بىر دەستە ئۈمىد نۇرى، لاۋۇلداپ تۇرغان ياشلىق يالقۇنى
11:06:12 2025-05-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتى توغرىسىدا

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يەن شياۋتيەن، پىراكتىكانت لىن شياڭچېڭ

 «باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى كۆرگەن ئاشۇ دەقىقىدە، بىز ھەممىمىز ھاياجانلانغىنىمىزدىن قۇچاقلىشىپ كەتتۇق، نۇرغۇن ئەترەت ئەزاسى يىغلاپ كەتتى». ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىدىكى پىدائىي ۋاڭ يىجى مۇنداق دېدى: بۇ، شىنجاڭدىكى ياشلار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياشلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن ئۆمۈر بويى ئۇنتۇلغۇسىز بايرام ئەسلىمىسى بولدى.

5- ئاينىڭ 3- كۈنى، ئاتۇش شەھىرى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى مەركىزىدە، باش شۇجىغا خەت يازغان شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى يان تېلېفون ئارقىلىق باش شۇجىنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنى ئۆگەنمەكتە. ياڭ جيې فوتوسى

 ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بېرىپ رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز

 5- ئاينىڭ 3- كۈنى، ئوتتۇرىچە يېشى 24 ياش بولغان 23 غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسىدىن تەشكىللەنگەن بۇ چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت ئەترىتى شەرەپ بىلەن 2025- يىللىق «جۇڭگو ياشلار 4- ماي مېدالى كوللېكتىپى» نامىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، يەنە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇ جاۋاب خەت خۇددى بىر دەستە ئىللىق نۇرغا ئوخشاش، بۇ بىر توپ ياشنىڭ چېگرا رايون مائارىپىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى كۈرەش يولىنى يورۇتتى.

 «خەتتىكى ھەربىر سۆزنىڭ ھەممىسى بىزگە خەلق داھىيسىنىڭ ياشلاردىن كۈتكەن ئۈمىدى ۋە ئىشەنچىنى ھېس قىلدۇردى.» پىدائىي يەن زېفېڭ جاۋاب خەتنى قايتا- قايتا قېتىرقىنىپ ئوقۇپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «<ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بېرىپ رولۇڭلارنى تولۇق جارى قىلدۇرۇڭلار> دېگەن بۇ جۈملە سۆز بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تاللىشىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى».

 ئۈچ يىل ئىلگىرى، تەييۈەندىن كەلگەن بۇ يىگىت شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 5- يىللىق سىنىپىغا تۇنجى قېتىم كىرگەندە، ئۇچراتقىنى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ئاساسى ئاجىز، تىل- ئەدەبىيات ئوتتۇرىچە نومۇرى ئاران 25.48 بولغان بىر تۈركۈم قىرغىز مىللىتىدىن بولغان ئوقۇغۇچىلار ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن بۇ سىنىپنىڭ تىل- ئەدەبىيات ئوتتۇرىچە نومۇرى لاياقەتلىك نومۇرىغا يەتتى. «ھەر قېتىم بالىلارنىڭ ئۆلچەملىك پۇتۇڭخۇادا تېكىستنى ئۈنلۈك ئوقۇغىنىنى ئاڭلىغىنىمدا، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن چاقناپ تۇرغان بىلىم ئېلىشقا بولغان ئىنتىلىش نۇرىنى كۆرگىنىمدە، بارلىق ئەجىرىمنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلىمەن».

 پىدائىيلار گەرچە تۇنجى قېتىم باشقىلارغا ئۇستاز بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، شۇ جايدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ماس كېلىدىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇش، كۆرۈنۈشلۈك ئوقۇتۇش قاتارلىق زامانىۋىلاشقان مائارىپ ۋاسىتىلىرىنى كىرگۈزۈپ، زېرىكىشلىك بىلىنىدىغان بىلىملەرنى جانلىق، قىزىقارلىق قىلدى. بولۇپمۇ ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا پىدائىيلار شۇ جاينىڭ تۇرمۇش كۆرۈنۈشىنى بىرلەشتۈرۈپ، «قوي بېقىپ قوي ساناش»، «يەر بۆلۈپ كۆكتات تېرىش» قاتارلىق ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئابستراكت ماتېماتىكىلىق ھېسابلاشنى چۈشەندۈرۈپ، بالىلارنى ئازادە كەيپىياتتا بىلىم ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

 ئوقۇتۇشتىكى قىيىن ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتتى، لېكىن بۇ مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ لاياقەتلىك بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

 بالىلارنىڭ ئارزۇسىنى يالقۇنجىتىدىغان چوغ بولۇشنى خالايمىز

 جۇڭگو- قىرغىزىستان چېگرا لىنىيەسىگە 47 كىلومېتىرلا كېلىدىغان شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى 288 نەپەر قىرغىز مىللىتىدىن بولغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ھېكايىسى پىدائىيلار ئەڭ ئىپتىخارلىنىدىغان مۇۋەپپەقىيەت.

