايدا ئىشلىتىپ، بۇ جايدا ئۆز كۈچۈمنى تەقدىم قىلىشنى خالايمەن». ۋۇ شياۋفاڭنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە نەتىجىسى ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىپ، شىنجاڭ «بوغدا كۆلى تالانتلىقلىرى» ئىختىساسلىقلار پىلانىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللاندى.
تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قېلىش، ئىختىساسلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىش ئۈچۈن، شىنجاڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سىياسەت كاپالىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇردى. 10 مىليارد يۈەنلىك شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىپ، «5 + 2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويدى. «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇش قاتارلىق مۇھىم ئېھتىياجنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ «تىيانشان تالانتلىقلىرى» يېتىشتۈرۈش پىلانى، «بوغدا كۆلى تالانتلىقلىرى»نى كىرگۈزۈش پىلانىدىن ئىبارەت ئىككى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئىختىساسلىقلار پىلانى ھەم بەش مۇھىم ئىختىساسلىقلار تۈرىنى تەسىس قىلىپ يولغا قويۇپ، «ئۇستاز شاگىرتنى يېتەكلەش» «ياش ماركسىزمچىلارنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشى» قاتارلىق تەربىيەلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كەسىپ زەنجىرى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەربىر ياشلىق باھارىنى بېغىشلىغۇچىلارنى چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
ۋاڭ لياڭجې تۇرۇشلۇق جىچىڭ نېفىتلىك مەشغۇلات رايونى دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق فاتسىيەلىك سىلانېتس مېيى ئېلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى. 2023- يىلى، ئۇ مەشغۇلات رايونى ياشلار زەربىدارلار ئەترىتىگە كىردى ھەم چارلاش زەربىدارلار گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالدى. تېخىمۇ ئىلغار تېخنىكىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇ ماتېرىيال ۋە سايمان لىق قاچىلانغان سومكىنى يۈدۈپ، پۈتكۈل مەشغۇلات رايونىدىكى 440 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان قۇدۇق مەيدانىنى ئايلىنىپ چىقتى. سانلىق مەلۇمات تەھلىلىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا تايىنىپ، ۋاڭ لياڭجې ۋە ئەترەت ئەزالىرى ئەلا سۈپەتلىك زاپاس قاتلامنى بۇرغىلاش نىسبىتىنى %87.3كە ئۆستۈردى. ئۇ ۋە ساۋاقداشلىرى بارغانسېرى «شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ بىپايان تۇپراقنىڭ دەل كارامىتىنى تولۇق ئىشقا سالىدىغان سەھنە» ئىكەنلىكىنى شۇنچە ھېس قىلدى.
بۇ يىل 1- ئاينىڭ 16- كۈنى، «شىنجاڭنىڭ 1000 نەپەر دوكتور ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش پىلانى» شېنجېندا باشلىنىپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارغا بولغان جىددىي ئېھتىياجى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇلۇپ، تۇنجى قاراردا ئاز دېگەندە 1000 نەپەر دوكتور ئىختىساسلىق قوبۇل قىلىندى. بۇ، شىنجاڭ يەنە بىر قېتىم قويۇپ بەرگەن دانىشمەنگە تەشنا بولۇش كۈچلۈك سىگنالى ھېسابلىنىدۇ.
«بىز نېفىت- تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، چوڭ يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق يادرولۇق كەسىپلەر توپىدا تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار يىلتىز تارتىپ ئۆسۈپ يېتىلىدىغان خىزمەت مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە دوكتور ئىختىساسلىقلارنىڭ كەلگۈسى كەسپىي تەرەققىياتى، پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى ئىلتىماس قىلىش، ئىلىم ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى قاتارلىقلارغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەردۇق.» شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مو ۋېيگاڭ مۇنداق دېدى: «بۇ جاي بەلكىم بىرىنچى قاتاردىكى شەھەرلەردەك ئاۋات بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ياش ئىختىساسلىقلارنى <ۋەزىپىنى بالدۇر زىممىگە ئالىدىغان، تېز ئۆسۈپ يېتىلىدىغان> ئۆزگىچە تۇپراق بىلەن تەمىنلەيدۇ».
شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇق تەتقىقات ئورنىدا، ياش ئىختىساسلىقلار ئوقەتچىلىك ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئېسىل ئەنئەنىسى ھەم بازغانچىنىڭ بېلى جەزمەن چىڭ بولۇش روھىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭ ھەتتا غەربىي شىمال رايونىنىڭ ماتېرىيالنى شەكىلگە كەلتۈرۈش ۋە جابدۇق، كان قېزىشقا دائىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇقلار، ئاۋىياتسىيە ئۇچقۇسى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەرنىڭ جىددىي ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچەپ، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلدى.
«باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭ تېخىمۇ كەڭ ھاۋا بوشلۇقى ۋە بىر قەدەر ياخشى ئاساسىي شارائىتقا ئىگە، يەرلىكنىڭ ھەممىباب ئاۋىياتسىيەگە بولغان ئېھتىياجى ناھايىتى زور.» تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاۋىياتسىيە ئۇچقۇسى تەتقىقات مەركىزىدە خىزمەت قىلىدىغان تەييۈەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇشى كەسپى بويىچە دوكتور ئاشتى فەن ياۋياۋ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ جايغا كېلىشىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىك شۇكى، ئەمەلىيەتكە يۈزلىنەلەيمىز، مەكتەپتە ئۇچرىتالمايدىغان نۇرغۇن رېئال مەسىلىلەر بىلەن ئۇچراشتۇق. كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ يېقىنلىشىشنى، بازارغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن».
مۇنبەت تۇپراقتا يىلتىز تارتىش، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش
«نامرات جايغا ھېچكىم كەلمىسە، ئۇ جاي مەڭگۈ نامرات پېتى تۇرۇۋېرىدۇ».
2000- يىلى، خېبېي باۋدىڭ شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن پاڭ شېڭلى قاتارلىق 15 ئوقۇغۇچى غەربىي قىسىمغا بارىدىغان پويىزغا چىقتى. بەش كۈندۈز- تۆت كېچە، 3300 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ، ئاخىر قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدىكى چەرچەن ناھىيەسىگە كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. ئۇ چاغدا، چەرچەندە بىر يىلنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدا چاڭ- توزان كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى، شۇ جايدىكى ئامما بوران چىقىشتىن قورقۇپ، «بوران چىقسىلا يەنە بىر نەچچە ئوقۇتقۇچىنى ئۇچۇرۇپ كېتەرمۇ» دەپ ئەنسىرەيتتى. ھالبۇكى، بۇ بىر تۈركۈم ياش ئوقۇتقۇچىلار مۇنبەردە شۇ تۇرغىنىچە 25 يىل تۇرۇپ، شۇ جايدىكى پۇقرالار تەرىپىدىن «بوران ئۇچۇرۇپ كېتەلمەيدىغان ئوقۇتقۇچى»لار دەپ ئاتىلىپ، بىپايان تۇپراققا چەكسىز ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى.
«ئەڭ دەسلەپكى ئاشۇ يىللاردا، مەن دائىم بالىلارغا قۇملۇقتىن چىقىپ، تېخىمۇ كۆپ جايلارغا بېرىپ كۆرۈپ كېلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتىم. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، بىزنىڭ مائارىپ ئىدىيەمىزدىمۇ ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، ئۇلارنى سىرتقا چىقىپ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، ئاندىن قايتىپ كېلىپ يۇرتىنى گۈللەندۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردۇق، چۈنكى چەرچەننىڭ تەرەققىياتى ئىختىساسلىقلارغا ئېھتىياجلىق» دېدى پاڭ شېڭلى.
