− شەندۇڭ جىنەندە سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئاممىنى باتۇرلۇق بىلەن قۇتقۇزغان شىنجاڭلىق ئۈچ ئوقۇغۇچى ئەڭ گۈزەل ياشلىق باھارى جاۋاب قەغىزىنى پۈتتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىمىڭ
جىنەن خەلقئارا يۈەنبويۈەن باغچىسىدا كۆل سۈيى ئازراق يېنىپ، مۇز پارچىلىرى ئىللىق قۇياش نۇرىدا ئېرىپ بولغانىدى. 4- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئابدۇكېرىم ئادىل، بىلال ئابدۇۋەلى، ئابدۇسالام مەتنىياز يەنە بىر قېتىم كۆل بويىغا كېلىپ، كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىغا نەزەر سېلىپ، بىر- بىرىگە قاراپ كۈلۈمسىرىدى.
«ئەنە ئاۋۇ قۇتقۇزۇش چەمبىرىكى، شۇ چاغدا سۇ ئورنى ھازىرقىدىن ئېگىز ئىدى، سۇدا يەنە نۇرغۇن مۇز پارچىلىرى بار ئىدى...»، دېدى ئۈچەيلەن كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك قۇتقۇزۇش چەمبىرىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
تەخمىنەن ئىككى ئاي ئىلگىرى، شەندۇڭ ئەمگەك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ئاپتوموبىل قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتى ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش- ئۆلچەش ۋە رېمونت قىلىش تېخنىكىسى كەسپىنىڭ 2024- يىللىق ئاپتوموبىل رېمونتچىلىقى 3 ـ سىنىپىدىكى بۇ ئۈچ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى يۈەنبويۈەن باغچىسىدىكى سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان سوغۇق كۆل سۈيىدىن ئانا- بالا ئىككىيلەننى قۇتقۇزۇپ چىققانىدى.
خەتەرلىك پەيتتە، ئۇلار نېمە ئۈچۈن قىلچە ئىككىلەنمەي ياردەم قولىنى سۇنۇپ قۇتقۇزدى؟ ئۇلار قانداق ياشلار؟ يەنە قانداق ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشى بار؟
ياشلىقتا بولۇشقا تېگىشلىك قىياپەت
بىلال ئورۇق، ئېگىز بولۇپ، چېچى تەبىئىي بۈدۈر، گەپ قىلغاندا چاقناپ تۇرىدىغان كۆزلىرىنى سىزدىن ئۈزمەيدۇ، چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرىدۇ؛ ئابدۇكېرىم جانلىق، ئوچۇق- يورۇق بولۇپ، زېرەكلىكىدىن شوخلۇقى چىقىپ تۇرىدۇ؛ ئابدۇسالام ناھايىتى كەم سۆز، لېكىن پۇتبول توغرىسىدا گەپ بولغاندا ئۆزىگە ئىشىنىدىغان جەسۇر قىياپىتىنى نامايان قىلىدۇ...
«دەسلەپتە مەنمۇ ئۇلارنىڭ كۆلدىن ئىككى ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىغانىدىم. لېكىن كېيىن ئويلاپ تاسادىپىيلىقمۇ ھېس قىلمىدىم، بۇ ئىشنى ئۇلار قىلاتتى»، دېدى ئۈچەيلەننىڭ يېتەكچىسى مياۋ لىۋېي.
داشۆگە كىرگەندىن كېيىن، بەزىلەر بېسىمنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىدۇ، بەزىلەر كۈچ توپلاپ، ئېنېرگىيە تولۇقلاپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. ئۈچەيلەن كېيىنكىسىگە تەۋە.
مياۋ لىۋېي مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئالاقىدار بىلىملەر بىلەن پەقەت ئۇچرىشىپ باقمىغان ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش- ئۆلچەش ۋە رېمونت قىلىش تېخنىكىسى كەسپىنىڭ بەلگىلىك قىيىنلىق دەرىجىسى بار، ئۈچەيلەنمۇ كەسىپ ئۆگىنىشتە سەل قىينىلىپ قالدى.
