دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئىستېمال بازىرىدا تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج تەڭ ئاشتى
13:07:39 2025-05-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، «1- ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىستېمال بازىرىدا تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج تەڭ ئېشىش ۋەزىيىتى نامايان بولغان. بايرام مەزگىلىدە، سودا تارماقلىرى نۇقتىلىق ئۆلچەپ تەكشۈرگەن 93 پارچە سېتىش، يېمەك- ئىچمەك كارخانىسى ئىشقا ئاشۇرغان سېتىش سوممىسى 360 مىليون يۈەن بولۇپ، 2024- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %7.9 ئاشقان. بۇ يىلدىن بۇيان، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئىستېمال كۆلىمىنىڭ جەمئىي 10 مىليارد يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان.

 سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دەم ئېلىش كۈنى ئىقتىسادىدا كۆپ نۇقتىدا نەتىجە يارىتىلىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن. ئاپتوموبىل تۈرى، ئالتۇن- كۈمۈش، ئۈنچە- مەرۋايىت تۈرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ھەم ئۈن- سىن ئۈسكۈنىلىرى تۈرى، ئاشلىق- ياغ- يېمەكلىك تۈرىدىكى تاۋارلارنىڭ سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشقان، گىرىم بۇيۇملىرى تۈرى ھەم يېمەك- ئىچمەك ئىستېمالى ماس قەدەمدە ئاشقان.

 بايراملىق بازارنىڭ تەكشى، سىلىق يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى بايرامدىن بۇرۇن بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ئامبار زاپىسىنى كۆپەيتىش، تاۋار تۈرلىرىنى بېيىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. بايرام مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ بازار مىقدارى يېتەرلىك، باھاسى مۇقىم بولدى، ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، كۆكتات قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرىنىڭ باھاسى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاندى.

 بايراملىق ئىستېمالنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن، «1- ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، تۇنجى دۇكان، تۇنجى يارىتىش، تور ئىستېمالى، كېچىلىك ئىقتىساد، مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ باھالاش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، «كۇرسلۇق ئىستېمال، سۈپەتلىك ئىستېمال بويىچە توردا سېتىۋېلىش بايرىمى»، «شىنجاڭدا سېتىۋېلىش . يېڭى سەھىپە ئېچىش» بويىچە تۇنجى يارىتىش يېڭى پەسلىنى كۈتۈۋېلىش ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك قەھۋە بولكىسى بايرىمى، «ئانار بۇلۇت مەززىلىك تائاملار يىغىلىشى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ھەمتۈرتكە بولۇپ 100 مەيداندىن ئارتۇق خاس پائالىيەتنى قانات يايدۇردى، قومۇل شەھىرى «<1- ماي> خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئىستېمال كاتتا زىياپىتى» ھەم 2- نۆۋەتلىك مەززىلىك تائام مەدەنىيىتى بايرىمى قاتارلىق ئون مەيداندىن ئارتۇق باش تېمىلىق پائالىيەتنى يولغا قويدى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى 8- نۆۋەتلىك تاش ئالما چېچەك پەسلى يېزا- كەنت بازىرى ۋە خەلق ئۆرپ- ئادىتى مەدەنىيەت- ساياھەت كاتتا مەرىكىسى ئۆتكۈزدى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خاس مەززىلىك تائاملار يەرمەنكىسى، «تەمگە باي بايىنغولىن ئوبلاستى» مەززىلىك تائاملار بايرىمى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى يولغا قويدى.

 ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېمال بېلىتىنى تارقىتىشى كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈردى. خوتەن ۋىلايىتىدە 50 مىليون يۈەنلىك ئىستېمال بېلىتى تارقىتىلدى، قاراماي شەھىرىدە 43 مىليون يۈەنلىك ئىستېمال ياردەم پۇلى تارقىتىلدى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 40 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ ئاپتوموبىل، سودا قاتارلىقلارغا ياردەم پۇلى بېرىش قانات يايدۇرۇلدى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كۆپلىگەن رايون، ناھىيە ھەمتۈرتكە بولۇپ سودا ساراي، تاللا بازار، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا ئىستېمال بېلىتى تارقاتتى، سانجى ئوبلاستى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 5000 يۈەنلىك يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى بېرىشنى يولغا قويدى.

 كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى ئىستېمالنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسىي موتورغا ئايلاندى. 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 4- كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە ياردەم پۇل ئىلتىماس قىلىنغان ئىستېمال بۇيۇمى 84 مىڭ دانە(پارچە)گە يېتىپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئىلتىماس قىلىش مىقدارى بايرامدىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا شىددەت بىلەن %74.4 ئاشتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جەمئىي ياردەم پۇل ئىلتىماس قىلىنغان بۇيۇم 1 مىليون 88 مىڭ دانە(پارچە)، ئىلتىماس قىلىنغان پۇل سوممىسى 1 مىليارد 280 مىليون يۈەن بولۇپ، ئىستېمال كۆلىمىنىڭ 10 مىليارد يۈەندىن ئېشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇپ، كۈچلۈك بازار تۈرتكىلىك ئۈنۈمىنى نامايان قىلدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125