ئەركىن تۇنىياز ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
2- پەسىلدە تېخىمۇ كۈچەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇش كېرەك
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 5- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيەسىگە كېلىپ، كارخانا سېخلىرى، ئېتىز باشلىرى، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، 2- پەسىلدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ ئىلى ئوبلاستىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد چوڭ ئوبلاستلىق مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، 1- پەسىلدىكى تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، 2- پەسىلدە تېخىمۇ كۈچەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
نارات ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرى ئاپتونوم رايوننىڭ «14- بەش يىل»دىكى نۇقتىلىق تۈرى. ئەركىن تۇنىياز تۈر لايىھەسى، خىزمەتنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئايرودۇرۇم ئۆزگەرتىلىپ ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇلۇپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، رايون ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى قاتارلىقلارغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئايرودۇرۇم تۈرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى تېزلىتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ماس قەدەملىك تەستىقلاپ، يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئاۋىياتسىيە + ساياھەت» «ئاۋىياتسىيە + ئەشيا ئوبوروتى» قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپ ھالىتى بىرلەشكەن كەسىپ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز ئىلى چيۇفېڭ ئۇرۇقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قوناق ئۇرۇقلۇقى يېتىشتۈرۈپ يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش بويىچە بەرپا قىلىنغان ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىغا كېلىپ، قوناقنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، مەخسۇس پۇلنى مەخسۇس ئىشقا ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، ھەقىقىي تۈردە كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك قۇرۇلۇش ۋەزىپىلىرىنى كەم- كوتسىز ياخشى تاماملاش كېرەك.
شىنجاڭ چىشىڭ مۇھىت قوغداش پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ پولات- تۆمۈر قاتتىق تاشلاندۇقلىرىدىن ئايلانما پايدىلىنىش تۈرى نەق مەيدانىدا، ئەركىن تۇنىياز تېخنىكا يولى ۋە كەلگۈسى پىلانىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. ئۇ كارخانىلارنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئالغا سىلجىتىپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قالدۇق قېزىلما داشقاللىرىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئايلانما ئىقتىساد ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى بەرپا قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.
بىر يۇقىرى پەن- تېخنىكىلىق بىيودورىگەرلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز كارخانىلارنى مەۋقەنى ئىلى ئېتى قاتارلىق چارۋىچىلىق بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، پەن- تېخنىكا سېلىنمىسىنى زورايتىپ، يۇقىرى پەن- تېخنىكىلىق بىيوتېخنىكا كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى. چەۋەندازلىق مۇسابىقىسى، خەلق ئۆرپ- ئادىتى ئويۇنلىرى قاتارلىقلارنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاتچىلىق كەسپىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.
شىنجاڭ شىنيۈەنچۈەن سوغۇق سۇ بېلىقى ئۇرۇق پىلازمىسى بازىسى قۇرۇلۇش تۈرى نەق مەيدانىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق بىلدۈردى: سوغۇق سۇ بېلىقىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى، بېلىقچىلىق جابدۇقلىرى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، پەن- تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى زور كۈچ بىلەن ئۇزارتىپ، سوغۇق سۇ بېلىقى كەسپىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا جايلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىق كەسپىنى ھەقىقىي تۈردە خەلقنى بېيىتىدىغان، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئۇ يەنە شىنجاڭ كۈنەس نەسىللىك قوي فېرمىسى چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، كارخانىنى يېتىشتۈرۈش، كۆپەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن پەن تەتقىقات، ئوقۇتۇش بىر گەۋدىلەشكەن قويچىلىق كەسپى ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى بازىسى بەرپا قىلىپ، بازار ئۈلۈشىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، شىنجاڭ قويىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇلۇش دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.
ئەركىن تۇنىياز يەنە نارات خۇامېي شېڭدى مېھمانساراي توپى تۈرىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم خاس ئائىلىۋى مېھمانخانىلارنى زىيارەت قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ساياھەتنىڭ ئاۋات پەسلى يېتىپ كەلدى، قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى بەرپا قىلىپ، يېڭى مەنزىرە بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ئىلى ئوبلاستى تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دىققەتنى «ئادەم، ئاپتوموبىل، يول، كارخانا» قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئورۇنلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تۈگىتىشى كېرەك. سېلىنما بىلەن ئىستېمالدىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچنى تۇتۇپ، ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، كۆپ خىللاشقان مەدەنىيەت، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىشى كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، تەرەققىياتنى كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىش داۋامىدا ئىنتىزام، قائىدە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلنى تاۋلىشى كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)