​تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالىدا كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دەۋر چاقىرىقىغا جاۋاب قايتۇرۇش
12:27:22 2025-05-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئوبرازى توغرىسىدا

5- ئاينىڭ 1- كۈنى، قومۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونىنىڭ يامانسۇ بازىرى ئەتراپىدىكى 1100± كىلوۋولتلۇق سانجى- گۇچۈەن ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى يېنىدا، شىنجاڭ توك يەتكۈزۈش- بېسىم ئۆزگەرتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ياش ئىشچى- خىزمەتچىلىرى لىنىيەنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرماقتا. جاڭ لىمىن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى  يەن شياۋتيەن

 يېڭى دەۋر بۇرغىسى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىمەكتە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات دولقۇنى ئۆركەشلەپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

 شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ ئۈمىدكە تولغان مۇنبەت تۇپراقتا، ياش ئەۋلادلار كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە دەۋر بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرىلەپ، ئۆز غايىسىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سىڭدۈرمەكتە. ئۇلار شۇنى چوڭقۇر بىلىدۇكى، دەۋر تومۇرى بىلەن تەڭ ھەرىكەتلەنگەندىلا، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە ئۆزىگە تەۋە بولغان ياشلىق باھارى شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقالايدۇ.

 ئۇلار ئەجرى ئارقىلىق غايىسىنى سۇغاردى، ئۆزىنى بېغىشلاش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئىزاھلىدى، چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق ساداقەتمەنلىكىنى پۈتۈپ چىقتى، ئىتتىپاقلىشىش ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملىدى، تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى ھەممىلا جايدا ئۇلارنىڭ كۈرەش قىلىش سىيماسىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ھەممىلا جايدا ئۇلارنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش قەدەم ئىزلىرى بار.

 ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق كەلگۈسىنى يارىتىش

 ياشلىق باھار چېنىقىش ئارقىلىق چاقنايدۇ، كىشىلىك ھايات كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يۈكسىلىدۇ. شىنجاڭدىكى ياشلار ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىدا مەزمۇت قەدەملىرى ئارقىلىق ئارزۇسى بىلەن بولغان ئارىلىقىنى ئۆلچىمەكتە، چۈنكى ئۇلار ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ.

 يېقىندا، ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش بىرىنچى سېپىدىكى ئەھۋالى ۋە تەسىراتىنى دوكلات قىلىپ، غەربىي قىسىمدا يىلتىز تارتىش، چېگرا رايونغا مۇلازىمەت قىلىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

 5- ئاينىڭ 2- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ بارلىق ئەترەت ئەزالىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئەترەت ئەزالىرىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ، ئۇلارنى غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

 ۋاڭ يىجى مۇلازىمەت ئەترىتىگە ۋاكالىتەن باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يازغان ئەترەت ئەزاسى. جاۋاب خەتنى كۆرگەن ئاشۇ دەقىقىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈچ بەتلىك خەتنى بىر بىخۇا- بىر بىخۇادىن كۆڭۈل قويۇپ يازغان چاغدىكى ئەستايىدىللىقى ۋە ساداقەتمەنلىكىنى ئەسلىدى.

 «جاۋاب خەت − ئىلھاملاندۇرۇش، تېخىمۇ مۇھىمى ئۈمىد. شەخسنىڭ غايىسى بىلەن دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى ماس قەدەمدە بولغاندىلا، ياشلىق باھار ئەڭ قېنىق ئاساسىي رەڭگە ئىگە بولغان بولىدۇ. كەلگۈسىدە، مەن بۇ ئىللىقلىقنى ھەمراھ قىلىپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونىدىكى تېخىمۇ كۆپ بالىلارنى تېخىمۇ كەڭ دۇنيانى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن»، دېدى ئۇ.

 4- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئەترەت ئەزاسى لى لېي مۇلازىمەت ئەترىتىگە ۋاكالىتەن بېيجىڭغا بېرىپ جۇڭگو ياشلار 4- ماي مېدالى ئالدى. ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «بېيجىڭغا بېرىپ شان- شەرەپكە ئېرىشىپ، قەلبىم تولىمۇ ھاياجانلاندى. بۇ شان- شەرەپ بىزنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىمىزگە بولغان ئېتىراپ قىلىش. باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى خۇددى بىر دەستە نۇرغا ئوخشاش، بىزنىڭ كەلگۈسى يولىمىزنى يورۇتتى. شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىگە قايتقاندىن كېيىن، مەن تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇتۇشقا ئاتلىنىپ، تىرىشىپ بالىلارنىڭ يول باشلىغۇچىلىرىدىن بولۇپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا بىزگە مەنسۇپ بولغان ياشلىق باھارى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىمەن».

