ما شىڭرۇي مورىدا شامال ئېلېكتىر كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
12:17:21 2025-05-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

يېڭى ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەۋزەل يوشۇرۇن كۈچنى يەنىمۇ قوزغىتىپ شامال ئېلېكتىر كەسپىنى پۈتۈن زەنجىرلىك، توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 5- ئاينىڭ 5- كۈنى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىگە كېلىپ، توك يەتكۈزۈش- بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، نۇقتىلىق شامال ئېلېكتىر تۈرلىرىنى ئالغا سىلجىتىش، شامال ئېلېكتىر جابدۇقلىرى ياسىمىچىلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: 4- ئاينىڭ 25- كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىش ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىدىكى ئەۋزەل يوشۇرۇن كۈچنى يەنىمۇ قوزغىتىپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن شامال ئېلېكتىر كەسپىنى پۈتۈن زەنجىرلىك، توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، چوڭ- چوڭ تۈرلەرنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرتكىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مورىنىڭ جەنۇبى 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش- بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تۈرى نەق مەيدانىغا كېلىپ، تىرانسفورموتور پونكىتى قۇرۇلۇشىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، دۆلەت ئېلېكتىر تورىنىڭ رايون شامال ئېلېكتىر كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا پائال ئۇيغۇنلىشىپ، يېڭى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھە تورىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ پاكىز ئېنېرگىيەنى قوبۇل قىلىش، تەقسىملەش ۋە تەڭشەش- كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

5- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىغا جايلاشقان يېڭى ئېنېرگىيە بازىسىدىكى جۇڭگو جۇڭمېي ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ 400 مىڭ كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرى نەق مەيدانىدا، شامال ئېلېكتىر مەيدانى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، تۈر مەسئۇلى ۋە ئالاقىدار يولداشلار بىلەن تەپسىلىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا.  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

  قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقى يېڭى ئېنېرگىيە بازىسىدا، ما شىڭرۇي جۇڭگو جۇڭمېي ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ 400 مىڭ كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرى، جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ 800 مىڭ كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرى قۇرۇلۇش مەيدانىغا كېلىپ، شامال ئېلېكتىر مەيدانى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، تۈر مەسئۇللىرى ۋە ئالاقىدار يولداشلار بىلەن تەپسىلىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: دىققەتنى چوڭ- چوڭ تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «قۇملۇق، چۆللۈك، باياۋان» يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ شامال ئېلېكتىر كەسپىنىڭ كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى قۇۋۋەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. يېڭى ئېنېرگىيە بىلەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېلېكتىر مەنبەسى بىلەن ئېلېكتىر تورىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 ما شىڭرۇي ئىلگىرى- كېيىن جىنفېڭ پەن- تېخنىكا شامال ئېلېكتىر جابدۇقلىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق كەسپى بازىسى ۋە دۇڭفاڭ ئېلېكتىر گۇرۇھىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىق بازىسىغا كىرىپ، سېخنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇراشتۇرۇش ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە مەھسۇلات كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن بىرلىكتە كەسىپ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ شامال ئېلېكتىر كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى تۇتۇپ، شامال ئېلېكتىر جابدۇقلىرىنى ياساشنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى پائال پىلانلاش كېرەك. ساھە باشلامچى كارخانىلىرىنى تېزدىن ماكانلىشىشقا زور كۈچ بىلەن جەلپ قىلىپ، ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ ماسلىشىپ كۈچ چىقىرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مارجانسىمان زەنجىر ھاسىل قىلىپ، زەنجىرنى مۇجەسسەملەپ توپقا ئايلاندۇرۇش كېرەك. پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئېنېرگىيە دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، چوڭ- چوڭ پەن- تېخنىكا تۈرلىرىنى پائال پىلانلاپ يولغا قويۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ما شىڭرۇي يەنە لىڭيۈەن ئېغىر سانائەت يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇقلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش بازىسى تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كارخانىلارغا تۈر قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ شامال ئېلېكتىر جابدۇقلىرىنى ياساش كەسىپ زەنجىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشقا كۈچ قوشۇپ، كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تاپىلىدى.

 ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: شامال ئېلېكتىرنى كەڭ كۆلەمدە يۇقىرى نىسبەتتە ئېچىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە يۈرۈشلەشكەن ئېلېكتىر تورى تۈر قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك. يېڭى ئېنېرگىيەنى ئۆز جايىدا ئىشلىتىش بىلەن سىرتقا يەتكۈزۈش يولى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى ئېنېرگىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەسىنىڭ رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شامال ئېلېكتىر جابدۇقلىرىنى ياساش پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ زەنجىرىدىكى «زەنجىر باشلامچىسى» كارخانىلىرى، كەسىپلەر توپىدىكى «توپ باشلامچىسى» كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش دەرىجىسى ۋە كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شامال ئېلېكتىر جابدۇقلىرىنى ياساشنى يەرلىكلەشتۈرۈپ، كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئىشلەپچىقىرىش- ئوقۇتۇش- تەتقىقات بويىچە ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەپ چىڭىتىپ، كان، قاتناش، ساياھەت، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئوت مۇداپىئەسى، كارخانا باغچە رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەرنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەش ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئۈنۈملۈك قوغداش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125