خەلق پۇلىنى چېگرا ھالقىپ چىقىم قىلىشتا مىنۇت ئىچىدە ھېساباتقا كىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ يۇڭفېي) يېقىندا خەلق بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى شىنجاڭدا تۇنجى مۇلازىمەت سودا تۈرى ئىچىدىكى كۆپ تەرەپلىك مەركىزىي بانكا رەقەملىك پۇل كۆۋرۈكى بويىچە چىقىم قىلىش كەسپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ماكانلاشتۇرۇپ، چېگرا ئىچىدىكى بىر مۇلازىمەت سودا كارخانىسىنىڭ شياڭگاڭدىكى بىر شىركەتكە تەكشۈرۈش- ئۆلچەش ھەققىنى چىقىم قىلىشىنى راسچوت قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، رەقەملىك خەلق پۇلى تۆت قېتىم چېگرا ھالقىپ چىقىم قىلىنىپ، مىنۇت ئىچىدە ھېساباتقا كىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ، رەقەملىك پۇلنىڭ شىنجاڭدا چېگرا ھالقىپ چىقىم قىلىش ساھەسىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا كۈچ قوشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ خېڭيۈ مۇنداق تونۇشتۇردى: كۆپ تەرەپلىك مەركىزىي بانكا رەقەملىك پۇل كۆۋرۈكى خەلقئارا راسچوت بانكىسى (شياڭگاڭ) يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى رىياسەتچىلىك قىلغان، خەلق بانكىسى رەقەملىك پۇل تەتقىقات ئورنى، شياڭگاڭ پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش ئىدارىسى، تايلاند مەركىزىي بانكىسى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مەركىزىي بانكىسى قاتارلىقلار بىرلىشىپ يولغا قويغان چېگرا ھالقىغان راسچوت قىلىش سۇپىسى.
بۇ چېگرا ھالقىغان راسچوت قىلىش سۇپىسى رايون بۆلەك زەنجىرى تېخنىكىسى ئارقىلىق، مەركىزىي بانكا بىلەن سودا بانكىسىنى تەمىنلىيەلەيدىغان بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇش تورىنى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى پۇل دائىرىلىرىنىڭ رەقەملىك پۇلنى چېگرا ھالقىپ چىقىم قىلىشتا قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئەنئەنىۋى پېرېۋوت ئەندىزىسىگە سېلىشتۇرغاندا، كۆۋرۈك بانكىسىدا نۇقتىدىن نۇقتىغا بولغان بىۋاسىتە سودىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان بولۇپ، سۈرئىتى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ بىخەتەر، تەننەرخى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ.
«كۆپ تەرەپلىك مەركىزىي بانكا رەقەملىك پۇل كۆۋرۈكىدە چىقىم قىلىشتا ئەنئەنىۋى چېگرا ھالقىغان چىقىم قىلىش ئەندىزىسىنىڭ چەكلىمىلىكى ئۈنۈملۈك بۇزۇپ تاشلىنىپ، چېگرا ھالقىغان چىقىم قىلىشتا مىنۇت ئىچىدە ھېساباتقا كىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، چىقىم قىلىش، راسچوت قىلىشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى»، دېدى جاڭ خېڭيۈ.
بۇ تۈرنىڭ يولغا قويۇشقا بولىدىغان مەھسۇلات باسقۇچىغا كىرگەنلىكى جاكارلانغاندىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى كۆپ تەرەپلىك مەركىزىي بانكا رەقەملىك پۇل كۆۋرۈكىنىڭ چېگرا ھالقىپ قوللىنىلىشى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، تەۋەلىكىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلگەن نىشانلىق مۇئامىلىدارلارنى ئەستايىدىل رەتلەپ، كۆپ تەرەپ زىچ ھەمكارلىشىش، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەش ئارقىلىق، بۇ رەقەملىك پۇل كۆۋرۈك كەسپىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈرتكە بولدى.
يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى مەركىزىي بانكا رەقەملىك پۇلنىڭ كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار، تەمىنلەش زەنجىرى پۇل مۇئامىلىسى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق ساھەلەردە يېڭىلىق يارىتىپ قوللىنىلىشى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر بولغان چېگرا ھالقىغان چىقىم قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)