 ئۈچ چى كېلىدىغان دەرس مۇنبىرىدىكى سەمىمىي تەربىيە، ياتاقتا كېچىلەپ تەييارلانغان دەرس پىلانى، ئائىلە زىيارىتى جەريانىدىكى قەتئىيلىك، قارىماققا ئاددىي كۆرۈنىدىغان بۇ چىڭ تۇرۇشلار دەل ياشلىق باھارنىڭ ئەڭ تەسىرلىك ئىزاھاتى. ھەربىر قېتىملىق بۆسۈش، ھەربىر كىچىككىنە ئىلگىرىلەشنىڭ ھەممىسى «كۈرەش قىلغان ياشلىق باھار ئەڭ گۈزەل» دېگەن سۆزگە بولغان ئەڭ ياخشى ئىزاھلاش.

 چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق ساداقەتمەنلىكنى پۈتۈپ چىقىش

 ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا، شىنجاڭدىكى ياشلار ھەرىكىتى ئارقىلىق مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئىزاھلىماقتا. ئۇلار چوڭ ئائىلە ئۈچۈن كىچىك ئائىلىسىنى قۇربان قىلىپ، ياشلىق باھارىنى چېگرا رايونغا بېغىشلىدى؛ ئۇلار كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن شەخسىي مەنپەئەتتىن ۋاز كېچىپ، تۆھپە قوشۇپ باشقىلارغا ئىللىقلىق بېغىشلىدى.

 5- ئاينىڭ 2- كۈنى، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى بورتالا ئوبلاستلىق چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى دولانتى چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقى ئاسىلبېك يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇرۇق- تۇغقان، سەپداشلىرىغا بېيجىڭدىكى شادلىققا تولغان دەقىقىلىرىنى ھەمبەھرىلىدى، جۇڭگو ياشلار 4- ماي مېدالى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئىدى.

 11 يىلدىن بۇيان، ئۇ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 مېتىر كېلىدىغان، كىلىماتى ناچار بولغان قازان دەرياسى چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدا چىڭ تۇرۇپ، چېگرا قوغدىغۇچىلارنى باشلاپ چېگرانى  630 قېتىمدىن ئارتۇق چارلاپ تەكشۈرۈپ، 26 جۈپ ئاياغنى يىرتىپ بولدى، چارلىغان مۇساپىسى 120 مىڭ كىلومېتىر بولۇپ، قەدەم ئىزلىرى ھەربىر جىلغىنى قاپلىدى. چارۋىچىلار ياردەم سورىغاندا، ئۇ مۇز دەرياغا سەكرەپ قوي پادىسىنى قۇتقۇزدى، بۆرە توپىنى قوغلاپ چارۋىلارنى قوغدىدى، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ قايتا قۇرۇشقا ياردەم بەردى، ئاممىنىڭ جەمئىي 3800دىن ئارتۇق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى، ساداقەتمەنلىكى ئارقىلىق ۋەتەننىڭ چېگرا لىنىيەسىنى قوغداپ كەلدى.

 «بۇ شان- شەرەپ كوللېكتىپىمىزغا مەنسۇپ. بۇ قېتىم بېيجىڭغا بېرىش بىر قېتىملىق گۇۋاھ بولۇش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جانلىق شۇنداقلا چوڭقۇر بولغان روھىي جەھەتتىن تاۋلىنىش دەرسى بولدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، مەن تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن چېگرانى قوغداش ئىشلىرىغا ئاتلىنىمەن»، دېدى ئاسىلبېك.

 دۆلەتمەن كەيمىك تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ۋەچە يېزىسى شەبۇزقەلە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كۈچ ئۇلاپ چېگرانى قوغدىدى. 2016- يىلى چېگرا قوغدىغۇچى بولغاندىن كېيىن، ئۇ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدىغان پامىر ئېگىزلىكىدە چارلاپ، قار كۆچكۈنى، لاتقا- شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق خەۋپ- خەتەرلەر ئالدىدا باشتىن- ئاخىر خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇردى. 2021- يىلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، ئۇ چېگرا رايوندىكى خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى پائال ئىنكاس قىلدى. 2024- يىلى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغاندىن كېيىن، ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ يېزا- كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى. چېگرا قوغدىغۇچىدىن كەنت كادىرىغىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىدىن يېڭى دەۋردىكى ياشلار ئاۋانگارتىغىچە، دۆلەتمەن ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق زامانىمىز ياشلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پامىر ئېگىزلىكىدە ياشلىق باھارى جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈپ چىقتى.

