ھازىر، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدە دەل پەسىل قۇشلىرى كۆچىدىغان مەزگىل بولۇپ، خېيلۇڭجياڭغا ئۇچۇپ كەلگەن كۆپ ساندىكى پەسىل قۇشلىرى داۋاملىق شىمالغا كۆچىدۇ، يەنە بەزى پەسىل قۇشلىرى چيەنخې ئارىلى ساياھەت مەنزىرە رايونىدا ئۇۋا سېلىپ كۆپىيىشنى تاللايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جاۋدۇڭ شەھىرىگە جايلاشقان چيەنخې ئارىلى ساياھەت مەنزىرە رايونى ئېكولوگىيەنى قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سۈنئىي قۇش چاڭگىسىنى يېڭىدىن كۆپەيتىش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان كۆزىتىش تورى قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، قۇشلارغا دوستانە سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە- مۇھىتى بەرپا قىلدى.
پەسىل قۇشلىرى جاۋدۇڭ شەھىرىگە جايلاشقان چيەنخې ئارىلى ساياھەت مەنزىرە رايونىدا پەرۋاز قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې جيەنفېي فوتوسى
بىر توپ ئاق قوتان جاۋدۇڭ شەھىرىگە جايلاشقان چيەنخې ئارىلى ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ماكانلاشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې جيەنفېي فوتوسى
ئادەتتىكى قارنىلار جاۋدۇڭ شەھىرى چيەنخې ئارىلى ساياھەت مەنزىرە رايونىدا ئۇۋا سېلىپ كۆپەيمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې جيەنفېي فوتوسى
چيەنخې ئارىلى ساياھەت مەنزىرە رايونىدىكى بىر قارا بويۇن يېكەن توخۇسى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې جيەنفېي فوتوسى
جاۋدۇڭ شەھىرىگە جايلاشقان چيەنخې ئارىلى ساياھەت مەنزىرە رايونىدا، ئۈچ ئاق قوتان سۈنئىي قۇش چاڭگىسىدىن ئۇچۇپ ئۆتمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې جيەنفېي فوتوسى
جاۋدۇڭ شەھىرىگە جايلاشقان چيەنخې ئارىلى ساياھەت مەنزىرە رايونىدا، بىر جۈپ شەرق ئاق لەيلىكى سۈنئىي قۇش چاڭگىسىغا ئۇۋا سېلىپ كۆپەيدى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې جيەنفېي فوتوسى