− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلارنى غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىپ، دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈردى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
4- ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ بارلىق ئەترەت ئەزالىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ياشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ھەم سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ جاۋاب خەت شىنجاڭدىكى ياشلار توپى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياشلىق كۈچىمىزنى تەقدىم قىلىمىز.
5- ئاينىڭ 3- كۈنى، شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ناھايىتى خۇشال بولدى ھەم ئىلھاملاندى، ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىدە ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىنىڭ جاۋاب خەت توغرىسىدىكى خەۋەرنى تارقاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تېخىمۇ روھلاندى. «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، بىز چەكسىز شەرەپ ھېس قىلدۇق، چەكسىز ئىپتىخارلاندۇق. جاۋاب خەت بىزنىڭ ئىلگىرىكى خىزمەتلىرىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى مائارىپقا ياردەم بېرىش ھاياتىمىزغا بېرىلگەن ئىلھام.» مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى، شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى 3- يىللىق 1- سىنىپنىڭ تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى رەن شۆچۈن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ بىزنى غەربىي قىسىم مائارىپىغا تېخىمۇ قەتئىيلىك بىلەن ئاتلاندۇردى، كۆپچىلىك باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، چېگرا رايوندا داۋاملىق يىلتىز تارتىپ، چىن قەلبىمىز، چىن ھېسسىياتىمىز، مېھىر- مۇھەببىتىمىز بىلەن ھەربىر بالىنى تەربىيەلەپ، بۇ جاينىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.
مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋاڭ پېڭفېي مۇنداق بىلدۈردى: بۇ جاۋاب خەت بىزنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش ئېتىقادىمىز ۋە ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى، «بىز پىدائىيلار مۇلازىمىتى روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، مائارىپ ئوقۇتۇشى ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىدىكى يول باشلىغۇچىلاردىن بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئىزاھلايمىز».
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ بارلىق ئەترەت ئەزالىرىغا قايتۇرغان جاۋاب خېتىنى كۆرۈپ، جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى جىچىڭ نېفىتلىك مەشغۇلات رايونى سىلانېتس مېيى ئېلىشنى يۈرۈشتۈرۈش- ئاسراش مەركىزىنىڭ ياردەمچى ئىنژېنېرى ۋاڭ لياڭجې چەكسىز ھاياجانلىنىپ، 2020- يىلى 7- ئايدا، جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار باش شۇجى شى جىنپىڭ قايتۇرغان جاۋاب خەتنى تاپشۇرۇۋالغان چاغدىكى ئەھۋالنى ئىختىيارسىز ئەسلىدى.
ئەينى يىلى، بۇ مەكتەپتىكى شىنجاڭدا قېلىشنى تاللىغان 118 نەپەر ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يازغان بولۇپ، ۋاڭ لياڭجې شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى. باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى ئۇلارنى غەربىي قىسىمدا يىلتىز تارتىش، غەربىي قىسىمغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا ئىلھاملاندۇردى ۋە تۈرتكە بولدى. 2020- يىلى 9- ئايدا، ۋاڭ لياڭجې شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى جىچىڭ نېفىتلىك مەشغۇلات رايونىغا كېلىپ خىزمەت قىلىپ، شۇنىڭدىن باشلاپ جىمىسار چۆللۈكىدە يىلتىز تارتىپ، سىلانېتس مېيىنى چارلاش- ئېچىشنى تەتقىق قىلدى. بەش يىلدىن بۇيان، ۋاڭ لياڭجې مەشغۇلات رايونىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىكتە سىلانېتس مېيىنى چارلاش- ئېچىش تېخنىكىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ يېڭىلاشقا تۈرتكە بولدى.
«سىلانېتس مېيى ئېچىشتىن ئىبارەت بۇ <قاتتىق قىيىنچىلىق>نى چوقۇم يېڭىشىمىز كېرەك!» ۋاڭ لياڭجې مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان تاپشۇرۇقىنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، توغراققا ئوخشاش چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سىلانېتس مېيىنى ئۈنۈملۈك ئېچىش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىمىزنى قوشىمىز.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى كۆرۈپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىگە قاتناشقان قۇرۇلۇش خادىملىرى مۇنداق بىلدۈردى: مەۋقەنى ئىش ئورنىمىزغا قويۇپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم توسۇش، چېگرا رايوننىڭ مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆز كۈچىمىزنى قوشىمىز.
بۇلتۇر، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى نىيە يېڭى ئېنېرگىيە ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش تۈرى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ جىپېڭ يېڭى دەۋردىكى ياش قۇرغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭغا كېلىپ تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ گىرۋەكنى توسۇپ قۇم تۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى. ئۇ ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى تۈرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىنى ئوڭۇشلۇق قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشتى. «مەن قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە قۇرۇلۇشقا قاتنىشىپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ياشلىق كۈچۈمنى قوشىمەن» دېدى ئۇ.
8000 چاقىرىملىق يولدا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ، بىپايان قۇملۇقتا زەپەر مارشىنى ياڭرىتىش. 2000- يىلى، خېبېي باۋدىڭ شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەن 15 ئوقۇغۇچىسى ئۇلۇغۋار ئىرادە بىلەن غەربىي قىسىمغا سەپەر قىلىپ، قۇملۇقتىكى كىچىك شەھەر چەرچەن ناھىيەسىگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، خېبېي باۋدىڭ شۆيۈەنىدىكى غەربىي قىسىم مائارىپىغا ياردەم بېرىش بويىچە ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر توپىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈركۈم- تۈركۈم ئىرادىلىك ياشلار چەرچەن ناھىيەسىگە كېلىپ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلىدى.
«بۈگۈن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى كۆرۈپ، قەلبىم ئىنتايىن ھاياجانغا تولدى.» خېبېي باۋدىڭ شۆيۈەنىدىن 1- تۈركۈمدە چەرچەن ناھىيەسىگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى خوۋ چاۋرۇ مۇنداق دېدى: «دۆلەتنىڭ غەربىي قىسىمنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش ئىرادىسى تېخىمۇ چىڭىدى. خېبېي باۋدىڭ شۆيۈەنىدىكى غەربىي قىسىم مائارىپىغا ياردەم بېرىش بويىچە ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر توپىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، 25 يىلدىن بۇيان مەن خىزمەت ئورنۇمدا ئۆسۈپ يېتىلدىم، يۇلغۇنغا ئوخشاش قۇملۇقنىڭ چېتىدە يىلتىز تارتتىم، مەن شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقنى ئىنتايىن قىزغىن سۆيىمەن. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، داۋاملىق تۈردە ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئىش ئورنىمىزدا رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز».
(مۇخبىر فەن چيۇڭيەن، قاتناشقان مۇخبىرلار يەن شياۋتيەن، يۈ جياڭيەن، لۇ فېڭباۋ، ۋېي يۇڭگۇي)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)