«مۇئەللىم، بىز بىرنەچچە پەندە يېتىشەلمىدۇق، تولۇقلىۋالغۇمىز بار...» شىنجاڭلىق بىرنەچچە ئوقۇغۇچى تۇنجى قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنى ئىزدەپ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ سۆزىدىن مياۋ لىۋېي ھەيران قالدى، «ئەمدىلا مەكتەپكە كىرگەن بولغاچقا، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى تېخى داشۆ تۇرمۇشىغا ماسلىشىۋاتاتتى، مەن بىلەن ئۆگىنىش، كەسىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىستىقبالى توغرىسىدا سۆزلىشىدىغان بالىلار كۆپ ئەمەس ئىدى».
ئۈچەيلەن ئىچىدە ئابدۇكېرىمدىن باشقىلار تارتىنچاق ئىدى. ئوقۇتقۇچى كۈندىلىك تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىغاندا، ئۇلار دائىم «ناھايىتى ياخشى» دەيتتى. «لېكىن ئۆگىنىشتە، ئۇلار ئالغا بېسىشنى تەلەپ قىلاتتى، شۇنداقلا ئېنىق ئۆگىنىش پىلانى بار ئىدى، بۇ ناھايىتى قىممەتلىك»، دېدى مياۋ لىۋېي.
ئوقۇغۇچىلار ياتىقىدا گىتار تەڭكەش قىلىنغان مۇزىكا ئاستا- ئاستا ياڭرىدى، ناخشا ئاۋازى ۋە كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمەي ئاڭلاندى. 2024- يىللىق ئاپتوموبىل رېمونتچىلىقى 1- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى لۈ جياۋېي بىلەن ئابدۇكېرىم «ئاددىيلىق يولى» دېگەن ناخشىنى تەڭكەش قىلىپ ئېيتىۋاتاتتى.
لۈ جياۋېي تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ ياتاققا كۆچۈپ كىرىشنى ئىلتىماس قىلغانىدى.
«مەن شىنجاڭنى ياخشى كۆرىمەن، لېكىن تېخى بېرىپ باقمىدىم. شىنجاڭدىن كەلگەن بۇ ساۋاقداشلار بىلەن بىللە تۇرۇپ، ئۇلار سۆزلەپ بەرگەن شىنجاڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلىغۇم بار.» لۈ جياۋېي مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى ئارىلىشىپ ئۆتۈش جەريانىدا، شىنجاڭلىقلارنىڭ قىزغىنلىقى، مېھماندوستلۇقى ئۈچەيلەندە كونكرېت ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. «ئۇلار قىزغىن، مەرد، كىشىلەرگە دوستانە مۇئامىلە قىلىدۇ، دائىم ماڭا يۇرتىنىڭ چىلان، ياڭاقلىرىنى بېرىدۇ، ماڭا شىنجاڭنىڭ خەلق ئۆرپ- ئادىتىنى تونۇشتۇرىدۇ، بىز خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىمىز.» لۈ جياۋېينىڭ شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۈچەيلەن يەنە كاۋاپدان ۋە قوي گۆشى تەييارلاپ، دالىدا كاۋاپ پىشۇرغاندا ئۇنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلماقچى بولدى.
ئادەم قۇتقۇزغان كۈنى، ئۈچەيلەن ھۆل كىيىملىرى بىلەن ياتاققا قايتتى، كېيىن ئابدۇكېرىمنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتتى. لۈ جياۋېي پايپېتەك بولغىنىچە قايناق سۇ ئەكىردى، قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى سېتىۋېلىپ ئەكەلدى...
«مەن ئۇلاردىن پەخىرلىنىمەن، قانچە ئارىلاشقانسېرى ئۇلاردىكى قىممەتلىك پەزىلەتنى شۇنچە بايقىۋالغىلى بولىدۇ»، دېدى لۈ جياۋېي.
