بىپايان چۆل ۋە قۇملۇق نېفىتلىككە ئايلاندى
10:44:13 2025-05-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىپايان چۆل ۋە قۇملۇقتا، بىر قارا رەڭلىك ماي ئەجدىھاسى ئەگرى- بۈگرى ئايلىنىپ، يېڭى جۇڭگو نېفىت سانائىتىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشتەك ئۇلۇغۋار مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولدى. 70 يىل ئىلگىرى، قارامايدىكى 1- نومۇرلۇق قۇدۇقنىڭ گۈلدۈرلىگەن ئاۋازى چۆللۈكنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ، يېڭى جۇڭگودىكى 1- چوڭ نېفىتلىكنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى. 2024- يىلى، شىنجاڭنىڭ نېفىت- تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئېكۋىۋالېنتى 66 مىليون 640 مىڭ توننا بولۇپ، ئۇدا تۆت يىل مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا مۇقىم تۇردى.

70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ نېفىت سانائىتى باشتىن- ئاخىر دۆلەتنىڭ تەقدىرى بىلەن ماس قەدەمدە بولدى. چۆل- باياۋانلاردا، نەچچە ئەۋلاد نېفىتچىلار كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزۇپ، يىلتىز تارتىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگو ئېنېرگىيە سانائىتىنىڭ قالتىس سەھىپىسىنى پۈتتى.

چۆل ۋە قۇملۇقتىن سانائەت نېفىتى ئېتىلىپ چىقتى

«قاراڭ، ماي كۆپۈكچىلىرى بەك كۆپ ئىكەن!» 4- ئاينىڭ 20- كۈنى، تۈركۈم- تۈركۈم ساياھەتچىلەر قارامايدىكى مايبۇلاققا كېلىپ «يوقلىمىدىن ئۆتۈپ»، نېفىتلىكتىكى قالتىس مۆجىزىنى ھېس قىلدى.

مايبۇلاق قاراماي نېفىتلىكىنىڭ ترىئاس سىستېمىسىدىكى نېفىتىنىڭ ئۆرلەپ چىقىشى بولۇپ، يۈز مىليون يىل ئۇيقۇدا ياتقان بۇ نېفىت بايلىقى تاكى 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىغا كەلگەندە ئاندىن سىرلىق قىياپىتىنى ئاشكارىلىدى.

1955- يىلى 10- ئاينىڭ 29- كۈنى، قاراماي 1- نومۇرلۇق قۇدۇقتىن سانائەت نېفىتى ئېتىلىپ چىقىپ، يېڭى جۇڭگودىكى 1- چوڭ نېفىتلىك بايقالغانلىقى جاكارلاندى. شۇ چاغدا، مەملىكەت بويىچە يىللىق خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئاران 788 مىڭ 900 توننا بولۇپ، جەمئىيەت ئېھتىياجىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنىلا قاندۇرالايتتى. قاراماي نېفىتلىكىدىن كەلگەن بۇ خۇش خەۋەر پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالغاندا، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ قەلبى ھاياجانغا تولدى.

1958- يىلى، قاراماي نېفىتلىكى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ئېچىلدى. يەنە شۇ يىلى شىنجاڭ نېفىتلىكى نېفىت ئېلىش 2- زاۋۇتى گېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىنژېنېرى فېڭ شۆنىڭ بوۋىسى خېبېي باۋدىڭدىن ھەربىي سەپتىن قايتىپ قارامايغا كەلدى، كېيىن قۇدۇق ئۆلچەش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بولدى.

فېڭ شۆ «3- ئەۋلاد نېفىتچى»، بوۋىسى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى گەمىدە تۇرۇپ، قوناق مومىسى يەپ، قاراماي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن نېفىتلىكنى ئاچقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقى جەنۇبتا خۇڭشەن نېفىتلىكىدىن باشلىنىپ، شىمالدا ئورقۇ 217- دۆلەت يولى لىنىيەسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 150 كىلومېتىر كېلىدىغان «يۈز چاقىرىملىق نېفىتلىك رايونى» ئىدى، ئۇ دۆلىتىمىز نېفىت سانائىتىنىڭ بىر گۈزەل مەنزىرە لىنىيەسى.