 «جاۋاب خەتتە <دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش> كېرەكلىكى تىلغا ئېلىندى، بۇ دەل بىزنىڭ ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئېتىقادىمىز». پىدائىي لياۋ جيالى مۇنداق دېدى: «ئېسىمدە قېلىشىچە، تۇنجى قېتىم ئائىلە زىيارىتى قىلغاندا، چېگرا قوغدىغۇچى بىر ئانا قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ: <بالامنى سىزگە تاپشۇردۇم، مەن چېگرانى چارلاشقا بارىمەن> دېگەنىدى. ئاشۇ پەيتتە، مەن بۇ يەرگە كېلىشىمىزنىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانىدىم».

 پىدائىي ياۋ جىگې پۈتۈن مەكتەپنىڭ ئىلىم- پەن دەرسى ئوقۇتۇشىغا مەسئۇل بولۇپ، ئۇ بالىلارنى يېتەكلەپ تەجرىبە ئىشلىدى، يۇلتۇزلۇق ئاسماننى تاماشا قىلدى. «جاۋاب خەتتە <قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت يېتىلدۈرۈش> كېرەكلىكى تەكىتلەندى، بۇ بىزنى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان قىلدى». ئۇ سىنىپتىكى ئۆزى ياسىغان ئوقۇتۇش قوراللىرىغا قاراپ مۇنداق دېدى: «بۇ بالىلاردا ئىلىم- پەنگە نىسبەتەن تۇغما قىزىقىش بار، كەم بولۇۋاتقىنى ئارمانلىرىنى يالقۇنجىتىدىغان چوغ. بىز بىلىم بېرىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئاشۇ چوغ بولۇپ، ئۆزىمىزنى ياندۇرۇپ، ئۇلارنى چاقنىتىشىمىز كېرەك».

 پىدائىي رەن شۆچۈننىڭ شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىدە مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقىنىغا ئۈچ يىلغا يېقىن بولۇپ قالدى، ئۇ، مەكتەپنىڭ پۈتۈن شەھەر بويىچە تىزىملىكتە ئارقىدىكى رەتتە تۇرۇشتىن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بولۇشتەك زور ئۆزگىرىشىگە گۇۋاھ بولدى.

 «جاۋاب خەتتىكى <جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى قوشۇش> دېگەن تاپشۇرۇقنى كۆرۈپ، بۇرچۇم ۋە مەسئۇلىيىتىمنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردۇم». ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بالىلارنىڭ نەتىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ئۇرۇقىنى ئۇلارنىڭ قەلبىگە تېرىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇشىمىز كېرەك». بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ يېتەكلىگەن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار «ئۆسمۈر جۇڭگو ھەققىدە»نى پىششىق يادلىيالايدىغان بولدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاۋازى سەبىي ھەم قەتئىي بولۇپ، ئۇلار جەزمەن ۋەتەننى گۈللەندۈرۈشتىكى ياش كۈچلەرگە ئايلىنىدۇ.

 بالىلار بالىلارغا ئۆگىتىپ، بىر توپ ياخشى بالىلارنى تەربىيەلەپ چىقتى

 چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتى تىلغا ئېلىنغاندا، شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جىن ۋېنبىن سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «دەسلەپتە مەن پۈتۈن مەكتەپتىكى بالىلارنى يېڭىلا داشۆنى پۈتكۈزگەنلەرگە تاپشۇرۇپ بەرسەم قانداق بولار؟ دەپ ھەقىقەتەن ئەنسىرىگەنىدىم»، لېكىن پىدائىيلار نەتىجىسى ئارقىلىق سۆزلەپ بەردى: سىنىپ بويىچە ئەلا بولۇش نىسبىتى نۆلدىن %50كە ئۆرلىدى، لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %96كە يەتتى، بەزى سىنىپلار ھەتتا شەھەر بويىچە ئالدىنقى 5نىڭ ئىچىگە كىردى. 2023- يىلى، بۇ مەكتەپ مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى، تۇنجى قېتىم رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى مەيدانغا كەلدى. «بالىلار بالىلارغا ئۆگىتىپ، ھەقىقەتەنمۇ بىر توپ ياخشى بالىلارنى تەربىيەلەپ چىقتى». جىن ۋېنبىننىڭ نەزەرىدە، پىدائىيلار بالا ئىدى، ئوقۇغۇچىلار تېخىمۇ بالا ئىدى، ھەممىسى قالتىس ئىدى.

