«جىگدە چېچىكى گەرچە كىچىك بولسىمۇ، چۆللۈكنى باھار تۈسىگە ئىگە قىلالايدۇ»
12:25:46 2025-05-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن

 4- ئاينىڭ 29- كۈنى، دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقىنىڭ چېلىنىشى بىلەن، شېن لياڭلياڭ سىنىپقا كىرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا «مېھىر- مۇھەببەت يەتكۈزۈش» تېمىسىدا بىر قېتىملىق جانلىق بولغان ئەخلاق ۋە قانۇنچىللىق دەرسى ئۆتتى. دەرسخانىدا، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپىدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىش، باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇردى.

 90- يىللاردا تۇغۇلغان گەنسۇلۇق يىگىت شېن لياڭلياڭ توقسۇن ناھىيەسى بوستان بازىرى جىگدە مەكتىپى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇپ، مەكتەپنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىش بىلەن بىللە، يەنە 2- يىللىق ۋە 3- يىللىققا ئەخلاق ۋە قانۇنچىللىق دەرسى ئۆتۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

 2017- يىلى گۈزەل سەنئەت ئىلىمى كەسپىنى پۈتكۈزگەن شېن لياڭلياڭ 2000 كىلومېتىرغا يېقىن مۇساپىنى بېسىپ توقسۇن ناھىيەسىگە كېلىپ ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللاندى، ئۇنى كۈتۈۋالغىنى 11 بال قۇم- بورانلىق ھاۋارايى ۋە پۇتۇڭخۇانى ئۆلچەملىك سۆزلىيەلمەيدىغان بىر توپ بالىلار ئىدى. جاپالىق مۇھىت شېن لياڭلياڭنىڭ بۇ يەردە قېلىش ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمىدى، 2018- يىلى، ئۇ ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىشقا قاتنىشىش ئارقىلىق، مائارىپقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، بۇ يەردە قالدى.

 «سەددىچىن سېپىلىنىڭ خىش- تاشلىرىنىڭ قىرلىرىنى ئېنىق سىزىش كېرەك، بۇ خۇددى ئادەم بولۇشتىكى جاسارەتكە ئوخشايدۇ.» دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، شېن لياڭلياڭ ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ قول سىزما تام رەسىمىگە رەڭ بېرەتتى. مەكتەپنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 مېتىر كېلىدىغان بۇ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تېمىنى ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ ئاز- ئازدىن تاماملىغان: 24 مەۋسۇمنىڭ كېلىش تارىخىدا رەسىم بىلەن يېزىق بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، «تۈمەن پارچە كىتاب ئوقۇپ، تۈمەن چاقىرىم يول يۈرۈش» دېگەن نەقىل سۆز كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.

 «<سۆزلىيەلەيدىغان> بۇ مەدەنىيەت تېمى مەكتەپتىكى بىر يارقىن، گۈزەل مەنزىرە لىنىيەسىگە ئايلاندى، رەسىم سىزىش جەريانىدا بالىلار قەلبىدە دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئۇلارغا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئاساسىنى ھېس قىلدۇردۇق»، دېدى شېن لياڭلياڭ.

 2023- يىلى، شېن لياڭلياڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يېزا- كەنتلەردىكى مۇنەۋۋەر ياش ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش- مۇكاپاتلاش پىلانىغا تاللاندى.

 بۇلتۇر، جىگدە مەكتىپىدىكى توققۇز ئوقۇغۇچى رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى. بۇ مەزگىلدە، ئۇ باشلامچىلىق بىلەن «ئائىلە بىلەن مەكتەپ ئورتاق تەربىيەلەش + قاتلاملارغا بۆلۈپ يېتەكچىلىك قىلىش»تىن ئىبارەت ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى ماسلاشتۇرۇپ تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئاجىزلىق قىلىدىغان پەنلەرگە قارىتا خاسلاشقان ئاشۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى؛ «خاتالىشىدىغان سوئاللار ئامبۇلاتورىيەسى»نى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، ئاساسىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنى نۆۋەتلىشىپ سىنىپتا يېشىپ چۈشەندۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ھالىتىگە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ، سىردىشىش يىغىنى تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ تەشۋىشنى پەسەيتىشى، نىشان تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بەردى. نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ ھەمىشە كەمتەرلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «نەتىجىنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى يالغۇز مېنىڭلا تىرىشچانلىقىمدىن ئەمەس، بەلكى بىر توپ كىشىنىڭ ئوخشاش بىر نىشانغا قاراپ كۈچىگەنلىكىدىن بولدى».

