قەلبىمدىكى ئىنتىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ
13:22:07 2025-05-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 تۇڭ لىيا

 يۇرت مەڭگۈ قەلبىمىزدىكى ئەڭ يېقىملىق جاي، خۇددى قەلبىمدىكى شىنجاڭغا ئوخشاش.

 ئىلى دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولدۇم، دەريا بويىدا سەيلە قىلسام ئۆزۈمنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىمەن − ھەم زامانىۋى شەھەرنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىدىن بەھرىمەن بولالايمەن، ھەم «تىيانشاندىن كۆتۈرۈلۈپ تولۇن ئاي، چەكسىز بۇلۇت دېڭىزىدا بولدى نامايان» دېگەن شېئىرىي تۇيغۇدىن مەستخۇش بولىمەن. بۇ ئۆزگىچە ئاستا تۇرمۇش پۇرىقى ئىچىدە يۇرتۇمدىن چىن قەلبىمدىن پەخىرلىنىمەن.

 ھېلىمۇ ئېسىمدە، مەن 16 ياشقا كىرگەن يىلى «چوڭ شەھەر»گە بېرىپ كۆرۈپ بېقىش ئويىدا بولۇپ، ئۇسسۇل ئويناشقا تايىنىپ يۇرتۇمدىن چىقتىم، تەلىيىمگە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ شىنجاڭ بېزەكلىك ئاپتوموبىل ئويۇنىغا قاتناشتىم. ئاشۇ چاغدا، بېيجىڭ قەلبىمدىكى ئەڭ چوڭ سەھنىگە ئايلانغانىدى.

 «مەن شىنجاڭ ئىلىدىن كەلدىم» دېگەن سۆزنى ھەمىشە مەن پەخىرلىنىدىغان باشلىنىش سۆزى قىلىپ كەلدىم. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىمدە ئارقا- ئارقىدىن نامايان قىلغان تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى مېنىڭ يۇرتنى سېغىنىشىم بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مەن كامېرا ئارقىلىق يەتكۈزمەكچى بولغان شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى ئىدى. «مەن شىنجاڭلىق، مەن شىبە مىللىتىدىن. بۇ مېنى بېقىپ ئۆستۈرگەن جاي، بىز قىزغىن، جۇشقۇن، ئاددىي- ساددا، خۇشخۇي، ھويلىلاردا مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ھەر تەرەپكە تاراپ تۇرىدۇ، تاغدا يەنە قويلار بار، سىلەرنىڭ ئۆيۈمگە كېلىپ مېھمان بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن يۇرتۇمنى سۆيىمەن».

 مۇشۇ يىللاردا، مەن كىنو ئىشلىدىم، تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالدىم، «مۇيى تيەنشيا» فىلىمىدىكى جاۋ فېييەندىن «بوران- چاپقۇننى باشتىن كەچۈردۈم» فىلىمىدىكى شۈ مىن، «باھار يامغۇرى» فىلىمىدىكى يېزا ئوقۇتقۇچىسى ئەن يەنگىچە، مەن تىرىشىپ ئېكراندا قالتىس ئوبرازلارنى ياراتتىم ھەم سەنئەت ساھەسىدە ئىقتىدارىمنى نامايان قىلدىم. بۇ جەرياندا ماڭا يۇرتۇم ئەڭ زور ئىلھام بەردى، يۇرتۇمدىكى خەلق ماڭا يۇرتۇمدىن كەلگەن ئىللىقلىق ۋە ئىلھامنى ھېس قىلدۇرۇپ، قەلبىم چەكسىز كۈچكە تولدى. مەيلى قەيەرگىلا باراي، يىلتىزىمنىڭ شىنجاڭدا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىدىم. سەنئەت جەھەتتىكى ئىشلىرىمنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، مەن بارغانسېرى تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭلىق ياشنى سىرتقا چىقىپ، تاشقى دۇنيانى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى ئۇرغۇتۇشنى ئويلاۋاتىمەن.

 2019- يىلى، مەن شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر مەدەنىيىتى، ئۆرپ- ئادىتى خام ماتېرىيال قىلىنغان، كۆپ مىللەتنىڭ ئۇسسۇلى سىڭدۈرۈلگەن سەھنە تىياتىرى «يىراقتا . مۇشۇ جايدا»نى پىلانلىدىم ھەم ئۇنىڭدا باش رول ئالدىم. مەن ئۇسسۇل قەدىمىم ئارقىلىق «سىرتتا ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇپ قالغانلارنىڭ يۇرتى ۋە ۋەتىنىگە بولغان مۇھەببەت خېتى»نى يازدىم، «ئۇچرىشىش» «دادامغا» «ئانامغا» «مۇھەببەتكە» «يىراققا» «مۇشۇ جايغا» قاتارلىق جانلىق سەھىپىلەر ئارقىلىق يۇرتۇمغا بولغان سەمىمىي مۇھەببىتىمنى ئىپادىلىدىم.