 ئەلۋەتتە، ئۆزگىرىش قوش تەرەپلىك بولىدۇ، پىدائىيلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ھەمتۈرتكە بولۇش جەريانىدا ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلدى.

 پىدائىي گاۋ شۇشيەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق قەغىزىدىن ياسىغان تەبرىك كارتىسىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇنىڭغا مۇنداق يېزىلغانىدى: «مۇئەللىم، سىز يۇلتۇزلارغا ئوخشاش بىزنى چاقناتتىڭىز».

 پىدائىي گاۋ چاۋ بالىلارنىڭ «تېمىلارنى بىز پۈتۈنلەي بىلىۋالدۇق»، دېگىنىنى ئاڭلىدى.

 ئاتا- ئانىلار يىراقتا تۇرۇپ: «مۇئەللىم ئۆيگە كېلىپ تاماق يەڭ»، دەپ چاقىردى.

 ...

 بۇ ئىللىققا تولغان دەقىقىلەر تۇنجى تۈركۈمدىكى 16 پىدائىينى مۇلازىمەت مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى تاللاتقۇزدى.

 «بۇ جاۋاب خەت شىنجاڭدىكى غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرىغا بېرىلگەن غايەت زور ئىلھام». مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋاڭ پېڭفېي مۇنداق بىلدۈردى: مائارىپقا ياردەم بېرىش مەزگىلىدە، كوللېكتىپىمىزدىكى تۆت كىشى شەرەپ بىلەن پارتىيەگە كىردى.

 پەقەت بىر بالىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم قىلالىساقلا ئەرزىيدۇ

 شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئالقىشلار چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگىچە تارقالدى، ئەتراپتىكى يېزا- كەنتلەردىكى ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنى بەس- بەستە ئەكېلىپ بەردى. «شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بەك ياخشى!» دېدى بىر چېگرا قوغدىغۇچى ئائىلە باشلىقى چىن قەلبىدىن قايىل بولۇپ. پىدائىيلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىشى ۋە تۈرتكە بولۇشىدا، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى 15 مەكتەپ مەكتەپلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ مائارىپقا ياردەم بېرىش ئەندىزىسىنى قوللاندى، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى چېگرا رايون مائارىپىنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلماقتا.

 ئالقىش چىن ھېسسىيات بەدىلىگە كەلگەن. بەزى پىدائىيلار كېسەل بولۇپ قالغان ئوقۇغۇچىنى ئۇدا ئۈچ ئاي يۈدۈپ مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ئەكەلدى؛ بەزىلىرى مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىنىش سالاھىيىتىدىن ۋاز كېچىپ، «ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان سىنىپنى ئۇزىتىش» ۋەدىسىگە ئەمەل قىلدى؛ بەزىلىرى ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىنىش بۇيۇملىرى ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئېلىپ بەردى... بۇ ئاز- ئازدىن قىلىنغان ئەجىرلەر بالىلارنىڭ قەلبىگە مۇھەببەت ئۇرۇقىنى چاچتى.

 «ئۆمرۈمدە بىرلا ئىشنى قىلىمەن». بۇ بىر توپ ياشلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئىش ۋەتەن ئۈچۈن تالانتلىقلارنى يېتىشتۈرۈش. سىنىپتىكى جاراڭلىق كىتاب ئوقۇش ئاۋازىدىن مەيداندىكى كۈلكە سادالىرىغىچە؛ ئائىلە زىيارىتى يولىدا قالدۇرغان چوڭقۇر ئاياغ ئىزىدىن ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدىكى ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان ھالدا خوشلىشىشقىچە ... بۇ بىر توپ ياش مائارىپ خىزمەتچىسى مېھىر- مۇھەببىتى ۋە ئەقىل- پاراسىتى ئارقىلىق ئۈمىد ئۇرۇقىنى تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

 تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، پامىر ئېگىزلىكىدىكى يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئادەتتىن تاشقىرى يورۇپ كەتكەنىدى، پىدائىيلار ياتىقىنىڭ چىراغلىرى يەنىلا يېنىپ تۇراتتى. مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن بۇ ياش ئوقۇتقۇچىلار ئېگىزلىكتىكى يۇلتۇزلارغا ئوخشايدۇ، گەرچە ھەربىر يۇلتۇزنىڭ نۇرى چەكلىك بولسىمۇ، لېكىن بىر يەرگە جەم بولغاندا، چېگرا رايوندىكى بالىلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتالايدۇ. خۇددى پىدائىيلار دائىم ئېيتقاندەك: «بىز ھەممىنى ئۆزگەرتەلمەسلىكىمىز مۇمكىن، لېكىن، پەقەت بىر بالىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم قىلالىساقلا ئەرزىيدۇ».

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125