 «بىز، چەكسىز پۇرسەت ۋە مۇمكىنچىلىككە ئىگە بىر ئۇلۇغ دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز.» دۆلەتمەن قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: پەقەت پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئارزۇغا ئىنتىلسەكلا، چوقۇم ئۆزىمىزگە تەۋە قالتىس كىشىلىك ھاياتنى يارىتالايمىز.

 مەيلى چېگرا لىنىيەسىدە ياكى ئېتىز باشلىرىدا بولسۇن، ئۇلارنىڭ سىيماسى ھەمىشە پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا پەيدا بولدى. بۇ خىل ئاغرىنمايدىغان، ئۆكۈنمەيدىغان چىڭ تۇرۇش دەل يېڭى دەۋر ياشلىرىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك پەزىلىتى.

 ئىتتىپاقلىق ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملەش

 تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى بىپايان تۇپراقتا، ھەر مىللەت ياشلار ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى. ئۇلار ياشلىق باھارىدىكى قىزغىنلىقى ئارقىلىق ئارىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، يۇغۇرۇلۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش»نىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئىزاھلىماقتا. ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان بۇ خىل ياشلىق باھارى كۈچى مۇقەررەر ھالدا شىنجاڭنىڭ گۈزەل ئەتىسى ئۈچۈن تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

 4- ئاينىڭ 29- كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرى ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرگە نام بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭلىق ئۈچ ئوقۇغۇچى ئابدۇكېرىم ئادىل، ئابدۇسالام مەتنىياز، بىلال ئابدۇۋەلىنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئاممىنى باتۇرلۇق بىلەن قۇتقۇزۇشتەك ھەققانىي ھەرىكىتىنى تەقدىرلىدى، ئۇلارغا «جىنەن شەھىرى بويىچە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن نەمۇنىچىلار كوللېكتىپى» دەپ شەرەپلىك نام بەردى.

 «بۇ شان- شەرەپ بىزگە مەنسۇپ بولۇپلا قالماي، يەنە بىزنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن يۇرتىمىزغا مەنسۇپ. ئانارنىڭ بىر دانىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يۇرتىمىزدىكى ئاددىي- ساددا خەلق ئىستىلى ۋە قويۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتى بىزگە ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشنى ئۆگەتتى، مەيلى قەيەرگە بېرىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ھاياتلىقنى قوغداش دەل ۋۇجۇدىمىزغا ئورناپ كەتكەن تۇغما ئىقتىدار»، دېدى ئابدۇكېرىم.

 4- ئاينىڭ 30- كۈنى، يۈسۈپجان ھەبىبۇللا شەرەپ بىلەن 2025- يىللىق يېڭى دەۋردىكى ياش ئاۋانگارتلار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئۇ شەرەپ گۇۋاھنامىسىغا قارىغىنىچە، 2022- يىلى 4- ئاينىڭ 9- كۈنى ۋە 10- كۈنىدىكى ئىشلارنى ئەسلىدى، ئۇ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ جىڭجوۋ شەھىرى جيەنلى شەھىرىدىكى چاڭجياڭ دەرياسى بويىدا ئىككى قېتىم دەرياغا سەكرەپ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بىر بالىنى ۋە ئانا- بالا ئىككىيلەننى ئىلگىرى- كېيىن قۇتقۇزدى. قىسقىغىنا ئىككى كۈندە، ئۇ ئارقا- ئارقىدىن ئۈچ كىشىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى، ئۇنىڭ باتۇرانە ھەرىكىتى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى.

 يۈسۈپجان ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرى دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلدە كۆرسەتتى. ئۇ دائىم باشقىلارغا: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر قۇرۇق شوئار ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي ئەمەلىي ھەرىكەت»، دەيتتى. ئۇ چىن قەلب ئارقىلىق چىن ھېسسىياتقا ئېرىشىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ يېقىن ئۆتۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى، ئۇنىڭ روھى يەنە تېخىمۇ كۆپ كىشىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىغا ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.

 پۇرسەت ۋە رىقابەتكە تولغان بۇ مېھىرلىك تۇپراقتا، شىنجاڭ ياشلىرى كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ياشلىق باھارى ھېكايىسىنى پۈتۈپ، ياشلىقىدىكى جاپالىق ئەجرى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىگە مەنسۇپ گۈزەل مېلودىيەنى پۈتۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇلۇغ دەۋرگە ئەڭ چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببىتىنى بېغىشلىماقتا.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125