20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا، فېڭ شۆنىڭ دادىسى نېفىت ئېلىش ئىشچىسى بولغان. 2015- يىلى، فېڭ شۆ «كۈچ ئۇلاش تايىقى»نى ئۆتكۈزۈۋالدى، شۇ چاغدا، قاراماي نېفىتلىكىنىڭ نامى شىنجاڭ نېفىتلىكىگە ئۆزگەرتىلدى ھەم جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى مىڭ چاقىرىملىق چارلاش رايونىدا نېفىت- تەبىئىي گاز ئېچىش مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ھەيۋەتلىك مەنزىرە شەكىللەندى.

جۇڭغار ئويمانلىقىدا زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلۈش بىلەن بىللە، تارىم ئويمانلىقى، تۇرپان- قومۇل ئويمانلىقىدىنمۇ سانائەت نېفىت- تەبىئىي گاز ئېقىمى ئېتىلىپ چىقتى.

1978- يىلى، شىنجاڭ نېفىتنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش- چارلاش قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇلدى. 1984- يىلى 9- ئايدا، شايار كۆتۈرۈلمىسىگە ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان شاسەن 2- قۇدۇقىدا زور بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، غەربىي شىمال نېفىت ئىدارىسى تارىم ئويمانلىقىدا كەڭ كۆلەملىك نېفىت- تەبىئىي گاز چارلاشنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. 1989- يىلى، تارىم نېفىتلىكى بىرلەشمە جېڭى باشلاندى، جاي- جايلاردىن كەلگەن نېفىتچىلار دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى نېفىت سانائىتىنىڭ «شەرقىي قىسىمنى مۇقىم قىلىش، غەربىي قىسىمنى تەرەققىي قىلدۇرۇش»تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاۋاز قوشۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىدا «كەڭ دائىرىلىك ئىزدەش، چوڭ نېفىت- تەبىئىي گازلىق بەرپا قىلىش»نىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلاپ، تارىم نېفىتلىكىنى قۇرۇپ چىقتى.

ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندىمۇ، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەش كېرەك. 1986- يىلى، نېفىت سانائىتى مىنىستىرلىقى تۇنجى قېتىم تۇرپان ئويمانلىقى بىلەن قومۇل ئويمانلىقىنى تەڭلا چارلاش دائىرىسىگە كىرگۈزدى. 1989- يىلى، پىچان ناھىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تەيسەن 1- قۇدۇقىنىڭ يۇرا سىستېمىسى يەر قاتلىمىدىن سانائەت نېفىتى ئېقىمى ئېتىلىپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن تۇرپان- قومۇل ئويمانلىقىدىكى چوڭ بايقاش، چوڭ بىرلەشمە جەڭنىڭ مۇقەددىمىسى باشلىنىپ، تۇرپان- قومۇل نېفىتلىكى قۇرۇلدى.

ئۇزاق تارىخىي مۇساپە قاينام- تاشقىنلىققا تولدى، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەيدىغان، جان تىكىپ ئىشلەيدىغان تۈركۈم- تۈركۈم نېفىتچىلار شىنجاڭدىكى بىپايان چۆل ۋە قۇملۇقتا زامانىۋىلاشقان قاتار- قاتار نېفىت- تەبىئىي گازلىقلارنى بارلىققا كەلتۈردى.

يەرشارىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا قاراپ ئىلگىرىلەش

نېفىت- تەبىئىي گاز دۆلىتىمىزنىڭ سانائەت تەرەققىياتى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا تىرەك بولىدىغان «تۇراقلاشتۇرغۇچ».

دۆلەت ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بولغان شىنجاڭ 70 يىلدىن بۇيان نېفىت چارلاش- ئېچىش تېخنىكىسىنى يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولدى، قۇدۇق بۇرغىلاش چوڭقۇرلۇقىمۇ ئەنئەنىۋى گېئولوگىيە نەزەرىيەسىدىكى نېفىت- تەبىئىي گاز «ھالاكەت سىزىقى»نى بۆسۈپ ئۆتتى. 

بۇ يىل 1- ئايدا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدە بۇرغىلاش تاماملانغان چوڭقۇر يەر قاتلىمى تاكې 1- قۇدۇقىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10910 مېتىرغا يېتىپ، ئاسىيا بويىچە بىرىنچى، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى تىك چوڭقۇر قۇدۇققا ئايلىنىپ، دۇنيا ۋە ئاسىيا بويىچە بەش چوڭ قۇرۇلۇش رېكورتىنى ياراتتى.

ئەڭ مۇھىمى شۇكى، چوڭقۇر يەر قاتلىمى تاكې 1- قۇدۇقى ئارقىلىق، يەرشارى بويىچە تۇنجى قېتىم 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتىن تاش ئۆزەك ئېلىنىپ، نېفىت- تەبىئىي گاز تەسۋىرى بايقىلىپ، نېفىت- تەبىئىي گاز ھاسىل قىلغۇچى جىسىم − ھىدروكاربون مەنبەلىك جىنس تېپىلدى.

ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا، تېيىز قاتلامدىكى نېفىت- تەبىئىي گاز بايلىقىنى چارلاش- ئېچىشنىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىلگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، يەرشارىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا قاراپ ئىلگىرىلەش دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە بولۇپ قالدى، بۇ، ئېنېرگىيە تاماق قاچىسىنى پۇختا، مەھكەم تۇتۇشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تاللاش.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تارىم نېفىتلىكى ئالدى بىلەن كۇچا تاغ ئالدىغا 8000 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قۇدۇقنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قېتىشما گازلىق − بوز- دابېي گازلىقىنى ئاچقان بولۇپ، ئۇ، تىرىليون كۇب مېتىرلىق يېڭى چوڭ تەبىئىي گازلىق رايونىغا ئايلاندى. 2021- يىلى، يەنە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدە 1 مىليارد توننا دەرىجىلىك فۇمەن نېفىتلىكى بايقىلىپ، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر نېفىتلىككە ئايلىنىپ، «مەركەز كارخانىلىرىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئون چوڭ قۇرۇلۇشى» قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

تارىم ئويمانلىقىدىكى چوڭقۇرلۇقى 6000 مېتىردىن ئاشىدىغان نېفىت- تەبىئىي گاز بايلىقى ئايرىم- ئايرىم ھالدا مەملىكەت بويىچە ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامدىكى نېفىت- تەبىئىي گاز بايلىقى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %83.2ى ۋە %63.9ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ، دۇنيا بويىچە ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامدىكى نېفىت- تەبىئىي گاز بايلىقى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %19ىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، چارلاش- ئېچىش ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق. لېكىن، بۇ جايدىكى چارلاش- ئېچىش دۇنيا دەرىجىلىك قىيىن مەسىلە بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى 13 تۈرلۈك قۇرۇلۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى كۆرسەتكۈچىگە ئۆلچەم بويىچە توغرىلانغاندا، بۇ جايدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى بېسىم، شېغىل قېلىنلىقى، تۇز قاتلىمى قېلىنلىقى ۋە قۇرۇلمىسى قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ دۇنيا دەرىجىلىك قىيىن مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.

سىجىل تۈردە پەن- تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، تارىم نېفىتلىكى چوڭقۇر يەر قاتلىمىدا نېفىت- تەبىئىي گاز قۇدۇقىنى بۇرغىلاپ قازالماسلىقتىن تېز قېزىش، دەل جايىدا قېزىش، ياخشى قېزىشقا ئۆتۈشكە تۈرتكە بولدى. «2011- يىلى، 8000 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى تۇنجى قۇدۇقنى قېزىشقا 700 نەچچە كۈن ۋاقىت كەتكەنىدى، ھازىر ئەڭ تېز بولغاندا 70 كۈن ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100 كۈندە تاماملىنىدۇ.» تارىم نېفىتلىكى ئېچىش ئىشلىرى بۆلۈمى قۇدۇق بۇرغىلاپ بولغاندىن كېيىنكى قۇرۇلۇش بۆلۈمىنىڭ ۋاقىتلىق مەسئۇلى ۋاڭ شىن مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىر ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامدىكى نېفىت- تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %60تىن ئاشتى.

ھازىرغا قەدەر، تارىم نېفىتلىكى ۋە غەربىي شىمال نېفىتلىكى تارىم ئويمانلىقىدا چوڭقۇرلۇقى 8000 مېتىردىن ئاشىدىغان قۇدۇقتىن 300 نەچچىنى قازغان بولۇپ، ئۇلار دۆلىتىمىزنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلاملىق نېفىت- تەبىئىي گاز چارلاش- ئېچىشتىكى مۇھىم ئېشىش قۇتۇپىغا ئايلاندى.

