شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
«كەڭ ياشلارنىڭ غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» 4- ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، كەڭ ياشلارغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ۋاقىت ئىسترېلكىسىنى قايتۇرساق: 2014- يىلى 5- ئاينىڭ 3- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېي باۋدىڭ شۆيۈەنىدىكى غەربىي قىسىم مائارىپىغا ياردەم بېرىش بويىچە ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر توپى ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت قايتۇردى: «ياشلىق گۈللىرىنى ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە قالتىس كىشىلىك ھايات سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك». 2020- يىلى 7- ئاينىڭ 7- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو نېفىت داشۆسى(بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇردى: «ئۆزۈڭلارنىڭ غايە- ئىنتىلىشىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇڭلار». 11 يىل، ئۈچ پارچە جاۋاب خەت، ھەربىر سۆز- ئىبارە، ھەربىر قۇر چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ ۋەتەننىڭ غەربىي قىسمىدىن ئىبارەت بۇ تۇپراققا بولغان ئۈمىدىگە تولغان، ئۇنىڭغا يېڭى دەۋردىكى ياشلارنىڭ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشى، غەربىي قىسىمدا تۆھپە قوشۇشىغا بولغان سەمىمىي تاپشۇرۇقى مۇجەسسەملەنگەن.
بىپايان غەربىي قىسىم، كەڭرى كەتكەن شىنجاڭ بارلىق شەيئىلەرنى سىغدۇرالايدۇ، شۇنداقلا تولۇپ تاشقان ياشلىق باھارنى جۇلالاندۇرالايدۇ. شىنجاڭدىن ئىبارەت پۇرسەت ۋە ئارزۇغا تولغان بۇ مېھىرلىك تۇپراقتا تۈركۈم- تۈركۈم ياشلار ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىشتەك قەتئىيلىك، غەربىي قىسىمدا تۆھپە قوشۇشتەك ئىپتىخارلىق ھېسسىياتى ئارقىلىق «ياشلىقتا ئۆكۈنمەسلىك»كە جاراڭلىق جاۋاب بەردى − ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.
ياشلىقتا يول يىراق بىلىنمەيدۇ. بۇ يىل شەرەپ بىلەن 29- نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياشلار 4- ماي مېدالى كوللېكتىپى» نامىغا ئېرىشكەن شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتى 23 غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسىدىن تەشكىللەنگەن ياش قوشۇن بولۇپ، ئۇلار ئېگىزلىك رېئاكسىيەسى، ھاۋاغا ماسلىشالماسلىق قاتارلىق كۆپ خىل خىرىسلارنى يېڭىپ، پامىر ئېگىزلىكىدە يېڭى دەۋردىكى «ياشلىقتىكى چېگرا رايون داستانى»نى پۈتۈپ چىقتى. 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، تۈركۈم- تۈركۈم غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن شىنجاڭغا كېلىپ، مۇستەھكەم غايە- ئېتىقادى، ئوتتەك قىزغىن ياشلىق باھارى ئارقىلىق دۆلەت ئېھتىياجى ۋە دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالىدا كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ياشلىق ناخشىسىنى پۈتۈپ چىقتى.
ياشلىق باھار بوران- چاپقۇندىن قورقمايدۇ. تەبىئەت شىنجاڭغا سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرە سوۋغا قىلغان، شۇنداقلا قۇم- بوران، قار- يامغۇرنىمۇ بەرگەن. 25 يىل ئىلگىرى، خېبېي باۋدىڭ شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن 15 داشۆ ئوقۇغۇچىسى قۇم- بوراننىڭ جاپاسىدىن قورقماي، چەرچەن ناھىيەسىدە يىلتىز تارتىپ، «بوران ئۇچۇرۇپ كېتەلمەيدىغان ئوقۇتقۇچى»لارغا ئايلىنىپ، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان ياشلىق باھار داستانىنى پۈتتى؛ جۇڭگو نېفىت داشۆسى(بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىن ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، چۆل- باياۋاندا ۋەتەنگە نېفىت تەقدىم قىلىشتىن ئىبارەت جاراڭلىق قەسىمىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئالتۇندەك ياشلىق باھارىنى ۋەتەننىڭ تاغ- دەريالىرىغا ئويۇپ چىقتى... ئۆزىنى بېغىشلاپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، تاۋلاپ چىققان قالتىس ياشلىق باھار، دەۋر بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرىلىگەن، دۆلەت بىلەن بىر نىيەت، بىر يۆنىلىشتە بولغان ياشلىق باھار شەخسنىڭ يارقىن، مول مەزمۇنلۇق كىشىلىك ھاياتىنى يارىتىپلا قالماي، يەنە ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان گۈزەل شىنجاڭنى يارىتىدۇ.
