تاشقى سودا نېمە ئۈچۈن ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئاشتى
13:09:31 2025-05-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي

 يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىقنىڭ زەربىسى ئالدىدا، 1- پەسىلدە، جۇڭگونىڭ تاشقى سودىسى كۈچلۈك ئېلاستىكلىقىنى نامايان قىلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ يادرولۇق رايونى بولغان شىنجاڭمۇ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن خېلىلا يۇقىرى بولۇش جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇردى − تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 108 مىليارد 160 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.4 ئاشتى.

 1- پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكى تاشقى سودىسىنىڭ %1.3لىك ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

 تاشقى جەھەتتە قىيىنچىلىق ۋە خىرىس كۆپىيىۋاتقان ئەھۋالدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسى نېمە ئۈچۈن ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئاشتى؟ شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىنى مۇقىم ئاشۇرۇشتىكى ئىشەنچى نەدە؟

 نۇقتىلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ يېتەكچىلىك رولى گەۋدىلىك بولدى

 4- ئاينىڭ 14- كۈنى، ماشىنىسازلىق زاپچاسلىرى، ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر، خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى لىق قاچىلانغان جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتىدىن قوزغىلىپ، پولشانىڭ مالاشېۋىچقا قاراپ يولغا چىقتى. شۇ كۈنى، ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتىدىن قاتنىغان جۇڭگو − ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى 2000 قېتىمدىن ئاشتى.

 «1- پەسىلدە، بىز ۋاكالىتەن بېجىرگەن تاموژنىغا مەلۇم قىلىش كەسىپ مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشتى، يۈك تىرانسپورت مىقدارى 300 مىڭ توننىغا يېقىنلاشتى»، دېدى شىنجاڭ ئالاتاۋ جيېئەن ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتىنىڭ كەسپىي خادىمى ليۇ دېياڭ.

 شىنجاڭدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك قۇرۇقلۇق پورتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 1- پەسىلدە ئالاتاۋ پورتىنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت يۈك تىرانسپورت مىقدارى 7 مىليون 24 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، تۆمۈريول پورتىنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت يۈك تىرانسپورت مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئاشتى، تاشيول پورتىنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت يۈك تىرانسپورت مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.7 ئاشتى.

 شىنجاڭ پورتلىرىدا توختىماي قاتناۋاتقان «پولات تۆگە ئەترىتى» شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالتۇن يولىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان ئادەم ئېقىمى ۋە ئەشيا ئوبوروتى ئېلىپ كەلدى.

 قەشقەر ۋىلايىتىدە، بىر ئەنئەنىۋى كىيىم- كېچەك كارخانىسىمۇ دىققىتىنى مەخسۇس دۆلەت ئىچى بازىرىغىلا قويۇشتىن، ئىچكى- تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈزلىنىپ، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى.

 بۇ كىيىم- كېچەك كارخانىسى 2024- يىلى قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا يېڭى شىركەت قۇرۇپ، كۆرگەزمە- يىغىن قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق قىممەتتىكى كىيىم- كېچەك ئېكسپورت قىلدى. بۇ يىل ئۇلار قازاقىستان بازىرىدا سودىسىنى كېڭەيتىشنى باشلاپ، ئەنئەنىۋى كارخانىلارنىڭ تاشقى سودا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى يولىنى ئاچتى.

 ئالدىراشلىققا تولغان پورتلاردىن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەن كارخانىلارغىچە ھەممىسى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.

 سانلىق مەلۇمات ئەڭ كۈچلۈك ئىسپات. پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدىن قارىغاندا، 3- ئايدا، شىنجاڭدىكى ئون ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتىدە مۇسبەت ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، قەشقەر ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىپادىسى كۆزنى چاقنىتىدىغان بولۇپ، ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم %111.1، %164.2، %51.6، %100.3 ئاشتى، كۆلەم يىغىندىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئىگىلىگەن نىسبىتى دېيىلدى) %85.7ىنى ئىگىلىدى.

 بۇ تۆت ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدىكى «سەركە». 1- پەسىلدە، قەشقەر ۋىلايىتى، ئىلى ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم %1.7، %65.7، %33 ۋە %18.9 ئاشتى.

 «بۇ تۆت ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ جەمئىي تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىمپورت-  ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %127.8كە يېتىپ، نۇقتىلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ تاشقى سودا يېتەكچىلىك رولىنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى»، دېدى ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئىستاتىستىكا- ئانالىز باشقارمىسى ئانالىز بۆلۈمىنىڭ 1- دەرىجىلىك مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى جاۋ رۇي.

 سودا كۆپ خىللىشىپ تاشقى خەۋپ- خەتەرگە تاقابىل تۇردى

 سودا ھەمراھلىرىنىڭ كۆپ خىللىشىشى شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ تاشقى خەۋپ- خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

 ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى سودا بازىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئايرىم- ئايرىم ئىگىلىگەن نىسبىتى %52.7 ۋە %13.2 ئىكەن. بۇ، شىنجاڭنىڭ 60 پىرسەنتتىن كۆپرەك تاشقى سودىسىنى ئۇلار بىلەن قىلغانغا باراۋەر. 