قەشقەر شەھىرىدىن كەلگەن لى شىنجياڭ مەكتەپ ئەتراپىدا مىفېن دۇكىنى ئاچاتتى، ئۈچەيلەن دۇكاننىڭ دائىملىق خېرىدارى ئىدى. «ئادەتتە ئۇلار دۇكىنىمنى ساۋاقداشلىرىغا تەۋسىيە قىلىدۇ، يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم كېرەك بولسا ئۇلارغا دېيىشىمنى ئېيتىدۇ».
ئۈچەيلەننىڭ ئادەم قۇتقۇزغانلىق ئىشىنى لى شىنجياڭ باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىدى. «ئۇلار بەك كەمتەر ئىكەن، بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن بىرقانچە قېتىم كەلگەن بولسىمۇ، بۇ ئىشنى قىلچە تىلغا ئېلىپ باقمىدى. مانا بۇ بىزنىڭ شىنجاڭلىق ئوغلانلىرىمىز، قارىماققا ئېغىر- بېسىق كۆرۈنسىمۇ، ئەمما قەلبى ئوتتەك قىزغىن».
ئوخشاشلا جىنەن شەھىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشقان پەزىلەت ئەخمەت مىفېن دۇكىنىدا شىنجاڭلىق ئۈچ ياشنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىدى. «ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، ئۇلارنىڭ يېشىمۇ چوڭ ئەمەس ئىكەن، بۇنداق ئىشقا تۇنجى قېتىم ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئىنتايىن باتۇرلۇق قىپتۇ، خۇددى بۈركۈتكە ئوخشاش»، دېدى ئۇ.
ئىككىلەنمەي سۇغا سەكرەش جاسارىتى بۇرۇندىنلا يېتىلگەن
ئابدۇكېرىمنىڭ ئاپىسى ئوغلىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا «ئوغرىلىقچە مەشىق قىلغان» ماھارىتىنىڭ ئادەم قۇتقۇزۇشتىكى ئاچقۇچ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
توققۇز ياشقا كىرگەن يىلى، ئابدۇكېرىم سۇ ئۈزۈشنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، پۇرسەت بولسىلا سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىگە بېرىپ سۇ ئۈزەتتى.
«باشلانغۇچتىكى ۋاقتىمدا، ئاپام مېنىڭ سىنىپ مۇدىرىم ئىدى.» ئابدۇكېرىمنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ئاپىسى سىنىپقا ئوقۇغۇچىلارنى تەكشۈرگىلى كىرگەندە، ئوغلىنىڭ ئورنىدا يوق ئىكەنلىكىنى بايقىسىلا، ئۇدۇل سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىگە بېرىپ ئۇنى «تۇتۇپ كېلىدىكەن».
«مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك ئاز تەنقىد قىلىنمىدىم.» ئابدۇكېرىم قىزىقچىلىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن كىچىك ۋاقتىمدا بەك كەپسىز بولغاچقا، ئۆگىنىش نەتىجەممۇ ئادەتتىكىدەك ئىدى».
«لېكىن ئۇ ياخشى بالا.» ئابدۇكېرىمنىڭ ئاپىسى ھەبىبە نۇرئەخمەت مۇنداق دېدى: ئاتا- ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز بالىلارنىڭ ئەخلاق- پەزىلىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىمىز، «بىز ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈشىنى، ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن ئۆزئارا ياردەم بېرىشىنى، مەسئۇلىيەتچان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز».
ئۆيدىكى بالىلارنىڭ چوڭى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپىسىنىڭ نەزەرىدە ئابدۇكېرىم ئوچۇق- يورۇق ۋە ئۈمىدۋار ئىدى. تولۇق 3- يىللىقتا ئوقۇۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئۆگىنىش بېسىمى ئېغىر بولسىمۇ، ھەر كۈنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى يەنىلا ئاغرىپ قالغان مومىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئىدى، مومىسىغا ھەمراھ بولۇپ پاراڭلىشاتتى، ئاتا- ئانىسىغا ياردەملىشىپ ئائىلە ئىشلىرىنى قىلاتتى.
