ئەتىياز بىلەن ياز پەسلى ئالمىشىدىغان مەزگىلدىكى لۇڭجياڭ تۇپرىقىدا، تاغ گۈللىرى ئارقا- ئارقىدىن ئېچىلىپ، سامانيولى ئاستا- ئاستا كۆككە كۆتۈرۈلدى. يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئاستىدا گۈل- چېچەكلەر راسا ئېچىلىپ، خۇددى سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى.
5- ئاينىڭ 3- كۈنى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جيامۇسى شەھىرى فۇجىن شەھىرى جىنشەن بازىرىدا تارتىلغان يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئاستىدىكى ئۆرۈك چېچىكى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (چۈ يۈباۋ فوتوسى)
5- ئاينىڭ 2- كۈنى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جيامۇسى شەھىرى فۇجىن شەھىرى جىنشەن بازىرىدا تارتىلغان يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئاستىدىكى ئۆرۈك چېچىكى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (چۈ يۈباۋ فوتوسى)
5- ئاينىڭ 3- كۈنى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جيامۇسى شەھىرى شىڭلىنخۇ باغچىسىدا سۈرەتكە تارتىلغان ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان گۈلجىنەستە بىلەن يەتىكەن يۇلتۇزى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (چېن جىگو فوتوسى)
5- ئاينىڭ 2- كۈنى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ داچىڭ شەھىرى دوربوت موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى تەۋەسىدىكى دوكىدوئېر تېغى مەنزىرە رايونىدا تارتىلغان سامانيولى ۋە پورەكلەپ ئېچىلغان ئۆرۈك چېچىكى. (بىرىكتۈرمە سۈرەت) شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ليۇ داپېڭ فوتوسى)
5- ئاينىڭ 3- كۈنى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جيامۇسى شەھىرى تاڭيۈەن ناھىيەسىنىڭ جىشياڭ يېزىسىدا سۈرەتكە تارتىلغان چۇغۇندان گۈلى ۋە كېچە ئاسمىنىدىكى سامانيولى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (جۇ زۇڭچياڭ فوتوسى)
5- ئاينىڭ 2- كۈنى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ داچىڭ شەھىرى دوربوت موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى تەۋەسىدىكى دوكىدوئېر تېغى مەنزىرە رايونىدا، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئاستىدىكى ئۆرۈك چېچىكىنى سۈرەتكە تارتماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ليۇ داپېڭ فوتوسى)
5- ئاينىڭ 1- كۈنى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خېيخې شەھىرى بېيئەن شەھىرىدىكى شياڭخې باغچىسىدا سۈرەتكە تارتىلغان قارىدان گۈلى ۋە يەتىكەن يۇلتۇزى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (چيەن بويۈ فوتوسى)