ئاددىي ئەمگەكچىلەرنى كۈيلەيمەن
11:20:16 2025-05-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 تيەن چىڭۋۇ

 مەن جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى پاراۋۇز ئۇچاستىكىسىنىڭ جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى شوپۇرى. مەن كەسپىي ناخشىچى ئەمەس، لېكىن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى يېقىملىق ھالدا مېنى «رېلىس ئۈستىدىكى ناخشىچى» دەپ چاقىرىدۇ. چۈنكى مەن ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىمدا ئېيتىدىغان ناخشىلارنىڭ ھەممىسىدە ئاددىي ئەمگەكچىلەرنىڭ خىزمىتى ۋە تۇرمۇشى مەدھىيەلەنگەن.

 بۇ يىل دېھقانلار كالېندارى بويىچە يېڭى يىلدا، مەن مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ 2025- يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشقانلىقىمدىن ھەم تۆمۈريول سىستېمىسىغا ۋاكالىتەن كېچىلىكتە باشقا ساھە ۋەكىللىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ «ئۇلۇغ ئىش» دېگەن ناخشىنى ئېيتقانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلدىم. ئون كۈندىن كېيىن، مەن يەنە بېيجىڭغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېرىپ، يەنە بىر قېتىم مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ 2025- يىللىق يۈەنشياۋ بايرىمىلىق كېچىلىكىگە قاتناشتىم.

 بىر ئاي ئىچىدە ئۈرۈمچى بىلەن بېيجىڭ ئارىلىقىدا ئىلگىرى- كېيىن ئىككى قېتىم بېرىپ- كېلىپ قاتناپ، مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ ئىككى مەيدان كېچىلىكىگە قاتنىشىش مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ھەم خۇشاللىنارلىق ئىش، ھەم تاسادىپىيلىق ئىدى، چۈنكى نېمىلا دېگەن بىلەن مەن پەقەت بىر ئاددىي پويىز شوپۇرى. تۆمۈر ئەجدىھانى ھەيدەپ لەنجوۋ- شىنجاڭ لىنىيەسىدە ئۇچقاندەك يۈرۈشتىن، مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ يىلان يىلىدىكى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ۋە يۈەنشياۋ بايرىمىلىق كېچىلىكىدە ناخشا ئېيتىشقىچە بولغان بۇ كەچۈرمىش ماڭا خېلى ئۇزاققىچە خۇددى چۈشتەك بىلىندى.

 مەن مۇشۇ جايدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شىنجاڭلىق. بەش يىل ئىلگىرى داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، تۆمۈريول ئارزۇيۇمنى قەلبىمگە پۈكۈپ ئۈرۈمچى پاراۋۇز ئۇچاستىكىسىغا كەلدىم، شاگىرت بولغاندىن باشلاپلا مەن چوقۇم ياخشى ئىشلەشكە بەل باغلىدىم. ھەر كۈنى كەسپىي بىلىملەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، قېتىرقىنىپ ماھارەت مەشىق قىلدىم، مەشغۇلات قىلدىم، 2023- يىلى 5- ئايدىكى مۇئاۋىن شوپۇرلۇقتىن شوپۇرلۇققا ئۆرلەش ئىمتىھانىدا، مەن ئەلا نەتىجە بىلەن ئوخشاش تۈركۈمدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئارىسىدا ئۆز كارامىتىمنى كۆرسىتىپ، شىنجاڭ تۆمۈريولىدىكى شەرەپلىك جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى شوپۇرىغا ئايلىنىپ، كۈيتۈندىن ئالاتاۋغىچە بولغان ئارىلىقتىكى 235 كىلومېتىرلىق ھەيدەش ۋەزىپىسىنى زىممەمگە ئېلىپ كەلدىم.

 تۆمۈريول خادىمى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئەڭ كۆپ ئاڭلايدىغىنىمىز پېشقەدەملەر ئېيتىپ بەرگەن شىنجاڭ تۆمۈريول ھېكايىلىرى بولدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، شىنجاڭدا تېخى تۆمۈريول يوق ئىدى، جاي- جايلاردىكى ياشلار نۇرغۇن جاپالىق مۇساپىلەرنى بېسىپ شىنجاڭغا چېگرا رايونغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يۇرتىغا بىر قېتىم بېرىپ كېلىشى ناھايىتى تەسكە توختايتتى. لەنجوۋ- شىنجاڭ تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىنلا، شىنجاڭنىڭ باشقا ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلىشىپ، سانسىزلىغان كىشىلەر بۇ تۆمۈريول ئارقىلىق قاتناپ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ، تېخىمۇ كەڭ مەنزىلگە قاراپ ئاتلاندى. 2024- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول تىجارىتى تىرانسپورت مۇساپىسى 9525.6 كىلومېتىرغا يېتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى %80تىن ئارتۇق ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايوننى قاپلىدى.

