«شىنجاڭ ناھايىتى زامانىۋىلاشقان جاي ئىكەن، غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلغىنىغا ئوخشىمايدىكەن»
11:18:14 2025-05-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− ئافغانىستان ئاساسلىق تاراتقۇلىرىنىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ئۆمىكى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يەن شياۋتيەن، پىراكتىكانت لىن شياڭچېڭ

 4- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە، ئافغانىستان ئاساسلىق تاراتقۇلىرىنىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولدى. جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ئۆمىكىدىكىلەر مەكتەپ، مۇزېي، مەنزىرە رايونى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، گۈزەل ماكان قۇرۇپ چىقىش قىزغىنلىقىنى ھېس قىلىپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىگە گۇۋاھ بولدى.

 «بۇ جايدا تۇرمۇش كەچۈرگەنلەر چوقۇم ئىنتايىن بەختلىك»، «شىنجاڭ ناھايىتى زامانىۋىلاشقان جاي ئىكەن، غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلغىنىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن»، «دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋېتىپتۇ»... ئۈچ كۈنلۈك ئېكسكۇرسىيە- زىيارەت جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ئۆمىكىدىكىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، كۆپچىلىك شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلارنىڭ ئېجىل- ئىناقلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

 شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا سەيلە قىلغاندا، ئاچ سېرىق رەڭلىك خىشتىن قوپۇرۇلغان ئىمارەتلەرنىڭ سىرتقى تېمى كىشىگە ھەم رايون تۇيغۇسى، تارىخ تۇيغۇسى، ھەم زامانىۋى تۇيغۇ بېرىپ تۇراتتى. بۇ جايدىكى ئەنئەنىۋى ئىمارەتلەر، خەلق ئۆرپ- ئادەتلىرى، ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملار، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارلىقلار نامايان قىلغان جەلپكارلىق يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارنى ئۆزىگە كۈچلۈك جەلپ قىلدى.

 «جۇڭگو ھەرقايسى مىللەتلەر ئىناق ئۆتىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان توغرا يولنى تېپىپ چىقىپتۇ». ئاسىيا مەركىزىي گېزىتىنىڭ باش مۇخبىرى خەمىد ئەخمەدزايى مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خەلقىنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، ئۆزگىچە خاس مەدەنىيەتنى ھېس قىلدىم.

 شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدە، جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى دەرسخانىلارغا كىرىپ، ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ۋە ساۋاقداشلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. ئافغانىستان دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىستانسا باشلىقى خېدايات غۇلامخان مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى قوغداپلا قالماي، يەنە مەبلەغ چىقىرىپ مەسچىتنىڭ يۇمشاق، قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپتۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋېتىپتۇ.

 شىنجاڭ مۇزېيىدا، جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ئۆمىكىدىكىلەر چۈشەندۈرگۈچىگە ئەگىشىپ «شىنجاڭ تارىخى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆپچىلىككە شىنجاڭنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.

 «بۇ يەردە ساقلانغان بۇيۇملار مول ئىكەن، بىز شىنجاڭنىڭ تارىخىنى يەنىمۇ چۈشەندۇق، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ھېس قىلدۇق»، دېدى جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، ئافغانىستان ئۇچۇر- مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى يىرىك پىلان، سىياسەت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى فىدا مۇھەممەد دوست.

 ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا، جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ئۆمىكىدىكىلەر خەلقئارا يول تىرانسپورت مۇلازىمەت كۆزنىكى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى، ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىساد رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، تېلېكامېرا ئارقىلىق قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ قۇرۇلۇش نەتىجىلىرىنى خاتىرىلىدى ھەم قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدىكى جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش ئەھۋالى ۋە سودا مىقدارى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ خىزمەتچى خادىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

 بۇ مەزگىلدە، جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ئۆمىكى يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر پىلانلاش سارىيى، شىنجاڭ رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزدە مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق، شىنجاڭدا جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم ئىكەنلىكى، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغانلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق، ئىناق ئۆتۈۋاتقانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇق.

 «ھازىرقى شىنجاڭ غەربتىكى بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلغىنىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن، قايتىپ بارغاندىن كېيىن بۇ قېتىمقى سەپىرىمدە كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىمنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ھەمبەھرىلەيمەن»، دېدى ئافغانىستان ئۇچۇر- مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى كۈندىلىك گېزىت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى ئۇزايىر بايالاي.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125