ئادەتتىن تاشقىرى نېفىت- تەبىئىي گازغا قاراپ يۈرۈش قىلىش

ئادەتتىن تاشقىرى نېفىت- تەبىئىي گاز ھازىرقى ئىقتىساد- تېخنىكا شارائىتىدا، ئەنئەنىۋى تېخنىكا ئارقىلىق ئاچقىلى بولمايدىغان ياكى تەبىئىي سانائەت مەھسۇلات مىقدارىغا ئېرىشكىلى بولمايدىغان نېفىت- تەبىئىي گاز بايلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، زىچلاشقان گاز، كۆمۈر قاتلىمى گازى، سىلانېتس گازى، سىلانېتس مېيى، زىچلاشقان نېفىت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

21- ئەسىردىن بۇيان، دۇنيا بويىچە نېفىت ئېھتىياجى ئېشىش ۋە ئادەتتىكى نېفىت زاپىسى، نېفىت بايلىقى ئازىيىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئادەتتىن تاشقىرى نېفىت زاپىسىدىكى سىلانېتس مېيى تەدرىجىي ھالدا دۇنيانىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىردى.

دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە ئالاھىدىلىكى «كۆمۈر مول، نېفىت كەمچىل، تەبىئىي گاز ئاز» بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سىلانېتس مېيى يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنباسار بايلىق بولۇپ قالدى. «13- بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ نېفىتلىكى جىمىساردا 1 مىليارد توننا دەرىجىلىك سىلانېتس مېيىنى بايقىدى. 2020- يىلى دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى بىرلىكتە شىنجاڭ جىمىسار دۆلەت دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق فاتسىيەلىك سىلانېتس مېيى ئېلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى تەسىس قىلىش توغرىسىدا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، جىمىسار سىلانېتس مېيىنى ئېچىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.

ئادەتتە، سىلانېتس مېيىنىڭ سىڭىش نىسبىتى ئاران 1- 0.1 مىللىدارسى بولۇپ، بۇ 0.00001 كىۋادرات سانتىمېتىردىن 0.0001 كىۋادرات سانتىمېتىرغا تەڭ، قېزىش قىيىنلىق دەرىجىسى خۇددى بىلەي تاشتىن ماي ئىزدىگەنگە ئوخشايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ نېفىتلىكى تۇرپان- قومۇل نېفىتلىكى بىلەن بىرلىشىپ پەن- تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، سىلانېتس مېيىنى قېزىش تېخنىكىسىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، سىلانېتس مېيى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. 2024- يىلى، بۇ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ سىلانېتس مېيى مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون توننىدىن ئېشىپ، دۆلىتىمىزدىكى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1 مىليون توننىدىن ئاشقان دۆلەت دەرىجىلىك تۇنجى قۇرۇقلۇق فاتسىيەلىك سىلانېتس مېيى ئېلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بولۇپ قۇرۇلدى.

يىرىك پىلان بويىچە، بۇ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بۇ يىل ئوڭۇشلۇق پۈتىدۇ ھەم يىلىغا 1 مىليون 700 مىڭ توننا سىلانېتس مېيى ئىشلەپچىقىرىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ نېفىتلىكى 1 مىليون 400 مىڭ توننا تاماملايدۇ، تۇرپان- قومۇل نېفىتلىكى 300 مىڭ توننا تاماملايدۇ. «1- پەسىلدە سىلانېتس مېيى مەھسۇلات مىقدارى 395 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 180 مىڭ توننا ئاشتى.» شىنجاڭ نېفىتلىكى جىچىڭ نېفىتلىكى مەشغۇلات رايونىنىڭ دىرېكتورى دۇ شۆبياۋ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، دۆلەت دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق فاتسىيەلىك سىلانېتس مېيى ئېلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىمىز.

دۆلىتىمىزنىڭ قېزىشقا بولىدىغان سىلانېتس مېيى زاپىسى دۇنيا بويىچە 3- ئورۇندا تۇرىدۇ، ئاساسلىقى ئوردۇس، سۇڭلياۋ، جۇڭغار قاتارلىق بەش چوڭ ئويمانلىق ۋە سەيدام، جياڭخەن قاتارلىق سەككىز ئوتتۇرا، كىچىك ئويمانلىققا تارقالغان. شىنجاڭنىڭ سىلانېتس مېيى بايلىقى ئاساسلىقى جىمىسار، ماخۇ، ۋۇسەيۋەن- شىشۇگوۋ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايونىغا تارقالغان بولۇپ، ئومۇمىي بايلىق مىقدارى 3 مىليارد توننىدىن ئاشىدۇ. جىمىساردىكى سىلانېتس مېيىنى ئۈنۈملۈك ئېچىش مەملىكەت بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى ئوينايدۇ.

بىپايان چۆل ۋە قۇملۇقتا دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە تۈۋرۈكى تىكلەندى. ئېنېرگىيە قاچىسىنى پۇختا، مەھكەم تۇتۇپ، شىنجاڭ پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125