ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چېن چياڭۋېي) يېقىندا، ئۈرۈمچى تاموژنىسى «ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى قوللاش ئۈچ يىللىق مەخسۇس ھەرىكىتىگە دائىر 12 تۈرلۈك تەدبىر»نى ئېلان قىلىپ، كەسىپ تەرەققىياتى، مەنبەدىن باشقۇرۇش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە 12 تۈرلۈك ئىنچىكە تەدبىرنى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك چوڭ رايونىدىن يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونىغا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىدا مىقدارنى مۇقىملاشتۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 1- پەسىلدە، شىنجاڭدىكى پورتلار ئارقىلىق 218 مىڭ توننا مېۋە- كۆكتات ئېكسپورت قىلىنغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %55.1 ئاشقان.
دىققەتنى كەسىپ تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈش جەھەتتە، ئۈرۈمچى تاموژنىسى شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك كەسپىگە قارىتا، كەسىپ تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئېكسپورتنى كېڭەيتىشىگە مۇۋاپىق تەكلىپ بېرىدۇ. مەنبەدىن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش جەھەتتە، كارخانىلارنىڭ ئېكسپورت ئېھتىياجىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، تاموژنىنىڭ ئەنگە ئېلىپ تىزىملاش قاتارلىق نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش شەكلى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېكسپورت كارخانىلىرىنىڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەش، يۇقۇم ئەھۋالى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋە مەھسۇلاتلارنى سۈرۈشتۈرۈپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى، تاكامۇللاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئېتىراپ قىلىنغان تىجارەتچىلەر (AEO)نى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، نۇقتىلىق يۆلەيدىغان- ياردەم بېرىدىغان كارخانىلارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك نۇقتىلىق كەسىپلىرىنى AEO كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى ئالدىن قانات يايدۇرۇش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، كارخانىلارنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئېتىراپ قىلىنغان كارخانىلار ھەمدە ئىناۋەت دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى كارخانىلارغا قارىتا، بەلگىلىمە بويىچە «تاموژنا كارخانىلارنىڭ ئۆز- ئۆزىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ ئېتىراپ قىلىش ئەندىزىسى»نى قوللىنىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا بولىدۇ.
فۇنكسىيە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش جەھەتتە، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى كېڭەيتىشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرىنى سىرتتا ئەنگە ئالدۇرۇشقا تەۋسىيە قىلىپ، مايسا، گۈل- گىياھ، يەم- خەشەك خۇرۇچى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئېكسپورت بازىرىنى ئېچىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا- كەنت كەسىپلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.
ئۈرۈمچى تاموژنىسى ھەرقايسى تەۋەلىكتىكى تەكشۈرۈش مەشغۇلاتى نەق مەيدانلىرىدا يېڭى، تىرىك، ئاسان چىرىيدىغان يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى «يېشىل يولى»نى داۋاملىق تەسىس قىلىپ، چېگرا پورتى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش «يېشىل يولى» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، «يېشىل تاموژنا قۇلۇپى»نى كۆپەيتىپ، كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىدۇ.
تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سودىغا قولايلىق يارىتىشقا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە، ئاساسلىق سودا دۆلەتلىرى، رايونلىرىنىڭ تېخنىكا قائىدىلىرى، ئۆلچەملىرىنى توپلاپ يېشىپ چۈشەندۈرۈشنى، تېخنىكىلىق سودا تەدبىرلىرىگە دائىر ئۇچۇرلارنى توپلاپ تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىدۇ ھەم ئالاقىدار سۇپىلاردا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، كارخانىلارنىڭ دۆلەت سىرتىدىكى نامۇۋاپىق بولغان سودا چەكلىمىسى تەدبىرلىرىگە تاقابىل تۇرۇشىغا يار- يۆلەك بولىدۇ.
كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تاموژنىسى «تاموژنا باشلىقى سىياسەتنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈش»، «تاموژنا باشلىقى كۈتۈۋېلىش كۈنى»، تاموژنا باشلىقى خەت ساندۇقى، 12360 قىزىق لىنىيەسى قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس- تەلىپىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرىدۇ ۋە ئۇنى ھەل قىلىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)