شىنجاڭنىڭ سودا توك مىقدارى 900 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى
12:31:19 2025-05-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2016- يىلى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بازارلاشتۇرۇش سودىسى يولغا قويۇلغاندىن ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بازارلاشتۇرۇش سودا توك مىقدارى جەمئىي 900 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئېشىپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان ئابۇنىچىسى 13 مىڭغا يېتىپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.

 2015- يىلى، دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى يولغا قويدى. شىنجاڭ دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان مۇھىم رايونلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2016- يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىچىدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بازىرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بازىرى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش، توك تارقىتىش، توك ئىشلىتىش پىلانىنى تەرتىپلىك قويۇۋېتىش، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك سودىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە دائىر بىر قاتار سىياسەت- ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلدى.

 شىنجاڭنىڭ بازارلاشقان سودا توك مىقدارى 2016- يىلىدىكى 19 مىليارد 600 مىليون كىلوۋات سائەتتىن 2024- يىلىدىكى 150 مىليارد كىلوۋات سائەتكە كۆپەيدى، بازارلاشقان سودا توك مىقدارىنىڭ شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى تىجارەت دائىرىسىدىكى پۈتۈن جەمئىيەت توك ئىشلىتىش مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %26.7تىن %73.5كە ئۆستى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بازىرى شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەشتىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلاندى.

 شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بازارلاشتۇرۇش سودىسىنى تەشكىللەپ يولغا قويغۇچى تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىللىق، كۆپ ئايلىق، ئايلىق، ئاي ئىچى قاتارلىق كۆپ دەۋرىيلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك سودا تۈرىنى يېڭىلىق يارىتىپ كىرگۈزدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئىككى تەرەپ كېڭىشىش + مەركەزلىك ھالدا باھادا رىقابەتلىشىش + ۋىۋىسكا ئېسىپ سودىلىشىش»تىن ئىبارەت كۆپ ئۆلچەملىك سودا مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك، نەق مال، قوشۇمچە مۇلازىمەت ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇلغان كۆپ قاتلاملىق بىرلىككە كەلگەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بازىرى سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلدى.

 شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە شامال ئېنېرگىيەسى بايلىقىنىڭ ساقلىنىش مىقدارى بىردەك مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. يېڭى ئېنېرگىيە سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى يېڭى ئېنېرگىيە بىلەن كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىپ ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ سەپلىمە سودىسىنى يولغا قويۇپ، باغلاپ تېڭىش نىسبىتى چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ شىنجاڭ ئىچىدىكى پۈتۈن تۈرلەر بويىچە ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك سودىغا قاتنىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ۋە يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى كىنىشكىسى سودىسىنى يولغا قويۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئىشلىتىش بوشلۇقىنى تىرىشىپ قازدى ۋە كېڭەيتتى.

 بۇ يىل، شىنجاڭ تۇنجى قېتىم ئاي ئىچىدىكى يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەپتە بويىچە بازار ئېچىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىل 1- پەسىلدىلا، يېڭى ئېنېرگىيە بازارلاشقان سودا توك مىقدارىنىڭ شىنجاڭ بازارلاشقان سودا ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %35تىن ئېشىپ، 2020- يىلىدىكىدىن 25 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى.

 شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى سودا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سۇڭ شۆچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: «تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، سىرتقا يەتكۈزۈشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» نۇقتىلىق خىزمىتىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «مەنبە، تور، يۈك كۆتۈرۈش، زاپاس ساقلاش» ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان سودا سۇپىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ بۇ يىل يېڭى ئېنېرگىيە سودىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىدە يەنە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا كۆلىمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشىنى كۈچلۈك بازار تىرىكى بىلەن تەمىنلەيمىز.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125