يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى
10:49:04 2025-05-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى

شىن جېڭيەن

دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا جەزمەن ئالدى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك، يېزا ئىگىلىكى كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسى دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك مەسىلە. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇق ۋە دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىگە چوڭ تارىخ قارىشى ئارقىلىق مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا- كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي- باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشى نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى پائال قوشتى.

1. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مۇھىم ۋەزىپىسىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، يېزا ئىگىلىك ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش

باش شۇجى شى جىنپىڭ: «يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ ئاساسنى پۇختىلاش خەلقنى خاتىرجەم قىلىشنىڭ ئۇلى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى» دەپ تەكىتلىدى. جۇڭگو نوپۇس چوڭ دۆلىتى ۋە يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ئاساسىنى ياخشى ساقلاش − ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ»، بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىش بولسا ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش. ھازىر، دۆلىتىمىزدە ئاشلىق جەھەتتىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج يەنىلا جىددىي تەڭپۇڭ ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ، قوناق ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئېھتىياج ئارىسىدا بىرقەدەر زور يوچۇق بار، دادۇردا %80ى ئىمپورت قىلىشقا تايىنىلىدۇ، 2024- يىلى ئاشلىق ئىمپورت مىقدارى 158 مىليون توننىغا يەتتى. پەقەت تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتساقلا، ئاندىن تۈرلۈك خەۋپ- خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا تېخىمۇ ئىشەنچكە ۋە جاسارەتكە ئىگە بولىمىز. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىدىن ئىبارەت مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى ھەر تەرەپلىمە پۇختىلاپ، ئىلگىرىكى قاقاس چۆللۈكتىن دۆلەتنىڭ «غەربىي قىسىمدىكى ئاشلىق ئامبىرى»غا ئايلانماقتا.

− ئاشلىق تەمىناتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك كاپالەتلەندۈردى. شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئاشلىق خىزمىتى فاڭجېنىنى «ئاپتونوم رايون ئىچىدە تەڭپۇڭ بولۇش، بىر ئاز ئېشىنچا بولۇش»تىن «ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئېشىنچا بولۇش، دۆلەتنى تەمىنلەش»كە تەڭشەپ، كەڭ كۆلەملىك بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، «يۈز مو يەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، مىڭ مو يەردە بەرپا قىلىش، ئونمىڭ مو يەردە ئۈلگە كۆرسىتىش» خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇپ، مول ھوسۇل ئېلىشقا تۈرتكە بولدى. يېقىنقى ئۈچ يىلدا، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى جەمئىي 8 مىليون 825 مىڭ مو ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش مىقدارىنىڭ %34.8ىنى ئىگىلىدى، ئاشلىق ھوسۇلى جەمئىي 11 مىليارد 890 مىليون جىڭ ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش مىقدارىنىڭ %25.1ىنى ئىگىلەپ، مەملىكەت بويىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىش مىقدارى ئەڭ كۆپ ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا ئايلىنىپ، «جۇڭگو قاچىسى»غا تېخىمۇ كۆپ «شىنجاڭ ئاشلىقى» قاچىلاندى. 2024- يىلى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 44 مىليون 400 مىڭ مو بولۇپ، 2023- يىلىدىكىدىن 2 مىليون 29 مىڭ مو ئېشىپ، ئېشىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى؛ ئومۇمىي ھوسۇلى 46 مىليارد 600 مىليون جىڭغا يېتىپ، 2023- يىلىدىكىدىن 4 مىليارد 220 مىليون جىڭ ئېشىپ، ئېشىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 2- ئورۇندا تۇردى، ئاشلىق ھوسۇلى مەملىكەت بويىچە رەت تەرتىپتە 13- ئورۇنغا ئۆتتى؛ مو بېشى بىرلىك ھوسۇلى 1050 جىڭ بولۇپ، تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇنغا ئۆتۈپ، مەملىكەت بويىچە ئالدى بىلەن مىليون مولۇق قوناق «توننىلىق ئاشلىق ئېتىزى» بەرپا قىلىنىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا كۆلەم، بىرلىك ھوسۇل، ئومۇمىي ھوسۇلدا «ئۈچ ئېشىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۆھپە قوشۇش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

