− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ھەر مىللەت ئامما بىلەن بايرامنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك
«1- ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى پەيتىدە، تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى ھەر دەرىجىلىك كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەر مىللەت ئامما بىلەن بايرامنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈپ، دوستلۇق مېھرىنى ئىزھار قىلىپ، بەخت توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، تەرەققىياتنى پىلانلاپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدى.
«بەك چىرايلىق ئىكەن، مەن ئاشۇ قىزىل رەڭدىكى كەڭ يەڭلىك خەنفۇ كىيىمىنى بەك ياقتۇرىمەن، بالامغىمۇ بىر قۇر ئېلىپ بېرەي دەيمەن»، دېدى 4- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئاچا- سىڭىللارنىڭ كىيىم- كېچەك كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، نۇرگۈل ساۋۇت ھاياجانلانغان ھالدا.
شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت- ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاقسۇ شەھىرى ئېگەرچى بازىرى باغچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن «ئەمگەك گۈزەللىكىنى قەدىرلەش ۋە مەدھىيەلەش، ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىق باھارنى نامايان قىلىش» باش تېما پائالىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ تەشكىللەپ، دۆلەت ئورتاق تىلىدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى بىلەن كىيىم- كېچەك كۆرگەزمىسىنى ئەپچىللىك بىلەن يۇغۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆزگىچە بايرام ئۆتكۈزدى.
«بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەمگەك قىزغىنلىقى ۋە ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، گۈزەل يېزا- كەنتىمىزنى ياخشى قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن»، دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت- ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ باغچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى ۋاڭ جېۋۇ.
ئارغامچا تارتىشىش، تەپكۈچ تېپىش، ئارغامچا سەكرەش... بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ يېڭىسار بازىرى ئۇزۇنبۇلاق كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. «1- ماي» يېتىپ كېلىش پەيتىدە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىرلىك سەپ سىستېمىسىنىڭ ئۇزۇنبۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرى، قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى بىرلىكتە پىلانلاپ، 1000دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.
«پائالىيەتتە ھەم بەدەن چېنىقتۇردۇق، ھەم قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردۇق.» كەنت ئاھالىسى رازىيەم تۇرسۇن مۇنداق دېدى: «بىز پائالىيەت جەريانىدا ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا رىغبەتلەندۈرۈپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇق».
4- ئاينىڭ 30- كۈنى، قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسىنىڭ يەكەن ناھىيەسى چارباغ يېزىسى گۈزە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى 80 نەچچە كەنت ئاھالىسىنى يەكەن مۇزېيى، يەكەن كونا شەھەر ئەسلىمە سارىيى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللەپ، كەنت ئاھالىلىرىگە گىرەلەشكەن چىراغ نۇرلىرى ئىچىدە دەۋر تەرەققىياتىنىڭ تومۇرىنى ھېس قىلدۇردى.
يەكەن مۇزېيىدا، 75 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ئەخمەت سۇلايمان خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ياڭ خۇڭنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، كىچىك ۋاقتىدا ئازادلىق ئارمىيەنى كۆرگەن چاغدىكى ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردى. «ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى سۈرەتلەرنى كۆرۈپ، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنى تېخىمۇ قەدىرلىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم، بىز دائىم مىننەتدارلىق ھېسسىياتىدا بولۇپ، پارتىيەنى سۆيۈشىمىز، ۋەتەننى سۆيۈشىمىز، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشىمىز كېرەك.» ئەخمەت مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىزنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرغىنىغا رەھمەت، بۇ بايرام ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتتى».
«1- ماي» مەزگىلىدە، قابا ناھىيەسىگە ساياھەتكە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. جۇڭگو بانكىسى ئالتاي شۆبە بانكىسىنىڭ قابا ناھىيەسى سارتام يېزىسى كۇرمىش كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئەترىتى تەشكىللەپ، كەنت يولى، دەريا يولى قاتارلىقلارنى تازىلاپ، كەنتنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلىدى.
«ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، ئەمگەك ئەڭ ئالىيجاناب، ئەمگەك ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمگەك ئەڭ گۈزەل. <1- ماي> مەزگىلىدە، بىز كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە ئەمگەك قىلىپ، پاكىز، گۈزەل مۇھىت ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدۇق»، دېدى جۇڭگو بانكىسى ئالتاي شۆبە بانكىسىنىڭ كۇرمىش كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1- شۇجىسى جوۋ كەي.
ھازىر ئۈزۈم چېچەكلەپ مېۋە تۇتۇشنىڭ مۇھىم پەرۋىش مەزگىلى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئىدىقۇت رايونى ئاستانە يېزىسى تەيزاڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چېچەك- مېۋىنى شالاڭلىتىش، ئوغۇتلاش، سۇغىرىش، كېسەللىك- ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلار بىلەن بىللە ئېتىزدا ئىشلىدى.
«نەچچە كۈن ئىلگىرى، بىر مۇتەخەسسىس كەنتكە كېلىپ <ئېتىز دەرسخانىسى>دا تەربىيەلەپ، بىزگە ئۈزۈمنىڭ چېچەكلەپ مېۋە تۇتۇش مەزگىلىدىكى پەرۋىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۈزۈمنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، بىز بىلەن بىللە ئېتىزدا ئىشلىدى، بۇ يىل چوقۇم ياخشى ھوسۇل ئالالايمىز»، دېدى كەنت ئاھالىسى ئالىم ئابلىمىت.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)