بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.3 ئاشتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى مۇخبىر ۋاڭ يۇڭفېينىڭ خەلق بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەمئىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى ساقلانما مىقدارى 5 تىرىليون 410 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.3 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 2.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.
1- پەسىلدە، خەلق بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى مۇۋاپىق كەڭ قويۇۋېتىلگەن پۇل سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى كۈچلۈك قوللىدى. 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايون بويىچە خەلق پۇلى ھېسابىدىكى تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇقى 3 تىرىليون 440 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.3 ئېشىپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 1.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 6- ئورۇندا تۇردى.
«1- پەسىلدە، كىرېدىت قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالىشىپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارغا پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن مەدەت بېرىش سالمىقى سىجىل مۇستەھكەملەندى»، دېدى خەلق بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى تەكشۈرۈش- ئىستاتىستىكا باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى شۈن جىجيەن.
كىرېدىت ئارقىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىش كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى. 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايون بويىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قەرز پۇل قالدۇقى 956 مىليارد 590 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.3 ئېشىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە تۈرلۈك قەرز پۇل ئېشىش سۈرئىتىدىن 3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، يېقىلغۇ گاز ھەم سۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپىنىڭ قەرز پۇلى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.2 ئېشىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە تۈرلۈك قەرز پۇلىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 11.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.
پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مەدەت بېرىشكە سىجىل كۈچ چىقىرىلدى. 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار قەرز پۇل قالدۇقى 1 تىرىليون 276 مىليارد 240 مىليون يۈەن بولۇپ، يىل بېشىدىكىدىن 72 مىليارد 410 مىليون يۈەن يېڭىدىن كۆپەيدى. بۇنىڭ ئىچىدە، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ قەرز پۇل قالدۇقى 241 مىليارد 310 مىليون يۈەن بولۇپ، يىل بېشىدىكىدىن 45 مىليارد 170 مىليون يۈەن يېڭىدىن كۆپەيدى.
كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ئالاقىدار ساھەلەردىكى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى سىجىل ئۆستۈرۈلدى. 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايون بويىچە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل قالدۇقى 881 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.2 ئېشىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە تۈرلۈك قەرز پۇلنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن 7.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنىڭ قەرز پۇلى مۇقىم ئاشتى. 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنىڭ قەرز پۇل قالدۇقى 672 مىليارد 30 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.2 ئېشىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە تۈرلۈك قەرز پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 4.9 پىرسەنت پوئېنت، شىمالىي شىنجاڭدىكى تۈرلۈك قەرز پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 4.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.
«خەلق بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتى سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ۋە يەتكۈزۈشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى تەلەپچانلىقى بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بانكا كەسپىنىڭ مۇقىم، ساغلام تىجارەت قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇنىۋېرسال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا تۆۋەنلىشىگە تەڭ ئېتىبار بەردى»، دېدى شۈن جىجيەن.
3- ئايدا، ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن تارقىتىلغان خەلق پۇلى قەرز پۇلىنىڭ ۋەزىنلىك ئوتتۇرىچە ئۆسۈم نىسبىتى %3.59 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.7 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، كىچىك كارخانىلار، مىكرو كارخانىلار قەرز پۇلىنىڭ ۋەزىنلىك ئوتتۇرىچە ئۆسۈم نىسبىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %3.67 ۋە %3.57 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا 0.61 ۋە 0.74 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)