 يۇرتۇمنىڭ گۈزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىش ئۈچۈن، مەن ۋە كوللېكتىپىم نۇرغۇن تارىخىي ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىقىپ، تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىلىرىنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ- ئادىتى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇسسۇل تىلىنى ئۆزۈم ئىپادىلىمەكچى بولغان ھېسسىيات بىلەن مۇكەممەل ماسلاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا ئۆزگىچە شىنجاڭ ناخشا- ئۇسسۇلىنى نامايان قىلدىم، بۇ مېنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇسسۇلنى قەلەم قىلىپ، يۇرتۇمدىكى ھەربىر پارچە شېئىرىي تۈسنى قېزىپ چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئويۇن قويغاندىن كېيىن، ياخشى باھالار ئۈزۈلمىدى، مەنمۇ يۇرتۇمغا جاۋاب قايتۇرۇپ گۈزەل ھاسىلاتقا ئېرىشكەنلىكىمدىن خۇشال بولدۇم.

 شىنجاڭنىڭ تاغ- دەريالىرى مېنى ئوزۇقلاندۇردى، يۇرتداشلارنىڭ ئىللىقلىقى مەندە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى، بۇ تۇپراقتا ئۆسۈپ يېتىلگەن ھەربىر كۈندە مەن ئۆزۈمنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلدىم. يەنە ئېسىمدە قېلىشىچە، 2022- يىلى مەن ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى تەشكىللىگەن «قالتىس ئون يىل . تىيانشاندىكى دېكلاماتسىيە» پائالىيىتىگە قاتناشتىم، شۇ چاغدا مەندىن ئەسلىي مەقسىتىم توغرىسىدا سورالغاندا، مۇنداق جاۋاب بەردىم: «ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىياتى كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتىدۇ، مەنمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىۋاتىمەن، لېكىن مېنىڭ ئەسلىي مەقسىتىم ئۆزگەرمەيدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئارزۇيۇمغا ئەگىشىپ يۇرتۇمغا قايتىش».

 شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىش يولىدا، قەدىمىم ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى. يۇغۇرما تاراتقۇ دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، مەنمۇ ھەر خىل ئۇسۇل ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭنى تەشۋىق قىلدىم. قار تېيىلىش، ئۇسسۇل ئويناش، دېكلاماتسىيە قىلىش، مەززىلىك تائام، ناخشا ئېيتىش، ئۆزۈمنىڭ كامېراسى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، خەلق ئۆرپ- ئادىتى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى جەلپكارلىقىنى نامايان قىلدىم.

 كۆپ يىللىق سەنئەت ھاياتىم مېنى تېخىمۇ ئىشەنچكە ئىگە قىلدى، شان- شەرەپ قۇچقان پەيتلەردە مەن ئىقتىدارىمنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن نامايان قىلدىم، ئادەتتىكى چاغلاردا مەن كۆڭلۈمنى توختىتىپ ئۆزۈمنى مۇكەممەللەشتۈردۈم. بۇ خۇددى گۈزەل، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان تىيانشان تېغىغا چىققانغا ئوخشايدۇ: مۇۋاپىق تېزلىكتە ئىلگىرىلەپ، بىر تەرەپتىن ماڭغاچ، بىر تەرەپتىن مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىپ، ھەربىر مۇساپەمدىكى گۈزەل مەنزىرىنى ھاياتىمغا قىلىنغان ھەدىيە، دەپ بىلدىم. مەن يەنە ئۆزۈمنىڭ داۋاملىق تۈردە بۇ مۇكەممەللىكتىن ئىشەنچكە ئېرىشىپ، تېخىمۇ جاراڭلىق ئاۋازىم بىلەن يۇرتۇمنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇپ، ھەربىر قېتىملىق ئۆزۈمنى نامايان قىلىشنى يۇرتۇمنى تونۇشتۇرىدىغان يېڭى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

 «يۇرتۇم مەن ئۈچۈن خۇددى قەلبىمدىكى بىر سۈزۈك بۇلاققا ئوخشايدۇ، بۇ بۇلاق تارام- تارام ئېقىپ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، ئۇ ئۆتكەن يىللارغا، ھاياتىمدىكى ھەربىر سۇڭ تۇپراققا، قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئاشۇ مەڭگۈلۈك ئەسلىمىلەرگە سىڭىپ كەتكەن...» مەن بۇ سۆزنى ياقتۇرىمەن، چۈنكى بۇ دەل قەلبىمدىكى ئىنتىلىش بولۇپ، مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. كەلگۈسىدە مەنمۇ داۋاملىق تۈردە مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش يولىدا قەتئىي ئىلگىرىلەپ، كۆپچىلىككە تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى سۇنۇپ، شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ تارقىلىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ يارقىن سەھىپە پۈتىمەن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125