 1- پەسىلدە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ بۇ ئىككى سودا بازىرىدىكى ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-  ئايرىم %8.3، %348.6 ئېشىپ، تۆۋەنلەشتىن توختاپ مۇقىملىشىشقا يۈزلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

 4- ئايدا، كەلپىن ناھىيەسىدىكى تۆگە سۈتى پىششىقلاش كارخانىسى ئىشلەپچىقارغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 168 قۇتا تۆگە سۈتى پاراشوكى تەكشۈرۈش- كارانتىن قىلىشتا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن سىنگاپورغا ئېكسپورت قىلىندى. بۇ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ سۈت پاراشوكى تۈرىدىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت قىلىنماسلىق ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

 «تۆگە سۈت پاراشوكى بىرقەدەر يۇقىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازارلىرىدا غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى. نۆۋەتتە بىز شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى ئون دۆلەت بىلەن زاكاز ئىمزالىدۇق، بۇنىڭ ئىچىدە سىنگاپورنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى زاكازى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مالايسىيا، ھىندونېزىيە قاتارلىق بازارلارنى ئېچىشنى پىلانلاۋاتىمىز»، دېدى بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ خەيپىڭ.

 ئەنئەنىۋى سودا ھەمراھلىرىدا مۇقىم ئېشىش ھالىتى ساقلانغاندىن سىرت، شىنجاڭنىڭ  يېڭىدىن گۈللەنگەن قىسمەن بازارلىرىمۇ يېڭى ئېشىشنى كۈتۈۋالدى. بۇ ئۆزگىرىش شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشكەنلىكىنىڭ پايدىسىدىن،  شىنجاڭنىڭ خەلقئارا سودىدىكى «دوستلار چەمبىرىكى»نى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدىن بولدى.

 1- پەسىلدە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئافرىقا، غەربىي ئاسىيا، لاتىن ئامېرىكىسى، ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلاردىكى ئىمپورت- ئېكسپورت قۇۋۋىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم %42.9، %88.3، %108.8، %75.5 ئېشىپ، جەمئىي ئىگىلىگەن نىسبىتى %11.1 بولدى.

 بۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ئەنئەنىۋى بازارلىرىنىڭ شىنجاڭ تاشقى سودىسىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ياۋروپا بازارلىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنىڭ جارى قىلدۇرۇلغانلىقى، ئافرىقا، غەربىي ئاسىيا، لاتىن ئامېرىكىسى، ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار كۆلىمىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق ئاساسلىق بازارلاردىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

 «بۇ، خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىش. شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ كۆپ خىللىشىش يۈزلىنىشى تېخىمۇ روشەنلەشتى، بۇ، خەۋپ- خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ كۈچەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ»، دېدى جاۋ رۇي.

 «ئەمدى ھەممە تۇخۇمنى بىر سېۋەتكە سالماسلىق» تەدبىرى شىنجاڭ تاشقى سودىسىنى خەلقئارا بازاردىكى داۋالغۇشتا مۇقىملىقنى ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

 يېڭى ئامىل كەلگۈسىدىكى ئېشىش بوشلۇقىنى كېڭەيتتى

 «1- پەسىلدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئىچىدە، ئىككى سانلىق مەلۇمات شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ ئاكتىپ سىگنالىنى قويۇپ بەردى»، دېدى جاۋ رۇي.

 ئۇ ئېيتقان ئىككى سىگنالنىڭ بىرى شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش سۇپىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، يەنە بىرى تاشقى سودا قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش.

 ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، 2023- يىلى 11- ئايدا جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىغا ۋىۋىسكا ئېسىلغاندىن بۇيان، ئىمپورت- ئېكسپورت سودا قىممىتىنىڭ شىنجاڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى مۇقىم ئاشقان، بۇ يىل 1- پەسىلدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %41.9كە يەتكەن. ئوخشاش مەزگىلدە، شىنجاڭدىكى تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ جەمئىي ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى 40 مىليارد 570 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.7 ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %37.5 بولغان.

 1- پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى سودا كۆلىمى تېز ئېشىپ، شىنجاڭدىكى 1- چوڭ سودا شەكلىگە ئايلاندى، ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %66.7 ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %50.9 بولدى.

 جاۋ رۇي مۇنداق بىلدۈردى: ئادەتتىكى سودىنىڭ شىنجاڭنىڭ پۈتكۈل تاشقى سودىسىغا قوشقان تۆھپىسى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولدى، بۇ، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىدا يۈكسىلىش بولغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

 ئادەتتىكى سودا جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى ئىمپورت- ئېكسپورت تىجارەت ھوقۇقىغا ئىگە كارخانىلارنىڭ يەككە تەرەپلىك ئىمپورت ياكى يەككە تەرەپلىك ئېكسپورت سودىسىنى كۆرسىتىدۇ.

 شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىدا، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئامىللارنىڭ رولى بارغانسېرى چوڭ جارى قىلدۇرۇلدى، بۇ، تاشقى سودىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى.

 شىنجاڭ سەنشۇنتۇڭ خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى 2024- يىلى 4- ئايدا قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا ماكانلاشتى، شۇ يىلى 9- ئايدا ئالدىنقى ئامبارنى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونغا تەسىس قىلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ كەسىپ مىقدارىدا زور دەرىجىدە ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.

 «مەملىكەت سىرتىدىن كەلگەن زاكازلاردا ماللارنى بىۋاسىتە ئالدىنقى ئامباردىن مال يۆتكەپ ئېكسپورت قىلالايمىز.» بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ دۇڭچىڭ مۇنداق دېدى: 1- پەسىلدە، شىركىتىمىز جەمئىي ئېكسپورت قىلغان چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىسى 2 مىليون 361 مىڭ بولۇپ، ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى 2.16 ھەسسە ئاشتى، مال قىممىتى ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى 1.21 ھەسسە ئاشتى.

 باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق تاشقى سودا يېڭى كەسىپ ھالىتى شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن سۇپىلىرىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. بۇ سۇپىلارنىڭ بەرپا قىلىنىشى شىنجاڭنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلار بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، تاشقى سودا تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125