دۆلەتنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، ياشلىق بۇرچىنى دادىل زىممىمىزگە ئالىمىز
12:22:43 2025-05-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرىنى ئىلھاملاندۇردى −

دۆلەتنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، ياشلىق بۇرچىنى دادىل زىممىمىزگە ئالىمىز

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

 «4- ماي» ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ بارلىق ئەترەت ئەزالىرىغا قايتۇرغان جاۋاب خېتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دۆلەتنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، ياشلىق بۇرچىنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، «پارتىيە خاتىرجەم بولۇڭ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا مەن بار» دېگەن جاراڭلىق قەسىمىمىزنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە پۈتۈپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن ياشلىق كۈچىمىزنى قوشۇپ، ياشلىق گۈللىرىمىزنى ۋەتىنىمىز ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىمىز.

 شايار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم ئىشلىرى ئەزاسى، ئىشتات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى مىن 2009- يىلى غەربىي قىسىم پىلانى بويىچە شىنجاڭدا قېلىپ خىزمەت قىلغان پىدائىي بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ بارلىق ئەترەت ئەزالىرىغا قايتۇرغان جاۋاب خېتىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، قەلبى چەكسىز ھاياجانغا تولدى: «مەن ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، تېخىمۇ پۇختا قەدەم بىلەن ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ئەڭ ھەقىقىي ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايمەن؛ تېخىمۇ ئېھتىياتچان پوزىتسىيە بىلەن تۈرلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ھەربىر تۈرلۈك سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن؛ تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل بىلەن قوشۇننى ياخشى يېتەكلەپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتىكى <ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر>نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق تىرىشىپ غايىلىك، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، جاپاغا چىدايدىغان، كۈرەش قىلىشقا ئىنتىلىدىغان يېڭى دەۋردىكى ياخشى ياشلاردىن بولۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق يېڭى دەۋر غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە بۇرچىنى ئەمەلدە كۆرسىتىمەن».

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شايار ناھىيەسىدىكى غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «غەربىي قىسىمغا بارىمەن، ئاساسىي قاتلامغا بارىمەن، ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بارىمەن» دېگەن قەسىمىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ياشلىق ھاياتىي كۈچىنى قوشۇپ، شايارنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

 تيەنجىن بىڭخەي كەسپىي شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن پۇ دۇڭ غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسى بولۇش سۈپىتى بىلەن 2024- يىلى 8- ئايدا قابا ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتىغا كېلىپ خىزمەت قىلدى. ئۇ شۇغۇللىنىدىغان خىزمەت مەنزىرە رايونى ۋە مەھەللىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن پىدائىيلار ئىش ئورنىنى تەڭشەش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش- بىر تەرەپ قىلىشقا تەشكىللەش، مەدەنىيەت، ئۆرپ- ئادەتلەرنى چۈشەندۈرۈش قاتارلىق ئاساسىي ماھارەتلەر بويىچە تەربىيەلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ قابا ناھىيەسىنى ئىككىنچى يۇرتى دەپ بىلىپ، ھەربىر تۈرلۈك خىزمەتكە كۆڭۈل قويۇپ مۇئامىلە قىلدى

 «باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى مېنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى، چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى! قابا ناھىيەسىدە، مەن ياشلىق باھارىدىكى كۈرەشنىڭ چىن مەنىسىنىڭ خەلق ئۈچۈن پۇختا خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن چوقۇم باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غەربىي قىسىمدا يىلتىز تارتىپ، غەربىي قىسىمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈمنى چىقىرىمەن»، دېدى پۇ دۇڭ.

 نيې مىڭ غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىر خوتەن شەھەرلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى جاۋاب خېتىدە بىز كەڭ ياشلارنى <دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى>، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يۇلغۇنغا ئوخشاش قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدە يىلتىز تارتىپ، بىلىمىم ۋە ماھارىتىمنى ئوقۇغۇچىلارغا تولۇق ئۆگىتىپ، بىلىم ئارقىلىق چېگرا رايوندىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ ئارزۇسىنى نۇرلاندۇرىمەن».

 مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى غەربىي قىسىم پىلانى تۈر ئىشخانىسى تەسىس قىلغاندىن بۇيان، 400دىن ئارتۇق پىدائىي بۇ جايدا مۇلازىمەت قىلدى، 30دىن ئارتۇق پىدائىي مورىدا قالدى. «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى مائارىپقا ياردەم بەرگەن پىدائىيلارنى ئېتىراپ قىلغانلىق بولۇپلا قالماي، بىز ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرىنى تېخىمۇ ئىلھاملاندۇردى، بىز مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ ئېغىر، بۇرچىمىزنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق!» 2013- يىلى غەربىي قىسىم پىلانى بويىچە شىنجاڭدا قالغان پىدائىي، مورى ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لۇەن چىڭشېڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى خۇددى بىر دەستە نۇرغا ئوخشاش، كەڭ ياشلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا ئاتلىنىش، چېگرا رايونغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتتى، شۇنداقلا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىگە يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى».                  

 (مۇخبىر جاڭ جىلى، قاتناشقان مۇخبىرلار پەرىزات ئابدۇل، جاڭ تىڭ، گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار زۇلپىيەم ئەمەر، لو يىڭ)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125