مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئالىمىز
12:22:02 2025-05-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى ئىلھاملاندۇردى −

مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئالىمىز

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا

 4- ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىدىكى بارلىق ئەترەت ئەزالىرىغا قايتۇرغان جاۋاب خېتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ مائارىپ خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە- ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

 «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، پۈتۈن مەكتەپ قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى، ئىچ- ئىچىمدىن ئىنتايىن ئىللىقلىق، يېقىنلىق ھېس قىلدىم، كۈچلۈك ئىلھام ئالدىم!» شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى، 2- يىللىقنىڭ تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى سۇ ۋېيبىڭ مۇنداق دېدى: ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئەسلىي مەقسىتىدە ئىلگىرىكىدەكلا چىڭ تۇرۇپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، بىلىم ۋە مېھىر- مۇھەببەت يەتكۈزىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەسپىي ئارتۇقچىلىقىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياشلىق كۈچۈمنى قوشىمەن.

 لى چېنيۈ شىنجاڭ داشۆ ئاسپىرانتلار مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ بىر ئەزاسى، نۆۋەتتە خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۇل يېزىسىنىڭ باكىدۆڭ كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىدە مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئىچ- ئىچىدىن ناھايىتى ھاياجانلاندى: «مائارىپقا ياردەم بېرىش جەريانىدا، بىز چېنىقتۇق ۋە ئۆسۈپ يېتىلدۇق، بالىلارمۇ بىزنىڭ تەربىيەمىزدە بىلىمگە ئېرىشتى، نەزەر دائىرىسى كېڭەيدى.» لى چېنيۈ مۇنداق دېدى: تۈركۈم- تۈركۈم پىدائىيلار بۇ مەكتەپكە كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، مەكتەپتە نۇرغۇن كىتاب، يېپيېڭى ئوقۇتۇش قوراللىرى بار بولدى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىمۇ كۈنسېرى كۆپ خىللاشتى.

 «باش شۇجى جاۋاب خېتىدە بىز كەڭ ياشلارنى <دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت يېتىلدۈرۈش>كە ئىلھاملاندۇردى، كەلگۈسىدە، بىز داۋاملىق بالىلارنىڭ قەلبىگە بىلىم ئۇرۇقىنى چېچىپ، ئۆز ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ياشلىق باھارىمىزنى بۇ مېھىرلىك تۇپراققا بېغىشلاپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز»، دېدى لى چېنيۈ.

 شىنجاڭ پەن- تېخنىكا شۆيۈەنىدە ئۇدا ئۈچ يىل 400دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى، بۇنىڭ ئىچىدە %80 ئوقۇغۇچى شىنجاڭ سىرتىدىن كەلگەن، بۇ بىرنەچچە كۈندە باش شۇجىنىڭ شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىغا قايتۇرغان جاۋاب خېتى ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن سۆھبەت تېمىسىغا ئايلاندى. «باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى يېڭى دەۋردىكى ياشلارنى غايە- ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا ئاتلىنىشقا ئىلھاملاندۇرماقتا، بىز ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، تېخىمۇ كۆپ ياش ئوقۇغۇچىلارنى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش پىدائىيلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتىدە دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشقا يېتەكلەيمىز»، دېدى شىنجاڭ پەن- تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سايىبە ساتتار.

 لياۋچېڭ داشۆنى پۈتكۈزگەن چېن مىڭيى 2004- يىلىدىن 2006- يىلىغىچە داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانىغا  قاتنىشىپ، چۆچەك شەھەرلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇلازىمەت قىلغان، ھازىر چۆچەك شەھەرلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى. ئۇ مۇنداق دېدى: چېگرا رايوندا 21 يىل يىلتىز تارتىپ، بۇ تۇپراقتىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردۈم. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىدىكى ياش پىدائىيلارغا بولغان سەمىمىي تاپشۇرۇق ماڭا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چېگرا رايون قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى، مېنىڭ «ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بېرىش» ئەسلىي مەقسىتىمنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مائارىپتىن رازى بولۇش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىگە شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن، مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپ ساھەسىدىكى پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، پىدائىيلار مەكتەپنى ھۆددىگە ئېلىپ مائارىپقا ياردەم بېرىش ئەندىزىسىنى پائال خۇلاسىلەپ، كېڭەيتىپ، كەڭ ياشلارنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىدا يىلتىز تارتىشى، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ چېنىقىش ۋە ئىقتىدارىنى نامايان قىلىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەيمىز.» قىزىلسۇ ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئايگۈل بەيشەنئالى مۇنداق بىلدۈردى: پىدائىيلار مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىرادىلىك ياشلارنى مائارىپ پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە ئاتلىنىشقا جەلپ قىلىپ، ئۇلارنى ئەمەلىيەت داۋامىدا قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، كۈرەش قىلىش داۋامىدا كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125