1- پەسىلدە شىنجاڭدىكى پورتلاردا «تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش» بويىچە يۈك تىرانسپورت مىقدارى 640 مىڭ توننىدىن ئاشتى
11:08:35 2025-05-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى مۇخبىر چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1- پەسىلدە، شىنجاڭدىكى پورتلاردا «تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش» بويىچە چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن- چىقىرىلغان ماللار 641 مىڭ 300 توننا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %56.7ىنى ئىگىلەپ، مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا تۇرغان.

 «تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسى تاموژنا يولغا قويغان بىر تۈرلۈك قولايلىق تەدبىر. بۇ ئەندىزىدە، تاموژنا، تۆمۈريول، تىرانسپورت كارخانىلىرى «ئۈچ تەرەپ سانلىق مەلۇماتىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، پۈتۈن مۇساپىدە بىر قېتىمدىلا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش»نى ئىشقا ئاشۇردى. تاموژنا تولۇق سانلىق مەلۇمات زەنجىرى ئارقىلىق نازارەت قىلىپ- تىزگىنلەپ، تۆمۈريول مال تىزىملىكى ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇماتىغا قارىتا تەكشۈرۈش، ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىش، تەكشۈرۈپ ھېسابتىن ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتىنى قىلىدۇ. ماللارنى يولغا چىقىدىغان جايدا «بىر پونكىت شەكلى»دە بارلىق تاموژنا رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ، چېگرادىن چىقىدىغان پورتتا بىۋاسىتە چېگرادىن چىقىرىشقا بولىدۇ، ھەربىر يۈك ساندۇقىنىڭ توشۇلۇش تەننەرخىنى تەخمىنەن 200 يۈەن تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

 نۆۋەتتە، «تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسى «تىيانشان ناملىق» كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت كۇرسلۇق نۆۋەتچى پويىزىدا %100 قاپلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىل 1- پەسىلدە، شىنجاڭدىن توپلىنىپ «تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش» بويىچە توشۇلغان ماللار 135 مىڭ 600 توننا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %12ىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونىدىكى رىقابەت كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.

 «ھازىر خېرىدارلار ئالدى بىلەن <تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش> ئەندىزىسىنى تاللايدۇ. بۇ خىل ئەندىزىدە تاموژنىغا ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى ئىلتىماس قىلىش كەچۈرۈم قىلىنغان بولۇپ، پەقەت تەۋەلىكىدە تېز ئۆتكۈزۈش ئىلتىماسى ھەمدە تاموژنىغا مەلۇم قىلىشنى تاماملىسا، تەۋەلىكىدىن ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنغاندىن كېيىن مال بىۋاسىتە پورتقا توشۇلۇپ چېگرادىن چىقسا بولىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز ۋاقتىنى ئىككى سائەتتىن ئۈچ سائەتكىچە تېجەپ قالغىلى بولىدۇ، بۇ، ماللارنىڭ پورتتا توختاپ ئامباردا ساقلىنىش ۋاقتىدىكى مەبلەغ تەننەرخىنى زور دەرىجىدە يېنىكلەتتى»، دېدى شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نۆۋەتچى پويىز ئىشلىرى بۆلۈمى ئۇنىۋېرسال كەسىپ گۇرۇپپىسىنىڭ باش مەسئۇلى لو دەندەن.

 تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى «تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش» ئىسلاھاتىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تاموژنىسى شىنجاڭنىڭ ئېكسپورت كەسپى قۇرۇلمىسى ئۈستىدە پائال تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بۇ ئەندىزىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇردى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا «تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش»نى ئىلتىماس قىلغان كارخانا 78گە يېتىپ، ئېكسپورت قىلىنغان تاۋارلار 600 تۈردىن ئاشتى.

 ئۈرۈمچى تاموژنىسى تەۋەلىكتىكى تاموژنا بىلەن پورت تاموژنىسى ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، يېشىل يول كاپالىتى لايىھەسى بەرپا قىلىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن ئىلتىماس قىلىش، ئالدىن كېلىشىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، توشۇش، بىۋاسىتە قاچىلاش قاتارلىق قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى گىرەلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنى خاسلىققا ئىگە تاللاش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

 ئۈرۈمچى- سانجى تاموژنىسى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش 1- بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ليۇ مىن مۇنداق بىلدۈردى: 2021- يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭدا «تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسى نۇقتىدا سىناق قىلىنغاندىن كېيىن، ماللارنى تەكرار ئىلتىماس قىلىش، پورتتا تۇرۇپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈزۈل- كېسىل ياخشىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى قاچىلاش- چۈشۈرۈش ھالقىسىدا قېتىم سانى كۆپ بولۇش، بېكەتكە بېرىپ ساقلاش ۋاقتى ئۇزاق بولۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى. كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش پىلانىنى تېخىمۇ جانلىق ئورۇنلاشتۇرالايدىغان بولدى، كارخانا ئۈنۈمى بىلەن باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى قوش ئۆستۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

 كېيىنكى قەدەمدە، ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئاقىل تاموژنا قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، «تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش» نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تىرانسپورت بايلىقى، توپلانما تۈرى، قاتناش لىنىيەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ توپلىنىش، ئايرىپ تارقىتىلىشى ھەم رايون كەسىپلىرىنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125