− ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىسى ۋاڭ چاڭشىن توغرىسىدا
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ
5- ئاينىڭ 1- كۈنى، ۋاڭ چاڭشىن ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرى بىلەن 2025- يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىسى دېگەن نامغا ئېرىشكەندىكى خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولدى. شان- شەرەپنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايە كىشىنى قايىل قىلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 5600 مېتىر كېلىدىغان «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون»دا، ئۇ كوللېكتىپنى باشلاپ، كۈچلۈك تېخنىكا ئارقىلىق دۇنيادىكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئېگىزلىكتىكى كان قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.
ۋاڭ چاڭشىن شىنجاڭ خوشاۋيۈن قوغۇشۇن- سىنك كېنى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى، كان مەسئۇلى. ئۇ 2008- يىلى شەرقىي شىمال داشۆسىنىڭ كان قېزىش قۇرۇلۇشى كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، قەتئىيلىك بىلەن چۆل باياۋاندىكى كانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، كان قېزىش تېخنىكى بولدى.
17 يىلدىن بۇيان، ۋاڭ چاڭشىن ئىزچىل كانچىلىق تەرەققىياتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتتى. 2023- يىلى، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن كوئىنلۇن تاغ تىزمىسىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز خوشاۋيۈن قوغۇشۇن- سىنك كېنىدا خىزمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 5600 مېتىر كېلىدۇ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ، ئوكسىگېن مىقدارى ۋە ھاۋا بېسىمى تۈزلەڭلىكنىڭ %50ىگە يەتمەيدۇ، توڭ تۇپراق قاتلىمىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 200 مېتىردىن ئاشىدۇ... بۇ «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون» دەپ ئاتالغان دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز بولغان خوشاۋيۈن قوغۇشۇن- سىنك كانى، لېكىن ۋاڭ چاڭشىننى جەلپ قىلغىنى خوشاۋيۈن قوغۇشۇن- سىنك كانى زاپاس كۆلىمىنىڭ ئاسىيا بويىچە 1- ئورۇندا، دۇنيا بويىچە 6- ئورۇندا تۇرغانلىقى بولۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» ئىچىدىكى يېشىل كانچىلىق كەسىپ توپىنىڭ نۇقتىلىق تۈرى بولغانلىقى. «بۇ يەردىكى ھەربىر رۇدىغا ئۈمىد يۈكلەنگەن، ھەرقانچە قىيىن بولسىمۇ ئىشلەش كېرەك»، دېدى ئۇ.
ۋاڭ چاڭشىن دۇنيادىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز قوغۇشۇن- سىنك كېنى قۇرۇلۇشى باش قوماندانى بولۇشتەك زور مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتىنى تەشكىللىدى. قۇرۇلۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئۇلار ئاددىي قۇراشتۇرما ئۆيلەرنى سېلىپ «ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى» قىلىپ، ھەر كۈنى 20 كىلومېتىر تاغ يولىنى پىيادە بېسىپ سۇ توشۇپ، كاندا 200 نەچچە كۈن تۇردى، ۋاڭ چاڭشىن كوللېكتىپنى يېتەكلەپ نەچچە ئون تۈرلۈك ئاساسىي قۇرۇلۇشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى: دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولغان مەخسۇس توك بىلەن تەمىنلەش لىنىيەسى قۇرۇپ چىقتى، كان رايونى غول يولىنى تۇتاشتۇردى... ھەربىر قەدەمگە جاپالىق ئەجىر ۋە ئەقىل- پاراسەت مۇجەسسەملەنگەن. بۇ يىل، كان رايونى كان قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، كۆزلىمە نىشانغا يېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يىلىغا 2 مىليون 500 مىڭ توننا رۇدا ئىشلەپچىقىرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بايلىق كاپالىتىدىكى مۇھىم بازىغا ئايلىنىدۇ.
«ۋاڭ چاڭشىن باشلامچىلىق قىلمىغان بولسا، بىز بەرداشلىق بېرەلمىگەن بولاتتۇق.» دېدى كوللېكتىپ ئەزاسى شۈ جىخۇا ھاياجانلانغان ھالدا. شىۋىرغان كۆپ بولىدىغان قىش پەسلىدە، ئۇ قەھرىتان سوغۇقتا باشلامچىلىق بىلەن نەق مەيداندا ئۈسكۈنىلەرنى رېمونت قىلىشقا قوماندانلىق قىلدى؛ ئوكسىگېن كەمچىل مۇھىتتا، ئۇ تېخنىكلار بىلەن بىللە يېتىپ- قوپۇشتا چىڭ تۇردى. ۋاڭ چاڭشىن «باشلامچى»لىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرغاچقا، كوللېكتىپ «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون»دا ئېگىزلىك كان قۇرۇلۇشىنىڭ «جۇڭگو سۈرئىتى»نى ياراتتى.