ياشلىق باھار قائىدە- يوسۇنلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. «توزنىڭ شەرقىي جەنۇبقا قاراپ ئۇچۇشىدا ئەلۋەتتە مەنزىرە بار، بۈركۈتنىڭ غەربىي شىمالغا سەپەر قىلىشىدىمۇ ئۆزگىچە سالاپەت بار.» شەندۇڭلۇق قىز سۈي جيۇشيۇ شىنجاڭدىكى ئون يىلدا، يۇرتداشلار ياخشى كۆرىدىغان «شياۋسۈيگۈل»دىن قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدى؛ شەندۇڭلۇق يىگىت پاڭ زىجيەن ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىشتەك قالتىس ئىپادىسى بىلەن 14- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى، 27- نۆۋەتلىك جۇڭگو ياشلار 4- ماي مېدالىغا ئېرىشتى... تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالىدا ئۇلارغا ئوخشاش نۇرغۇن ياش شىنجاڭدا كۈرەش قىلىپ شانلىق كىشىلىك ھاياتىنى ياراتتى. ئۇلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يارقىن ياشلىق باھار پەقەت چىراغلار چاقناپ تۇرغان جايلاردىلا ئەمەس، يەنە يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئاستىدىكى ئېتىز- دالىلاردىمۇ چاقنايدۇ.
ياشلىق باھار ياش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. ھېچكىم مەڭگۈ ياش تۇرمايدۇ، لېكىن بەزىلەر كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە مەڭگۈ ياش تۇرىدۇ. ئاكادېمىك ۋۇ مىڭجۇ 25 يېشىدا شىنجاڭغا كەلگەن، ئاكادېمىك ليۇ شوۋرېن 21 يېشىدا شىنجاڭغا كەلگەن، ۋۇ دېڭيۈن 23 يېشىدا شىنجاڭغا كەلگەن... ئۇلار كۈچ- قۇۋۋىتى ۋە تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان مەزگىلدە، شىنجاڭنى تاللىغان ھەم بارلىقىنى شىنجاڭغا بېغىشلىغان، بۈگۈنكى كۈندە ليۇ شوۋرېن ئالەمدىن ئۆتتى، ۋۇ مىڭجۇ بىلەن ۋۇ دېڭيۈنمۇ ياشىنىپ قالدى، لېكىن ئۇلار ھەممەيلەننىڭ نەزەرىدە مەڭگۈ ياش. چۈنكى ئۇلار ۋەتەنگە بولغان قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مۇھەببىتىنى، خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇش ھېسسىياتىنى تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالىنىڭ تەرەققىياتى، قۇرۇلۇشىغا يۇغۇرۇپ، بىزگە ياشلىق باھارنىڭ ئەڭ گۈزەل قىياپىتىنى سۈرەتلەپ بەردى.
«خۇددى باھار شامىلى تۇيۇقسىز كەلگەندەك، بىر كېچىدە دەل- دەرەخلەر ئاچتى نەشپۈتتەك چېچەك.» سېن شېننىڭ قەلىمىدىكى شىنجاڭنىڭ ھەيۋەتلىك گۈزەل داستانى بىز بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ قولىدا داۋاملىق يېزىلىپ يېڭى سەھىپىلەر پۈتۈلمەكتە. ھەممىلا جاي پۇرسەتكە تولغان بۇ مۇنبەت تۇپراق ياشلارنىڭ تالانتىنى نامايان قىلىدىغان كەڭ سەھنىگە، ياشلىق باھارىنى جۇلالاندۇرىدىغان يۇلتۇزلار ئالىمىگە ئايلاندى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ ياشنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئاتلىنىپ، يىلتىز تارتىپ چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى «باش پېرسوناژ» بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنىڭ شانلىق تارىخىي داستانىدا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىدە ئۆكۈنمەس ياشلىق باھارىنى ئۇرغۇتۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)