كۆركەم شىنجاڭ تاغلىرى | كۈنەس ناھىيەسىدىكى 10 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى ياۋا ئالما چېچەكلىرى بەس- بەستە پورەكلەپ ئېچىلىپ، باھارنىڭ سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى
18:11:04 2025-05-07 تىيانشان تورى

 5- ئاينىڭ 1- كۈنى، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ قارابۇغرا بازىرى ساخا مەنزىرە رايونىدا 10 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى ياۋا ئالما چېچىكى بەس- بەستە ئېچىلىپ، بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل پەسىلنى كۈتۈۋالدى. ئاپئاق ئالما چېچىكى بىلەن ياپيېشىل يايلاق بىر- بىرىگە ماسلىشىپ، باھارنىڭ سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسىنى سىزىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ يوقلىمىدىن ئۆتۈپ سۈرەتكە چۈشۈشكە جەلپ قىلىپ، ئۇلارغا تەبىئەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى.

 مەنزىرە رايونىغا كىرگەندە، ئاپئاق ئالما چېچەكلىرى خۇددى قاردەك ياپيېشىل يايلاقنى قاپلىغان بولۇپ، مەيىن شامالدا شاخلىرى ئىرغاڭلاپ تۇراتتى، چېچەكلەر خۇددى قار ئۇچقۇنلىرىدەك كەينى- كەينىدىن تۆكۈلۈپ تۇراتتى، ھاۋانى سۇس گۈل ھىدى قاپلاپ، كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى. ساياھەتچىلەر ئورمانلىقتا سەيلە قىلىپ ياكى دەرەخ ئاستىدا ئارام ئېلىپ، باھارنىڭ ئىللىق ئاپتىپى ۋە جىمجىتلىقىدىن ھۇزۇرلىناتتى؛ ياكى فوتو ئاپپاراتىنى چىقىرىپ، بۇ خىيالىي گۈزەل مەنزىرىنى سۈرەتكە ئېلىپ خاتىرە قالدۇراتتى. يەنە نۇرغۇن ساياھەتچى گۈل دېڭىزىغا پۈركەنگەن دالىدا قونۇپ، تەبىئەت بىلەن يېقىندىن ئۇچرىشىپ، باھار ھىدىنى ھېس قىلىشنى تاللىدى.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۈنەس ناھىيەسى مول تەبىئىي بايلىققا تايىنىپ، ئېكولوگىيە ساياھىتى كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، ساخا مەنزىرە رايونى بۇنىڭ ئىچىدىكى چاقناپ تۇرغان بىر مەرۋايىت بولۇش سۈپىتى بىلەن، بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچىنى سەيلە- ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى. ياۋا ئالما چېچەكلىرىنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىشى ساياھەتچىلەرگە كۆرۈش سېزىمى كاتتا زىياپىتى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ يارقىن ساياھەت نام كارتىسىغا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125