قاتتىق سوغۇقتا توڭ تۇپراقنى پارتلىتىش، ئوكسىدلانغان رۇدىنى ئايرىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قېزىش سىستېمىسى... ھەربىر تېخنىكىلىق قىيىن ئۆتكەلنىڭ ھەممىسى تۈر ئالدىغا قويۇلغان توسالغۇ. ۋاڭ چاڭشىن پەقەت يېڭىلىق ياراتقاندىلا ئاندىن توسالغۇدىن بۆسۈپ ئۆتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.
ۋاڭ چاڭشىن ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، «خوشاۋيۈن كان رايونىدا ئېگىزلىكتىكى توڭ تۇپراقنى پەلەمپەيسىمان مىكرو پەرقلىق پارتلىتىش تېخنىكىسى»نى لايىھەلەپ، كوللېكتىپنى باشلاپ قار- مۇز بىلەن قاپلانغان جايدا قايتا- قايتا سىناق قىلىپ، سانسىز قېتىم مەغلۇپ بولۇش ۋە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، قۇرۇلۇش ئۈنۈمىنى%15 ئۆستۈردى؛ ئۇ يېتەكچىلىك قىلغان «قوغۇشۇن- سىنك ئوكسىدىنى فوتو ئېلېكتىرلىك ئايرىپ تاللاپ توپلاش ھۈنەر- سەنئىتى» تۆۋەن سورتلۇق رۇدىدىن پايدىلىنىشتىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، بايلىقنى يىغىۋېلىش نىسبىتىنى%25 ئۆستۈرۈپ، يىللىق ئۈنۈمنى 100 مىليون يۈەندىن ئاشۇردى؛ ئۇ باشلامچىلىق بىلەن ئىلتىماس قىلغان «ئۈستى ئوچۇق ئەقلىي ئىقتىدارلىق كان ئېچىش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش» تۈرى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم پەن- تېخنىكا مەخسۇس تۈرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، تۈرگە 5G يىراقتىن كونترول قىلىش، شوپۇرسىز كان يۈك ئاپتوموبىلى قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلار كىرگۈزۈلۈپ، 5G ئەقلىي ئىقتىدارلىق كان ئېچىش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز كانلارنى ئېچىش تېخنىكىسىنىڭ ئىلغار تېخنىكىلار قاتارىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېگىزلىكتىكى ئالاھىدە خىزمەت ئەھۋالىدا كان ئېچىش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مەنبەسىگە ئايلاندى. «بىز <جۇڭگو لايىھەسى>نى ئېگىزلىكتىكى كانلارنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك». ۋاڭ چاڭشىننىڭ سۆزى جاراڭلىق ئىدى.
«بىر كان ئېچىش ئۈچۈن بىر پولات قوشۇن يېتىشتۈرۈپ چىقىش»، بۇ، ۋاڭ چاڭشىننىڭ باشتىن- ئاخىر ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن ئىدىيەسى ئىدى، 2009- يىلى كاڭگۇر ئالتۇن كېنى تۈرىگە قاتناشقاندىن تارتىپ خوشاۋيۈن قوغۇشۇن- سىنك كېنى تۈرىگىچە، ئۇ پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتى، تېخنىكا ئاۋانگارتلىرى بەنى قاتارلىق ئالاھىدە كوللېكتىپلارنى يېتەكلەپ، «ئۇستاز- شاگىرت قوشماق بولۇش» يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، 20دىن ئارتۇق كەسپىي تايانچ ۋە ئىلمىي باشلامچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.
«كان ئېچىشتا رۇدا قېزىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى پۇقرالارغا بەخت يارىتىش كېرەك». خوشاۋيۈن قوغۇشۇن- سىنك كېنىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، خوتەن ۋىلايىتى چارلاش، قېزىش، تاللاش، تاۋلاش بىر گەۋدىلەشكەن كەسىپ زەنجىرىنى تېز شەكىللەندۈرمەكتە، خوشاۋيۈن قوغۇشۇن- سىنك كېنى تۈرى 5000 كىشىنىڭ بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەشيا ئوبوروتى، مۇلازىمەت قاتارلىق يۇقىرى- تۆۋەن ئېقىمدىكى ئىش ئورنىنىڭ 10 مىڭدىن ئېشىشىغا ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.
ۋاڭ چاڭشىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا بايلىق زاپىسىغا ئىگە كان تۈرى 102 خىلغا يېتىدۇ، خوشاۋيۈن 10 مىليون توننا دەرىجىلىك قوغۇشۇن- سىنك بايلىقىنى ئېچىش بازىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون چوڭ بايلىق ئېچىش بازىسى قۇرۇلدى، مەن كوللېكتىپنى يېتەكلەپ داۋاملىق تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، كانچىلارغا مەنسۇپ شانلىق سەھىپە پۈتۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىمەن.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)