20 نەچچە يىلدىن بۇيان، چەرچەنگە كېلىپ ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تۈركۈم- تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلار تەربىيەلەپ ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى جەمئىي 9000دىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 3000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى چەرچەنگە قايتىپ كېلىپ، شۇ جايدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەردە رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇلتۇر باھاردا، شۇ جايدىكى شورلۇق سۇنى دېڭىز سۈيىدەك قىلىپ ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بىر كارخانا چەرچەندىكى قۇملۇقتا سۇ مەھسۇلاتلىرى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق بازىسى قۇردى، بۇ تۈرنىڭ مەسئۇلى دەل مۇشۇ ئوقۇتقۇچىلار تەربىيەلەپ چىققان بىر «شوخ بالا» ئىدى.
2007- يىلى داشۆگە ئۆتۈپ شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، ۋاڭ خۇي ئۈمىدكە تولغان بۇ تۇپراقنى ئىچ- ئىچىدىن ياقتۇرۇپ قالدى. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن خوتەن ناھىيەسىدە بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە بولۇش پۇرسىتىدە، ئۇ بۇ جاينىڭ قارىماققا ئىنتايىن ئۈنۈمسىز شورلۇق يەردەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە غايەت زور ئېچىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى سەزگۈرلۈك بىلەن بايقىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ۋاڭ خۇي قۇملۇق شورلۇق يەر سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش سەپىرىنى باشلىدى. بۇلتۇر، ئۇنىڭ كوللېكتىپى پۈتۈنلەي يېڭى ئېكولوگىيەلىك قىسقۇچپاقا باقمىچىلىقى ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بەش ئاي كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق مول ھوسۇل ئېلىپ، 1 مىليون 800 مىڭ يۈەن مەھسۇلات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇردى، مەھسۇلات سۈپىتى بازارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
«مەن ئىلگىرى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلاتتىم، ھازىر يۇرتنى گۈللەندۈرۈشتىمۇ ئوخشاشلا چوڭ- چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدىم.» ۋاڭ خۇينىڭ ئەمەلىيىتى خوتەندە يېزا ئىگىلىكنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى ياشلارنىڭ يۇرتنى گۈللەندۈرۈش قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى. كوللېكتىپنىڭ ئەزاسى گۈلئەتىر نۇرۋاقى مۇنداق دېدى: «بىز ئىلغار سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپلا قالماي، كىرىمىمىز مۇقىم، كۆرۈنەرلىك بولدى، تېخىمۇ مۇھىمى يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ قوشالىدۇق. ئىلگىرىكى بۇ شورلۇق يەرنىڭ <بايلىق كانى>غا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ، بىز ناھايىتى غەيرەتكە تولدۇق!»
تېخىمۇ كۆپ «يىلتىز تارتقۇچى»لار ئۆسۈپ يېتىلمەكتە، ئۇلار ئۇچقۇندىن يانغىن چىققاندەك، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، بۇ تۇپراقنى ئوزۇقلاندۇرۇپ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتماقتا.
«بۇ جايدا مەن سانسىزلىغان ئۇششاق ئۇرۇقلارنىڭ تۇپراقتا كۈچ توپلاۋاتقانلىقىنى، بىر قېتىملىق باھار يامغۇرىدىن كېيىن، دۇنياغا چەكسىز بۈك- باراقسانلىق بېغىشلاشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بوستانلىقلار تۇتاشقاندا، بىز ئاخىر شۇنى چۈشىنىپ يېتىمىزكى، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان يىلتىزلارنىڭ ھەممىسى تۇپراقتا بىر- بىرى بىلەن زىچ گىرەلىشىپ كېتىدۇ.» بۇلتۇر خېبېيدىن خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۇل يېزىسى باكىدۆڭ كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن جاڭ شۇفاڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇشۇنداق يازغانىدى.
ئۇلارنىڭ قەدەم ئىزلىرىنىڭ ئۇلىنىشى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال چېگراسىنىڭ كەلگۈسى مەنزىرىسى بولۇپ قالىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 5- ئاينىڭ 3- كۈنى تېلېگراممىسى)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)