ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرى ۋاڭ نا) «1- ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ساقچىلىرى چېگرانىڭ بىرىنچى سېپىنى، دۆلەت دەرۋازىسى پورتىنى چىڭ ساقلاپ، ئىنچىكە مۇلازىمىتى ئارقىلىق، ئاممىنىڭ تىنچ- ئامان سەپەر قىلىشىنى قوغدىدى، تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قوغدىدى.
تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئېگىزلىك مەنزىرىسى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلماقتا. قەشقەر چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى تاشقورغان چېگرا باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى ۋە ئادەم زىچ رايونلارنى چارلاپ مۇداپىئە كۆرۈشنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىشنى بىخەتەر، تەرتىپلىك، خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
5- ئاينىڭ 1- كۈنى، كۆكيار چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ «يېزا كادىرلىرى + مەنزىرە رايونى خىزمەتچى خادىملىرى»دىن تەشكىللەنگەن «خالىس ساقچى ئەترىتى» رەسمىي ئىش ئورنىغا چىقىپ، ساقچىلارغا ياردەملىشىپ مۇزتاغ مۇزلۇق باغچىسىدا ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلدى. ئۇلار ئېگىزلىك دورىسى، ئوكسىگېن تۇڭىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈپ ھەم چېگرا مۇداپىئەسىگە دائىر سىياسەت، قانۇن- نىزاملىرىنى دەل ۋاقتىدا چۈشەندۈرۈپ، كەڭ ساياھەتچىلەرنى ھەر ۋاقىت مەسلىھەت بېرىش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.
«ئاپا، بېشىم بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ». «بۇ، ئېگىزلىك رېئاكسىيەسى تەسىرى، تېز ئوكسىگېن سۈمۈرسۇن، ئاندىن بالىنى ئېلىپ بېرىپ بىردەم ئارام ئالدۇرۇڭ». بىر بالىنىڭ ماغدۇرسىز ھالدا ئاپىسىغا دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ، بىر چەتتە نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان خالىس ساقچى بىلىمجان فارمان دەرھال ئوكسىگېن تۇڭىنى ئېلىپ كېلىپ بالىغا ئوكسىگېن سۈمۈرتكۈزۈپ كېسەللىك ئەھۋالىنى پەسەيتتى.
5- ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 14لەردە، ۋاخان كارىدورىدىكى ئۈچ تاش ئابىدە مەنزىرە نۇقتىسىدا، گۇاڭدۇڭلۇق بىر ساياھەتچى زىيادە چارچاش ۋە ئېگىزلىك رېئاكسىيەسى سەۋەبىدىن بىئارام بولدى. دابۇدار چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى ئەھۋالنى بايقىغاندىن كېيىن، دەرھال ساياھەتچىگە ئېگىزلىك رېئاكسىيەسىنى پەسەيتىدىغان دورىلارنى يەتكۈزۈپ بەردى ھەم 120 قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنى دېڭىز يۈزىدىن بىرقەدەر تۆۋەن ئورۇنغا بىخەتەر يۆتكىدى.
تايكېشكېن پورتى «1- ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش كەسپىنى نورمال بېجىردى. ئەتىگەندىن كەچكىچە، تايكېشكېن چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىر كىنىشكا، ھەربىر يۈك- تاقنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، يولۇچىلارنى سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكلەپ، قىيىن مەسىلىلەرنى يارەدملىشىپ ۋاقتىدا ھەل قىلدى. «بۇ، مەن خىزمەت ئورنۇمدا ئۆتكۈزگەن 5- قېتىملىق ئەمگەكچىلەر بايرىمى، بۇ بىرنەچچە كۈندە پورت يولۇچىلار يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالىدۇ، بىز تەكشۈرۈش يوللىرىنى كۆپەيتىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان بولۇشىغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ خاتىرجەم سەپەرگە چىقىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىمىز»، دېدى بۇ پونكىت ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 3- ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى جاڭ شۈەن.
«1- ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كۆكتوقاي ناھىيەسىگە جايلاشقان كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى. ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، مەنزىرە رايونىنىڭ تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن، ئالتاي چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى تۇرغۇن چېگرا ساقچىخانىسى مەنزىرە رايونىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىلگىرىكى يىللاردىكى ساياھەتچىلەر ئېقىم مىقدارى قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، ساقچىلارنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، ساياھەتچىلەر زىچ رايون ۋە نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرىدە تۇرۇپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان ساقچى كۈچىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىپ، تۈرلۈك تاسادىپىي ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆڭۈللۈك، خۇشال ساياھەت قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)