− پاختىنىڭ ئەۋزەل ئورنىنى سىجىل مۇستەھكەملىدى. شىنجاڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ۋە كۆلەملەشكەن تىجارەتنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا مەركەزلىشىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، «ئومۇمىي ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇش، بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇش، سۈپەتنى ئەلالاشتۇرۇش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى. 2024- يىلى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ پاختا ئومۇمىي ھوسۇلى 5 مىليون 686 مىڭ توننىغا يېتىپ، 2023- يىلىدىكىدىن %11.2 ئېشىپ، ئۇدا يەتتە يىل 5 مىليون توننىدىن يۇقىرى سەۋىيەدە مۇقىملىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %7ىگىمۇ يەتمەيدىغان تېرىلغۇ يەر ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %92.2 پاختا ھوسۇلىغا تۆھپە قوشتى. كېۋەز ئەلا سورتىنىڭ قاپلاش نىسبىتى %100كە يەتتى، تۈجۈپىلەپ تېرىش، قۇرۇق تېرىپ ئاز- ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش، سۇ بىلەن ئوغۇتنى دەل جايىدا تەڭشەش- كونترول قىلىش قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ قاپلاش نىسبىتى %90تىن ئاشتى، يەر ئاغدۇرۇش، تېرىش، يىغىۋېلىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش نىسبىتى %97تىن ئاشتى، ماشىنىدا يىغىۋېلىش نىسبىتى %90تىن ئېشىپ، يۈز مولۇق، مىڭ مولۇق، ئونمىڭ مولۇق تۇتاش كەتكەن چىگىتلىك پاختا بىرلىك ھوسۇلىدا ئايرىم- ئايرىم ھالدا 743.6 كىلوگىرام، 667.6 كىلوگىرام، 630.5 كىلوگىرام بولۇشتەك مەملىكەت بويىچە يۇقىرى ھوسۇل رېكورتى يارىتىلدى، ساپ پاختىنىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك مو بېشى ھوسۇلى تۇنجى قېتىم 150 كىلوگىرامدىن ئېشىپ، سۈپىتى بىردەك تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يەتتى. پاختا توقۇمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى سىجىل ئاشتى، 2024- يىلى پۈتۈن شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئۇرچۇق 4 مىليون 610 مىڭ، تۈرلۈك توقۇش ماشىنىسى 27 مىڭ 600 بولۇپ، پاختا يىپ مەھسۇلات مىقدارى 2023- يىلىدىكىدىن %16.4 ئاشتى، پاختا رەخت مەھسۇلات مىقدارى 2023- يىلىدىكىدىن %75.3 ئاشتى، پاختىنىڭ شىنجاڭ ئىچىدە ئايلاندۇرۇلۇش نىسبىتى %42 بولدى، ئېتىزدىن سېخقىچە، پاختىلار ئالتۇن رەڭلىك كەسىپلەرنى «تۇتاشتۇرۇپ»، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدىغان بەخت گۈلىگە ئايلاندى.

