«مۇزىكا كارۋىنى» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈيىنى ياڭراتتى
17:45:09 2025-05-07 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

ئۈرۈمچى خەلق باغچىسىدا ئومۇمىي خەلق ناخشا ئېيتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

 «سۆيۈملۈك بىر تال ئەتىرگۈل...» 5- ئاينىڭ 4- كۈنى كەچقۇرۇن، كەچكى شەپەق نۇرى ئۈرۈمچى خەلق باغچىسىدىكى 100 يىللىق قارىياغاچلارغا چۈشكەندە، چاۋياڭ راۋىقىدىن بىر تونۇش مېلودىيە ياڭرىدى.

 شۇ كۈنى «مۇزىكا كارۋىنى»نىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن خەلق باغچىسىدىكى چاۋياڭ راۋىقىنىڭ ئالدىدا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە سەھنە ھازىر بولدى، 2025- يىللىق «ناخشا ئېيتايلى» ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي خەلق ناخشا ئېيتىش پائالىيىتى بۇ يەردە قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە باشلاندى. كەچلىكى باغچىنى سەيلە قىلىۋاتقان ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ۋە ئويناۋاتقان بالىلار ناخشا ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئارقا- ئارقىدىن بۇ يەرگە يېتىپ كەلدى.

 ئۇچىسىغا گۈللۈك كۆڭلەك، بېشىغا دوپپا كىيگەن 69 ياشلىق ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى خې جياڭ تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىش ساداسى ئىچىدە سەھنىگە چىقتى. «بىر پىيالە مەي» ناملىق ناخشىنىڭ مۇقەددىمىسى ياڭرىشى بىلەن تاماشىبىنلار كېلىشىۋالغاندەكلا ئۇدارغا جور بولدى.

 خې جياڭ مۇنداق دېدى: «مەن ناخشا ئېيتىشقا ئامراق، <1- ئاۋغۇست> كوچا باشقارمىسى گۇچېڭ شىمالىي مەھەللىسىدىكى دوستلار بىلەن بىللە مەرۋايىت سەنئەت ئۆمىكى قۇردۇق، <بىر پىيالە مەي> مەن ئۆگەنگەن تۇنجى خەلق ناخشىسى، شۇڭا ئۇنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئېيتىپ بەرگۈم كەلدى».

 71 ياشلىق ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى لى جيې دوستلىرى ياڭ شىنلەن، لى چىڭيۈن بىلەن «ھەربىيلەر خىسلىتى» ناملىق ناخشىنى بىللە ئېيتىپ، نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

 لى جيې مۇنداق دېدى: «بىز يەنە <سەھەردە چىغىر يولغا قەدەم تاشلىدۇق> دېگەن ناخشىنى تەييارلىدۇق، كېلەر قېتىم يەنە مۇشۇنداق سەھنىگە چىقىش پۇرسىتى بولسا، كۆپچىلىككە ئېيتىپ بېرىمىز».

 11 ياشلىق رۇڭ جۈنچىن شۇ كۈنى كەچتە كۆزگە ھەممىدىن بەك چېلىققان «كىچىك تورغاي»غا ئايلاندى. ئاپىسىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، ئۇ سۈزۈك ئاۋازىدا «ۋەنجياڭ»نى ئورۇنلاپ تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

 رۇڭ جۈنچىن مۇنداق دېدى: «بۇ ناخشىنىڭ تېكىستى ناھايىتى گۈزەل، بۇ ناخشىدا ۋەتەننى سۆيۈش چىن ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن، سەل جىددىيلەشتىم، لېكىن ناخشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىدىم، يەنە مۇسابىقىگە قاتناشقىلى كەلگەن باشقا ئوقۇتقۇچىلاردىن ناخشا ئېيتىش ماھارىتىنى ئۆگىنىپ، مول ھوسۇلغا ئېرىشتىم».

 شەنشىلىك ۋاڭ شيەنلياڭ ئومۇمىي خەلق ناخشا ئېيتىش پائالىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، نەق مەيداندا تىزىملىتىپ قاتناشتى ھەمدە كۆپچىلىككە شىمالىي شەنشى خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىپ بەردى.

 ۋاڭ شيەنلياڭ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ شىنجاڭغا كەلگىنىمگە خېلى ئۇزاق ۋاقىت بولدى، بۇ يەرنىڭ مەززىلىك تائاملىرى، تەبىئىي مۇھىتى ۋە ئۆرپ- ئادىتىنى بەك ياقتۇردۇم. مەن بۇ بىرنەچچە كۈندىن بۇيان شىنجاڭدا يۈزبەرگەن تەسىرلىك ئىش ئىزلار مەدھىيەلەنگەن ناخشا ئىجاد قىلىش ئۈچۈن ئالدىراش بولدۇم، مېنىڭ بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئاددىي- ساددا، ئاق كۆڭۈل پەزىلىتىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە بىلدۈرۈش ئويۇم بار».

 پائالىيەت نەق مەيدانىدا، چاۋياڭ راۋىقى «مۇزىكا بازىرى»غا ئايلاندى، رىياسەتچى ئېلشات پولات بىلەن ئارتىسلار نەق مەيداندا تاماشىبىنلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، «سۆيۈملۈك بىر تال ئەتىرگۈل» دېگەن ناخشىنى بىرلىكتە ئورۇنلىدى.

 كەچ كىردى، ئاي نۇرى زۇمرەتتەك سۈزۈك كۆل سۈيىنىڭ يۈزىدە جىمىرلاپ جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، دەل- دەرەخلەر ئارىسىدىن كۈلكە- چاقچاقلار ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى. شەھەرنىڭ «يېشىللىق ئۆپكىسى»دە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇزىكا زىياپىتى 100 يىللىق باغچىنى سەنئەت سارىيىغا ئايلاندۇردى، ھەر مىللەت ئامما ناخشا ساداسىدىن شىنجاڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىدى.

 ئىگىلىنىشىچە، خەلق باغچىسى «مۇزىكا كارۋىنى» كۆچمە سەھنىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى بېكىتىدىن كېيىنكى 2- بېكىتى ئىكەن، كېيىنكى قەدەمدە بۇ كۆچمە سەھنە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى يەر بەلگىسى مەيدان- سورۇنلىرىغا بېرىپ، باغچە، مەيدان، مەكتەپ، زاۋۇت- كانلاردا، ئېتىز- ئېرىق باشلىرىدا بەخت ناخشىسىنى ياڭرىتىدىكەن. (مۇخبىر گەي يۈ) 

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125