 مېنى تېخىمۇ پەخىرلەندۈرىدىغىنى جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى، مەن ئۇنىڭ ئۇچقاندەك ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۈگۈنكى كۈندە، بىزنىڭ شىنجاڭ ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ چىقىدىغان جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، مېنىڭ يۇرتۇم چەت، يىراق رايوندىن ئاسىيا- ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان قاتناش تۈگۈنىگە ئايلاندى.

 راستىنى ئېيتسام، تۆمۈريول خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن تۆمۈريول خىزمىتىنىڭ جاپالىقلىقى ۋە قىيىنلىقىنى ئوبدان بىلىمەن. شىنجاڭ ناھايىتى چوڭ، يول يۈرۈش جەريانىدا ھەر خىل تاسادىپىي ئەھۋاللارغا يولۇقۇشىمىز مۇمكىن. پويىزنىڭ نورمال قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كۆپلىگەن تۆمۈريول خادىملىرى نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئاددىي كىشىلەر، ئۇلار خۇددى ئوت- چۆپلەرگە ئوخشاش بۇ تۇپراقتا يىلتىز تارتتى. يول يۈرۈش جەريانىدا، بوران- چاپقۇنغا قارىماي بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇۋاتقان بۇ خىزمەتداشلىرىمنى ھەر قېتىم كۆرگىنىمدە، ئىختىيارسىز ئۇلار ئۈچۈن ياڭراق ئاۋازدا ناخشا ئېيتقۇم كېلىدۇ.

 مەن كىچىكىمدىنلا ناخشا ئېيتىشنى ياخشى كۆرەتتىم، بۇ ئوي پەيدا بولغاندىن كېيىن، ناخشا- مۇزىكا سەۋىيەمنى تېخىمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئۆستۈردۈم، نەپەسلىنىش ۋە ئاۋاز چىقىرىش ئاساسىي مەشىقىدىن ئاۋازنى ئۆلچەمگە توغرىلاش ۋە رىتىم مەشىقىغىچە، يەنە ئاۋاز تۈسىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە ھېسسىياتنى ئىپادىلەشكىچە كۆپ قېتىم مەشىق قىلىشقا توغرا كېلەتتى. بەزىدە كىچىك ۋوگزاللاردا توختىغاندا ياكى ئىشتىن چۈشۈش يولىدا، پۇرسەت تېپىپ بىردەم ناخشا ئېيتاتتىم، بۇ مېنىڭ ناخشا ئېيتىش ماھارىتىمنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە ھارغىنلىق ۋە بېسىمنى يېنىكلەتتى.

 تۆمۈريول فورمىسىنى كىيگەندە، مەن جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ بىر شوپۇرى بولىمەن؛ فورمىنى سالغاندا، مەن يەنە ئەمگەكچىلەرنى مەدھىيەلەيدىغان بىر ناخشىچىغا ئايلىنىمەن. مەن ناخشا سادايىم ئارقىلىق كىشىلىك ھاياتىمنى بېيىتىۋاتىمەن، شۇنداقلا بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈم.

 ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۆمۈر ئەجدىھانى ھەيدەش بىلەن ياڭراق ناخشا ئېيتىش ھاياتىمدا ئوخشاشلا مۇھىم. كۆپ يىللاردىن بۇيان، مېنىڭ ناخشا ئېيتىش سەۋىيەم ۋە كەسپىي ماھارىتىم خۇددى ئۆسۈپ يېتىلىشىمگە كۈچ قوشىدىغان بىر جۈپ قاناتقا ئوخشاش مېنىڭ كىشىلىك ھايات يولىدا ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىمگە تۈرتكە بولدى.

 ئەمگەكچىلەر ئارىسىدىكى ناخشىچى ئەمگەكچىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى مەدھىيەلەيدۇ. شۇنداق دەيمەنكى، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ تۆمۈريول شىنجاڭ تۇپرىقىدا پەيدا بولىدۇ، مېنىڭ يۇرتۇم تېخىمۇ گۈزەللىشىدۇ. مەن بولسام داۋاملىق يۇرتۇم ئۈچۈن ناخشا ئېيتىمەن، بۇ تۇپراقتىكى ئاددىي ئەمگەكچىلەرنى كۈيلەيمەن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125