ھەبىبە مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا ئائىلىدىكىلەر ئۇنىڭ سۇغا سەكرەپ ئادەم قۇتقۇزغانلىقىدىن خەۋەر تاپقىنىمىزدا، ناھايىتى ھەيران قالغان بولساقمۇ، لېكىن تاسادىپىيلىق ھېس قىلمىدۇق، «ئۇ سۇ ئۈزۈشكە ماھىر ھەم مەسئۇلىيەتچان، باشقىلار خەتەرگە يولۇقسا چوقۇم قۇتقۇزىدۇ».
ئائىلە تەربىيەسى ئاق كۆڭۈللۈك ئۇرۇقىنى تېرىغاندىن باشقا، مەكتەپتىكى مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى بىلەن تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇنبەت تۇپرىقى ئۇرۇقنىڭ يىلتىز تارتىپ بىخ سۈرۈشى، شاخلاپ يوپۇرماق چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
«لاچىن بىزنىڭ ئۈلگىمىز!» بىلال مۇنداق دېدى: «مەن خەۋەردىن ئۇنىڭ ھېكايىسىنى كۆرگەن، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلارمۇ بىزنى ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ روھىدىن ئۆگىنىشكە يېتەكلىدى. مەن بەك تەسىرلەندىم، ئۇ بەك باتۇر، ئۇ پامىر بۈركۈتى، بىز ئىزچىل ئۇنىڭدىن ئۆگىنىپ كېلىۋاتىمىز».
لاچىن بايەكەنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، يېرىلغان مۇز ئارىسىدىن سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان كۆل سۈيىگە چۈشكەندىن كېيىنمۇ، يەنىلا جاسارەت بىلەن ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن بالىنى سۇ يۈزىدىن كۆتۈرۈپ چىققانلىقىنى كۆرگەن ئابدۇكېرىم بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەندى، «ئەينى چاغدا ئەگەر مەن بۇنداق ئىشقا يولۇقسام قانداق قىلغان بولاتتىم، دەپ ئويلىدىم».
ئىلگىرى ئېنىقسىز بولغان ئىشقا، 20 يېشىدا جاۋابقا ئېرىشتى.
«ئىش يۈز بەرگەندە، كاللامدا پەقەت ئادەم قۇتقۇزۇشنىلا ئويلىدىم، ئىككىلەنمىدىم»، دېدى ئابدۇكېرىم.
لاچىن بايەكە مۇز كۆلدە ئۆز ھاياتى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزدى، ئابدۇجاپپار مېڭدى باشقىلارغا ياردەم بەرگەندىن كېيىن رەھمەت ئېيتىپ بەرگەن پۇلنى رەت قىلىپ پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتتى، يۈسۈپجان ھەبىبۇللا شىددەتلىك ئېقىندا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن كىشىنى ئۈچ قېتىم قۇتقۇزدى، ئېلباي دوسىمبېك ئاق ئاتقا مىنىپ خەنجياڭ دەرياسىغا كىرىپ ئادەم قۇتقۇزدى... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلگەن شىنجاڭلىق ياخشى كىشىلەر ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش»نى چۈشەندۈرۈپ بەردى.
ئاق كۆڭۈللۈكنىڭ ئۇرۇقى تېرىلغان ھامان قەلبلەردە بۈك- باراقسان بولۇپ سايە تاشلايدۇ.
«تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەندە، شىنجاڭلىقلار بەس- بەستە پۇل ئىئانە قىلدى، كۈچ چىقاردى. بەزىلەر كاۋاپ ئاپىرىپ بەرسە، بەزىلەر كېچىلەپ نەچچە يۈز نان ياقتى، ئۇلار جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلماي، بۇنى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم، دەپ قارىدى» ئادەتتە كەم سۆز ئابدۇسالام مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك بىر ئائىلە كىشىلىرى، ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ خەتەرگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە، ھېچقايسىمىز كارىمىز بولماي تۇرالمايمىز.
كېلەر قېتىم ئۇچراپ قالسا يەنە قۇتقۇزىمەن
ئۈچ نەپەر شىنجاڭلىق ياشنىڭ ھەممىسىنىڭ تۇنجى قېتىم يۇرتى ۋە تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىشى ئىدى. جىنەنگە دەسلەپتە كەلگەندە، ئۇلار سەل دەككە- دۈككە بولدى. لېكىن بۇ خىل تەشۋىشلىك مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىدا ناھايىتى تېزلا سۇسلاشتى.
مەكتەپكە كىرگەن كۈنى، ئابدۇكېرىم بىر قولىدا چامادانىنى سۆرەپ، بىر قولىدا چوڭ- كىچىك سومكىلارنى كۆتۈرۈۋالغانىدى، ئۇ پۈتۈن سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇنى قارشى ئېلىشقا كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. «ئىنتايىن تەۋەلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولدۇم، بەزىلەر ماڭا <ئاداش، شەندۇڭغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز>، دېدى، تولىمۇ ئىللىقلىق ھېس قىلدىم.» شۇ كۈنى، بەزىلەر ئۇنىڭ يۈك- تاقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ بەردى، بەزىلەر ئۇنىڭغا ئاشخانا، تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ ئورنىنى تونۇشتۇردى، بەزىلەر ئۇنى باشلاپ ياتىقىنى ئىزدىشىپ بەردى.
ئۈچەيلەننىڭ سىنىپ باشلىقى خې جيەندۇڭ شەندۇڭلۇق «ئەزىمەت» بولۇپ، مىجەزى ئوچۇق ئىدى، ئەمما ئىشلارنى ئىنچىكە ئويلايتتى.
«سىنىپىمىزدا يەرلىك ئوقۇغۇچىلار كۆپ، گەپ قىلغاندا ئازراق يەرلىك تەلەپپۇزدا سۆزلەيدۇ، تېزرەك سۆزلىسىلا ئۇلار چۈشىنەلمەي قالىدۇ»، دېدى خې جيەندۇڭ. ئۈچەيلەننىڭ كوللېكتىپقا تېزدىن سىڭىشىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۇ ساۋاقداشلارغا ئاستىرتىن تاپىلاپ: «گەپ قىلغاندا سەل ئالدىرىماي سۆزلەڭلار، ئامال بار يەرلىك تەلەپپۇزدا سۆزلىمەڭلار»، دېدى.
يېتەكچى مياۋ لىۋېينىڭ ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىدە، شىنجاڭلىق ئۈچ ئوقۇغۇچىنىڭ كۆرۈنۈش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭ قايتا ـ قايتا «بالىلارنى نامايان قىلىش» مەزمۇنىدىن ئۈچەيلەننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولاتتى.
شەندۇڭ ئەمگەك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ھەر يىلى «ئەڭ گۈزەل يۇرت» باش تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزىدۇ. «بۇلتۇر مەن ئۇلارنى قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈردۈم، ئۇلار سەل ئىككىلەندى، لېكىن ئاخىرىدا يەنىلا تىزىملاتتى»، دېدى مياۋ لىۋېي.
ئۈچەيلەن توردىن نۇرغۇن ماتېرىيال توپلاپ، PPT ۋە سىن قاتارلىق خام ماتېرىياللارنى تەييارلىدى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمىدە، ئۇلار ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق نۇتۇقىنى تاماملىدى.
