بۇ يىل شىنجاڭ 500 نۇقتىلىق تۈرنى يولغا قويۇشنى پىلانلىدى
12:28:24 2025-05-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئومۇمىي سېلىنمىسى 3 تىرىليون 470 مىليارد يۈەن

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ 500 نۇقتىلىق تۈرنى يولغا قويۇشنى پىلانلىغان، ئومۇمىي سېلىنمىسى 3 تىرىليون 470 مىليارد يۈەن بولۇپ، يىللىق پىلان بويىچە 406 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىدىكەن.

 بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈر سانى 2024- يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 70 تۈر كۆپەيگەن بولۇپ، يىللىق پىلاندىكى سېلىنما 56 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك ئاشقان. 500 نۇقتىلىق تۈر ئىچىدە، داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرى 190 تۈر بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنما 1 تىرىليون 370 مىليارد يۈەن، يىللىق پىلاندىكى سېلىنما 243 مىليارد 200 مىليون يۈەن؛ يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈر 120 تۈر بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنما 730 مىليارد يۈەن، يىللىق پىلاندىكى سېلىنما 163 مىليارد 700 مىليون يۈەن؛ زاپاس تۈر 190 تۈر بولۇپ، مۆلچەردىكى ئومۇمىي سېلىنما 1 تىرىليون 370 مىليارد يۈەن.

 سېلىنما كۆلىمىدىن قارىغاندا، 1 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان تۈر 342 بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %68 بولىدۇ، 5 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان تۈر 137 بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %27.4 بولىدۇ.

 ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈر قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى يىن تىڭتىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ، سېلىنما قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئەلالىشىدۇ، تۈر ئومۇمىي مىقدارى ۋە كۆلىمى قوش ئاشىدۇ، ئومۇمىي سانى، يىللىق سېلىنما كۆلىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ.

 كەسىپ ساھەسىدىن قارىغاندا، نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا، دىققەت ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش، سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ئېلېكتىر تورى، نېفىت- تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش ئىقتىدارى قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، 186 نۇقتىلىق تۈر يولغا قويۇلۇپ، جەمئىي 1 تىرىليون 210 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، يىلدا 92 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلاندى؛ نېفىت- تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسى قاتارلىق «ئون چوڭ كەسىپ توپى» چۆرىدىلىپ، 257 نۇقتىلىق تۈر يولغا قويۇلۇپ، جەمئىي 2 تىرىليون 220 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، يىلدا 300 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلاندى؛ پەن- تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت- ساياھەت، سەھىيە- تەنتەربىيە قاتارلىق 57 نۇقتىلىق تۈر يولغا قويۇلۇپ، جەمئىي 37 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، يىلدا 14 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلاندى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125