 يەتتە يىلدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ھاياتىدا، شېن لياڭلياڭ نۇرغۇن ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلەرنى باشتىن كەچۈردى. 2023- يىلى، ئۇ توقسۇن ناھىيەسى بوستان بازىرى چۈنپەيزى باشلانغۇچ مەكتىپىدىن جىگدە مەكتىپىگە يۆتكىلىپ كەلدى، ئەسلىدىكى مەكتەپتىن بىر تۈركۈم ئوقۇتۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشقا توغرا كەلگەچكە، مەكتەپتىكى ئەر ئوقۇتقۇچىلارنى مەكتەپتە ۋاقىتلىق قېلىپ نەرسە- كېرەكلەرنى ئاپتوموبىلدىن چۈشۈرۈشكە ياردەملىشىشكە چاقىردى. شۇ كۈنى كەچقۇرۇنغىچە ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ماددىي ئەشيا ئاپتوموبىلى مەكتەپكە يېتىپ كەلگەندە، سائەت نۆلدىن ئېشىپ كەتكەنىدى، ئۇنى تەسىرلەندۈرگىنى جىگدە مەكتىپىدىكى بارلىق ئەر ئوقۇتقۇچىلار تەنتەربىيە مەيدانى يېنىدا ساقلاپ تۇرغان بولۇپ، ھېچكىم كەچ بولۇپ كەتكەنلىكىدىن ئاغرىنمىغانىدى. شۇ پەيتتە، ئۇنىڭ قەلبى ناھايىتى ئىللىدى، شۇنداقلا مەكتەپنى يېتەكلەپ ئالغا ئىلگىرىلەش ئىرادىسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

 «مەكتەپنىڭ تەرەققىياتى ئەزەلدىن بىر ئادەمنىڭ يالغۇز كۈرەش قىلىشىغا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل كوللېكتىپنىڭ بىر مەقسەتتە ئويلىشى، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىشىغا تايىنىدۇ»، دېدى شېن لياڭلياڭ.

 شېن لياڭلياڭ دائىم «جىگدە چېچىكى گەرچە كىچىك بولسىمۇ، چۆللۈكنى باھار تۈسىگە ئىگە قىلالايدۇ» دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆز بىلەن ئۆزىنى ۋە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ئىلھاملاندۇراتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ جىگدە دەرىخى بىلەن نۇرغۇن ئوخشاشلىقلىرى بار ئىدى. ئۇ ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئالاھىدە تەرىپى يوق ئىدى، ئىقتىدار جەھەتتە، ھەممىگە پىشقانمۇ ئەمەس ئىدى، لېكىن ئۇ جىگدە دەرىخىگە ئوخشاش چۆللۈكتىكى قۇرغاقچىلىق ۋە قارا بورانغا ماسلىشالايتتى. ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن يېزا- كەنت مائارىپىدا بىر خىل چىدامچانلىقنى يېتىلدۈردى، ئۇلار ئۆزىنىڭ قەيسەرلىكى ۋە تۆھپىسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن بىر پارچە يېشىللىق بەرپا قىلدى.

 كەلگۈسىگە نەزەر سالغاندا، شېن لياڭلياڭنىڭ ئېنىق پىلانى بار بولۇپ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى داۋاملىق يېتەكلەپ مۇنداق ئىككى «كىچىك ئىش»نى قىلماقچى: بىرىنچى، «جىگدە» روھىنى دەرسخانىغا سىڭدۈرۈپ، «جىگدە دەرىخى ئاستىدىكى قىزىل ھېكايە» مەكتەپ دەرسلىكىنى تەسىس قىلىش؛ ئىككىنچى، دەرسخانا بىلەن جەمئىيەت تۇرمۇشى ئارىسىدىكى ئېگىز تامنى تېشىپ، «ئەمگەك ئەمەلىيەت بازىسى»نى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئەتىيازدا جىگدە كۆچىتى تىكىپ، يازدا ئۈزۈم بارىڭى ياساپ، كۈزدە ئاپتاپپەرەس يىغىپ، ئوقۇغۇچىلارنى توپا ئاغدۇرۇش، سۇغىرىش، ھوسۇل ئېلىش جەريانىدا «تۆۋەنگە قاراپ يىلتىز تارتىش»نىڭ زېرىكىشلىككە بەرداشلىق بېرىشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، «يۇقىرىغا قاراپ ئۆسۈپ يېتىلىش»نىڭ قەدەمنى پۇختا ئېلىشتىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ھەقىقىي چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش.

 شېن لياڭلياڭ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق، جىگدە مەكتىپىدىن چىققان ھەربىر بالىنى يېزىدا يىلتىز تارتىش ئىشەنچى، دۇنياغا يۈزلىنىش جاسارىتى بىلەن ئوخشىمىغان گۈللەر بولۇپ پورەكلەپ ئېچىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125