تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق پاختىكارلارنىڭ مول ھوسۇل ئېلىش ئارزۇسىغا تىرەك بولىمەن
13:19:34 2025-05-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى توختى نىياز توغرىسىدا

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي

 4- ئاينىڭ 28- كۈنى خۇش خەۋەر يېتىپ كېلىشى بىلەن، شايار بوشىرەن ئاقىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شايار بوشىرەن شىركىتى» دېيىلىدۇ) قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى، بۇ شىركەتنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى ئىشلارغا مەسئۇل بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى توختى نىياز شەرەپ بىلەن «مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەنىدى.

 بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتنىشىپ بولغاندىن كېيىن، توختى خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلدى. «ھازىر دەل كېۋەز تېرىش مەزگىلى، سېتىشتىن كېيىنكى كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.» زىيارەت جەريانىدا، توختىنىڭ ئەڭ كۆپ تىلغا ئالغىنى، بۇ شان- شەرەپكە شىركەتتىكى ھەربىر ئىشچى- خىزمەتچىنىڭ ئەجرى ۋە جاپالىق ئەمگىكى سىڭگەن، دېگەن سۆز بولدى.

 ئادەتتە توختىنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش- ئاسراش بولۇپ، تەكشۈرۈشكە ئېلىپ كېلىنگەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ موتورى، ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسى، سۇيۇق بېسىملىق سىستېمىسى، تاسمىسى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق زاپچاسلىرىنى ئىنچىكە تەكشۈرەتتى. «مەسىلەن: پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ تاسما ئۇلانغان جايى بوشاپ قېلىش ئەھۋالى بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ، ئەگەر شوپۇر دىققەت قىلمىسا تاسما ئۈزۈلۈپ كېتىپ، كېيىنكى يىغىش- تايلاش مەشغۇلاتىغا تەسىر يېتىدۇ، ئاسرىغاندا بۇ ئەھۋاللارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.» ئۇ مۇنداق دېدى: دائىملىق ئاسراشنى ياخشى ئىشلىگەندىلا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە ساغلام ئىش ئورنىغا چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

 شايار بوشىرەن شىركىتىگە كىرىشتىن ئىلگىرى، توختى ئەزەلدىن چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان بولسىمۇ، «بىر ماشىنا نەچچە ئونمىڭ ئادەمنىڭ خىزمەت مىقدارىغا تەڭ كېلەلەيدۇ، بىر كۈندە نەچچە يۈز مو يەردىكى پاختىنى يىغىۋالالايدۇ» دېگەن سۆز ئۇنى چوڭقۇر جەلپ قىلدى، ئۇنىڭغا بۇ خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

 ئۇ، بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، كۆڭلىنى توختىتىپ، يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، پاختا يىغىش ماشىنىسى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ پىرىنسىپى، پۈتۈن ماشىنىنىڭ قۇرۇلمىسى قاتارلىق بىلىملەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، قەدەممۇقەدەم شىركەتنىڭ تېخنىكا تايانچىسىغا ئايلاندى. بۇ جەرياندا ئۇ رېمونت ئەھۋالىنى خاتىرىلەيدىغان ئادەتنى يېتىلدۈردى، ئۇ: «ھەربىر ماشىنا ئۆز بالامغا ئوخشايدۇ، رېمونت خاتىرىسىگە ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى خاتىرىلەيمەن»، دېدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ رېمونت خاتىرىسىدىن ئۈچنى توشقۇزۇپ بولدى.

 ھەر يىلىدىكى كېۋەز تېرىش ۋە پاختا يىغىش مەزگىلى توختى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ ئەڭ ئالدىراش ۋاقتى. ئۇ ئېتىز باشلىرىنى رېمونت زاۋۇتى، دەپ بىلدى، پاختىكارلار ئېھتىياجلىق بولسىلا، بىرىنچى ۋاقىتتا نەق مەيدانغا بېرىپ كاشىلىنى تۈگەتتى.

 «بىزنىڭ تاماق يەيدىغان ۋاقتىمىز، ئورنىمىز مۇقىم ئەمەس، بەزىدە ئېتىز بېشىدا، بەزىدە ماشىنا يېنىدا يەيمىز.» ئۇ مۇنداق دېدى: پاختىكارلارنىڭ پۈتۈن يىللىق ھوسۇلىنىڭ ئېتىزدا ئىكەنلىكىنى ئويلىساملا، ئۆزۈمگە: جەزمەن ئامال قىلىپ ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىشىم كېرەك، دەيمەن.

 ماشىنىلىشىشنىڭ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، شىركەتتىكى سېتىشتىن كېيىنكى رېمونت قىلىش- ئاسراش خادىملىرىنىڭ سانى بارا- بارا ئېھتىياجنى قاندۇرالمىدى. توختى بىر تەرەپتىن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى خادىملارنى تەربىيەلەش ئېغىر ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

 مۇختەر ئەخمەت ئىلگىرى تىرانسپورت شىركىتىنىڭ شوپۇرى بولۇپ، ئەزەلدىن رېمونتچىلىق خىزمىتى بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغانىدى. توختى ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان تەربىيەلەش پىلانى تۈزۈپ بېرىپ، قولمۇقول ئۆگەتتى، بىرگە بىر ئۆگەتتى. مۇختەر مىننەتدارلىق بىلەن مۇنداق دېدى: «ئۇستامنىڭ تەجرىبىسى مول ھەم ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان، ئۇنىڭ ياردىمىدە مەن نۇرغۇن تېخنىكا ئۆگىنىۋالدىم».

 خىزمەتتە، توختى باشتىن- ئاخىر جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلىدى. رېمونت قىلىشقا تېگىشلىك ماشىنىلارنى ئۇ سەۋرچانلىق بىلەن ئىنچىكە تەكشۈرۈپ مەسىلىنى تېپىپ، تېزدىن رېمونت قىلىپ، سۈپەتكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ ئۇ يېڭى تېخنىكىلارنى تىرىشىپ ئۆگەندى، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسىگە تايىنىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ شىنجاڭنى ئېچىش، گۈللەندۈرۈش مېدالى، مەملىكەتلىك 1- ماي ئەمگەك مېدالى قاتارلىقلارغا ئېرىشىپ، خىزمەتداشلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى، پاختىكارلارنىڭ بېيىش يولىدىكى «ماشىنىلارنىڭ دوختۇرى»غا ئايلاندى.

 «مەن داۋاملىق كەسپىمنى قەدىرلەپ تۆھپە قوشۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆز خىزمىتىمنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق پاختىكارلارنىڭ مول ھوسۇل ئېلىش ئارزۇسىغا تىرەك بولىمەن»، دېدى توختى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125