«ناھايىتى جىددىيلەشتىم، ئەمما مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولدۇم. ئەسلىدە سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمىغانىدۇق، مۇئەللىم بۇ كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشىدىكى ياخشى ئۇسۇل دەپ بىزنى ئىلھاملاندۇردى، بىزمۇ ئۆزىمىز ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ يۇرتىمىزنى چۈشىنىشىنى، ياخشى كۆرۈپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلدۇق»، دېدى بىلال.
«ئۇلار مۇنەۋۋەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، لېكىن مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۇھىمى مۇكاپات ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن باسقان قەدىمى»، دېدى مياۋ لىۋېي.
ئوخشاش كەسىپتىكى شىنجاڭلىق مەكتەپداش ئۇستاز ھەسەنجان تۇرسۇنمۇ بىرنەچچە مەكتەپداش ئىنىسىغا جان ـ دىل بىلەن ياردەم قىلدى.
«مەن ئۇلارنى كۇرۇژۇكقا، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈردۈم، ئۇلارنىڭ ئۆيىنى سېغىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارنى دالىغا ئېلىپ چىقىپ كاۋاپ پىشۇرۇپ، بىللە تاماق يېيىشكە تەشكىللىدىم»، دېدى ھەسەنجان.
بايراملاردا، ئوقۇتقۇچى ياتاققا بېرىپ بۇ شىنجاڭلىق بالىلارغا ھەمراھ بولدى؛ ياتاقداشلار، ساۋاقداشلار مەززىلىك تائاملارنى ئېلىپ كېلىپ ئۇلار بىلەن بىللە بەھرىمەن بولدى.
«ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ ياردىمى بولغاچقا، شەندۇڭغا كەلگىنىمىزگە بىر يىل بولمايلا، بىز بۇ يەرنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا ماسلىشىپ كەتتۇق، ئادەتتە بىزمۇ كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە باشقىلارغا ياردەم قىلىمىز»، دېدى ئابدۇكېرىم.
قەلبىگە مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى پۈكۈپ، مەكتەپكە كىرگەندىن بۇيان، ئابدۇكېرىم قاتارلىق ئۈچەيلەن مەكتەپ تەشكىللىگەن تۈرلۈك پىدائىيلار پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشتى.
«ئادەم قۇتقۇزغانلىق ئىشى يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەن ئابدۇكېرىمنىڭ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ھەقسىز قان تەقدىم قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدىم.» مياۋ لىۋېي مۇنداق دېدى: يەنە بىلال بىلەن ئابدۇسالاممۇ بار، يېقىندا مەكتەپتە بىر ساۋاقداش كېسەل بولۇپ قېلىپ، جىددىي قان لازىم بولۇپ قالدى، ئۇ ئىككىيلەن قىلچە ئىككىلەنمەي يەڭلىرىنى تۈردى.
ھازىر، ئابدۇكېرىم، بىلال، ئابدۇسالاملار ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن كىچىك قەھرىمانلارغا ئايلاندى، ئۇلاردىمۇ «چولپان يۈكى» بار بولدى.
«بىزنىڭ سۆز- ھەرىكىتىمىزنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى كۆرۈپ تۇرىدۇ. بىز تېخىمۇ ياخشى قىلىشىمىز كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن كۆپچىلىكنىڭ بىزگە بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە يۈز كېلەلەيمىز.» گەپ قىلىۋاتقاندا، بىلالنىڭ كۆزلىرىدىن نۇر چاقنىدى.
«كېلەر قېتىم بۇنداق ئىشقا يولۇققاندا يەنە قۇتقۇزامسىز؟» دەپ سورىدى مۇخبىر.
«قۇتقۇزىمەن!» ئابدۇسالام كۆل بويىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، بىر تاشنى سۇغا تاشلىدى. يېنىك دولقۇن يېيىلغاندا، ئۈچ سايە سۇ دولقۇنىدا تەۋرىنىپ، خۇددى قانات قېقىۋاتقان كىچىك بۈركۈت كۆل يۈزىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندەك كۆرۈندى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)