− يېشىل چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە ئەلا سۈپەتلىك مېۋە- كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇردى. شىنجاڭ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك يەم- خەشەك بازىسى، ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق بازىسى، چارۋىچىلىق- نەسىل يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، گۆش كالىسى، گۆش قويى ھەم سۈتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان توققۇز ماددىلىق سىياسەت- تەدبىرنى ئېلان قىلىپ، چارۋىچىلىقنىڭ سىجىل، تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، گۆش، سۈت، تۇخۇم مەھسۇلات مىقدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. 2024- يىلى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ گۆش تۈرى مەھسۇلات مىقدارى 2 مىليون 118 مىڭ توننا، كالا سۈتى مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 981 مىڭ توننا، تۇخۇم مەھسۇلات مىقدارى 414 مىڭ توننا بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى پۇقرالارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقتى. يېشىل، ئورگانىك مېۋە- كۆكتات كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشى ھەرىكەت پىلانى(2023- يىلىدىن 2025- يىلىغىچە)نى ئېلان قىلىپ، دىققەتنى كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۆۋەن ھوسۇللۇق، تۆۋەن ئۈنۈملۈك مېۋىلىك باغلارنى ئۆزگەرتىش، زەنجىر باشلامچى كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك مېۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بەرپا قىلىپ، يېشىل مېۋە- كۆكتات مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە رىقابەت كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. 2024- يىلى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ خاس مېۋە مەھسۇلات مىقدارى 14 مىليون توننا بولۇپ، چىلان، ئۈزۈم، شىنمېي مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا تۇردى. ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدىكى باغۋەنلەرنىڭ مېۋىدىن قىلغان كىرىمى دېھقانلارنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنىڭ تەخمىنەن %30ىنى ئىگىلىدى، قىسمەن ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدىكى ناھىيە، شەھەرلەردە %60تىن ئېشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئامما باغۋەنچىلىكنىڭ «كىرىمنى ئاشۇرۇش تامىقى»نى يېيەلەيدىغان بولدى. بىپايان چۆل- جەزىرە، قۇملۇقلاردا ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، چۆللۈكتە «كۆكتات»لىق بەرپا قىلدى، 2024- يىلى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆكتات مەھسۇلات مىقدارى 23 مىليون 130 مىڭ توننا بولۇپ، قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق كۆكتات بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى سىجىل ئاشتى، سۇ مەھسۇلاتلىرى مەھسۇلات مىقدارى 196 مىڭ 500 توننا بولۇپ، شىنجاڭنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ تاماق ئۈستىلىدىكى «يېڭى ئەتىۋارلىق يېمەكلىك» بولۇپ قالدى.

− يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئاساسىي شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى. شىنجاڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىي 59 مىليون 890 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلدى، بۇ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنىڭ %72.8ىنى ئىگىلەپ، دۆلەتنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنىڭ «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان نىشانىدا چۈشۈرۈلگەن يېڭىدىن كۆپەيتىپ بەرپا قىلىش ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ «تېرىلغۇ يەر تۈپ سانى»نى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇپ، يەرلىك بىلەن بىڭتۇەن، ۋادى بىلەن رايون قاتارلىقلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى «توققۇز مەنبە، بىر غول ئېقىن»نى مۇھىم نۇقتا، شىمالىي شىنجاڭدا «ئالتە دەريا، بىر كۆل»نى مۇھىم نۇقتا قىلغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلدى. 2024- يىلى، شىنجاڭ بويىچە يېزا ئىگىلىكىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 56 مىليارد 8 مىليون كۇب مېتىر، سۇغىرىلغان كۆلەم 774 مىليون مو قېتىم بولۇپ، 2023- يىلىدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا 312 مىليون كۇب مېتىر، 6 مىليون 240 مىڭ مو قېتىم ئېشىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇلنى ئاشۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى. ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ كېۋەز ئۇرۇقلۇقى يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇردى، كېۋەز ئۇرۇقلۇقى پىششىقلاش سەۋىيەسى خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. 2024- يىلى، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش كۆلىمى 3 مىليون 500 مىڭ مو بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 2- ئورۇندا تۇرۇپ، مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 400 مىڭ توننىدىن ئاشتى.

2. يېزا ئىگىلىكى- يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېزا رايونلىرىنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى بولمىسا پۈتكۈل زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتمۇ بولمايدۇ؛ يېزا ئىگىلىكى- يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بولمىسا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشمۇ ئومۇميۈزلۈك بولمايدۇ.» ھازىر، دۆلىتىمىزدە شەھەر- يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىق، يېزا- كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر بىرقەدەر گەۋدىلىك، يېزا ئىگىلىكى- يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈك بولۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ سۈرئىتى، سۈپىتى ۋە ساپلىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ مۈشكۈل ۋەزىپە يېزىلاردا دېگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى- يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىيات سەۋىيەسى، يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈردى.

− زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كەسىپ توپىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىي قىلدۇردى. شىنجاڭ ئاشلىق، ياغ، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك، يېشىل، ئورگانىك مېۋە- كۆكتات، ئەلا سۈپەتلىك چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى كەسىپ توپى قۇرۇلۇشى ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ، بىر تۈركۈم «توپ باشلامچى» كارخانىلىرى ۋە كەسىپ زەنجىرىدىكى «زەنجىر باشلامچى» كارخانىلىرىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، «ئاشلىق تېرىشتىن ئۈستەلگە تاماق بولۇپ چىقىشقىچە، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىن سانائەت مەھسۇلاتىغا ئايلىنىشقىچە، چارۋا باقمىچىلىقىدىن گۆش تۈرى پىششىقلاشقىچە» بولغان زەنجىرنى ئۇزارتىپ قىممەتنى ئاشۇرىدىغان چوڭ ئىشنى سىجىل ياخشى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپ ئىقتىدار دەرىجىسى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. 2024- يىلى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 535 مىليارد 1 مىليون يۈەن بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2- ئورۇندا تۇردى، كۆلەمدىن يۇقىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى 216 مىليارد 320 مىليون يۈەن بولۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇش نىسبىتى %65تىن ئاشتى. «پىنۋېي شىنجاڭ» يېزا ئىگىلىك ماركىسىنىڭ ئومۇمىي ئوبرازىنى ئومۇميۈزلۈك يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنى سىڭدۈرۈلگەن شىنجاڭنىڭ يەرلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى مودا تاۋارغا ئايلاندۇردى. يېزا ئىگىلىك كەسپى يۇغۇرما تەرەققىيات تۈرلىرىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، 2024- يىلى دۆلەتلىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىدىن 12نى، يېزا ئىگىلىك كەسىپ كۈچلۈك بازىرىدىن 48نى، ئەۋزەل، خاس كەسىپلەر توپىدىن سەككىزنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

− شەھەر- يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىناق، گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. شىنجاڭ «مىڭ- تۈمەن قۇرۇلۇشى» ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، كەنتلەر گۈزەل بولۇشقا يۈزلىنىپ، بەخت ئاساسىي رېڭى سىزىپ چىقىلدى. 2024- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ بويىچە يېزا تاشيولى ئومۇمىي مۇساپىسى تەخمىنەن 161 مىڭ كىلومېتىر بولدى، شارائىتى ھازىرلانغان يېزا- بازار ۋە ئىشتاتلىق كەنتلەرنىڭ ھەممىسىگە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇلدى، يېزىلاردا تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %98.5كە يەتتى، ئېلېكتىر تورىدا توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى %99.88كە يەتتى، مەمۇرىي كەنتلەرنى كەڭ بەلباغلىق تور ۋە تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تولۇق قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى، جەنۇبىي- شىمالىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ 1- قارارلىق قۇرۇلۇشى تاماملاندى، كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش 2- قارارلىق قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، شەھەر- يېزىلاردىكى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى نىشان- ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى سىجىل ياخشىلاندى. كەنتنى پاكىزلاش ھەرىكىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە 200 ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، يېزا ئىگىلىكىدە دائىرىلىك مەنبەدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈزەشتە پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، كەنت قىياپىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىندى. يېزا ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، شىنجاڭ بويىچە يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %99تىن يۇقىرى بولۇش ھالىتى ساقلاندى، داۋالاش ئۆيى بار مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %97كە يەتتى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى، داۋالاش بويىچە قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال كاپالەت سىياسەتلىرى تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا نەپ يەتكۈزدى، گۈزەل يېزا- كەنتلەر «تاغنىمۇ، سۇنىمۇ كۆرگىلى بولىدىغان، يۇرت سېغىنىشىنى ئەستە تۇتىدىغان» ياخشى جايغا ئايلاندى.

− يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئاشۇردى. شىنجاڭ دىققەتنى يېزا ئىگىلىكى- يېزىلاردىكى نۇقتىلىق ساھە، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، بايلىق ئامىلىنى جانلاندۇرۇپ، يېزا تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. «ئومۇميۈزلۈك مۇقىم قىلىش، كىچىك دائىرىدە تەڭشەش»تە چىڭ تۇرۇپ، 2- نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىكىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، يەنە 30 يىل ئۇزارتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، يېزىلاردىكى يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ ئوبوروت قىلىنىشىنى باشقۇرۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىيات يولىغا باشلاپ كىردى. يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزا مۈلۈك ھوقۇقى سودا مەركىزىدىن 14نى قۇردى، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى «تۆت دەرىجىلىك بىر گەۋدىلەشكەن» يېزا مۈلۈك ھوقۇقى سودا سۇپىسى قۇردى، بورتالا ئوبلاستى، ساۋەن شەھىرى دۆلەت يېزا مۈلۈك ھوقۇقى سودىسىنى قېلىپلاشتۇرۇشتىكى سىناق نۇقتىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى ئىسلاھاتى ئارقىلىق يېزىلاردىكى بىكار تۇرغان مۈلۈكنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى. 2024- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ بويىچە بەرپا قىلىنغان يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتى جەمئىي 100 مىڭدىن ئاشتى، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تەشكىلاتى 15 مىڭدىن ئېشىپ، 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇششاق دېھقان ئائىلىسىگە بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلدى.

− ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى پۇختا ئۆستۈردى. شىنجاڭ ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپتۇرۇشتىكى ئۇزاق مەزگىللىك پىلان ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە خىزمەت كۈچلىرىنى تولۇقلاپ، يېزا- كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى دائىملىق بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تەرتىپكە سېلىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزىسىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇردى، ئاساسىي قاتلامدا پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتىدىغان، تەشۋىقاتنى تۇتىدىغان، ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتىدىغان، تەرەققىياتنى تۇتىدىغان، ئىستىلنى تۇتىدىغان «قابىل»لار بار بولدى، تۈرلۈك تۈزۈملەرنىڭ «قاتتىق ئۆلچىمى» بار بولدى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «تايانچ»ىغا ئايلاندى. يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، زىددىيەت- ماجىرالارنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈگىتىش مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت دەرىجىلىك «ئانار دانىسى مۇلازىمەت پونكىتى»دىن 8800دىن ئارتۇقنى قۇردى، «قۇربان تاغا مۇرەسسە ئىشخانىسى» مۇرەسسە ماركىسى بەرپا قىلىپ، «فېڭچياۋ تەجرىبىسى + مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى»نىڭ قوش لىنىيەلىك يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئاساسىي قاتلامدا مەدەنىيلىك يېتىلدۈرۈش، مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، «پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» تەشۋىق- تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت دېھقان- چارۋىچى ئاممىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى.

3. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاش

باش شۇجى شى جىنپىڭ: «ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، يېزا ئىگىلىكى- يېزا خىزمىتىدە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئاچقۇچ» دەپ تەكىتلىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، يۈز مىليونلىغان دېھقاننى ئورتاق بېيىش يولىدا سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىنىڭ ئىپادىسى بولۇپلا قالماي، يەنە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگىمۇ مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپ يول ئارقىلىق ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرنى ئېلان قىلىپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ كىرىم پەرقىنى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىتىپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت دېھقان- چارۋىچى ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزدى. 2024- يىلى، شىنجاڭدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 19 مىڭ 427 يۈەن بولۇپ، 2023- يىلىدىكىدىن %8.2 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2- ئورۇندا تۇردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەلەردە يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى.

− كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلىدى. شىنجاڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈز بەرمىدى. ئۆتكۈنچى مەزگىلدە ئاساسلىق يار- يۆلەك بولۇش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش ۋە يار- يۆلەك بولۇش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر ۋاقىت ئالدىن سىگنال بېرىپ، نامراتلىشىپ كېتىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىپ، تۇيۇقسىز نامراتلىشىپ كەتكەنلەرنى تېز يۆلەپ، دائىملىق نۆللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كىرگۈزۈش، يۆلەشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق يۆلەشنى ئىشقا ئاشۇردى. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى مەخسۇس تۈر ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، مەركەز جىپسىلاشتۇرۇش مەبلىغىنىڭ %60تىن كۆپرەكىنى كەسىپ تەرەققىياتىغا ئىشلىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا مەدەت بېرىش نىسبىتىنى %70كە يەتكۈزۈپ، 3000دىن ئارتۇق كەسىپنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش تۈرىنى دەل جايىدا يولغا قويۇپ، 750 مىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈردى.

− دېھقانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتتى. شىنجاڭ بازارلاشقان، ئىجتىمائىيلاشقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ھۆكۈمەت يار- يۆلەك بولۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىگە ماسلاشقان تېخىمۇ كۆپ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. 2024- يىلى، شىنجاڭ بويىچە يېزا ئەمگەك كۈچلىرىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەنلەر 3 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالە ئىشقا ئورۇنلاشتى. كەسىپ تەرەققىياتىنى دېھقان- چارۋىچى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، يېزا- كەنت ئىستىراھەت ساياھىتى، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى، ئويۇن قويۇش ۋە يېمەك- ئىچمەك قاتارلىق خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ 2-، 3- كەسىپتە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشى ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ قوشۇلما قىممىتىنىڭ پايدىسىنى يېزا- كەنتلەرگە تېخىمۇ كۆپ قالدۇردى، دېھقانلارغا تېخىمۇ كۆپ قالدۇردى. دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاش، دېھقانلارنى يېتەكلەشتىن ئىبارەت مەنپەئەتكە چېتىش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشلامچى كارخانىلارنى يېتەكچى قىلغان، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى، كەڭ دېھقان ئائىلىلىرى ئىش تەقسىملەپ ھەمكارلىشىدىغان، مەنپەئەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان چېتىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، دېھقانلارنىڭ پۇل تېپىشىغا ياردەم بەردى، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىش يولى ماڭغانسېرى كېڭەيدى.

− دېھقانلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. شىنجاڭ دىققەتنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېھتىياج يۆنىلىشى، كەسىپ ئاساسىي لىنىيەسى، قاتلاملار بويىچە يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى. ھەر دەرىجىلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي بازىلىق رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماھارىتىنى ئاساس قىلىپ، دېھقان- چارۋىچى ئاممىغا يېڭى ئىدىيە، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىتىپ، ئۆگىنىشتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئۆگەنگەننى قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنى قوللاپ، ئەمگەك ئىقتىدارى بار ئائىلىلەردىن ئاز دېگەندە بىر كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ تەرەققىياتقا قاتنىشىش ئىشەنچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كۈنلىرىنى تېخىمۇ ئۈمىدكە تولدۇردى.

4. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى تۈپ قوللانما قىلىپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش

باش شۇجى شى جىنپىڭ: يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى يېڭى مۇساپىدە يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم، قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، جەزمەن چىڭ ۋە ئەمەلىي تۇتۇش كېرەك دەپ چوڭقۇر كۆرسەتتى. شىنجاڭنىڭ يەر بايلىقى مول، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق شارائىتى ئۆزگىچە، تۇپراق، سۇ، ئوت- چۆپ، ئاتموسفېرا قاتارلىقلارنىڭ سۈپىتى ياخشى، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىدا ئالدىدا مېڭىش، ئۈلگە كۆرسىتىش شارائىتى ۋە ئىقتىدارى بار. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك.

بىرىنچى، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاش كېرەك. ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك چوڭ رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن جەزمەن زىممىسىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بۇرچى، ۋەزىپىسى. پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تېرىلغۇ يەر ۋە سۇ بايلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، كۆلەمنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، بىرلىك ھوسۇلنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ، تىرىشىپ ئاشلىق ھوسۇلىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى زورايتىپ، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ پايدىسىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ۋە جايلارنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتۇش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنى پۇل تېپىش، ئۈمىدۋار بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېزا ئىگىلىك يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى ۋە جابدۇق تىرىكىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. مۇھىم دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش سىستېمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، باغۋەنچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، خاس سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئىككىنچى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. بۇ يىل دۆلەت بېكىتكەن بەش يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىلنىڭ ئاخىرقى بىر يىلى. پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش ئاساسىدا، ئۆتكۈنچى مەزگىلدىن كېيىنكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ پىلانلاپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى بىلەن يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىشنى دەل جايىدا قانات يايدۇرۇپ، ھەم پۈتۈن كەنت، پۈتۈن يېزىنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپ- خەتىرىدىن قاتتىق ساقلىنىش، ھەم ھەربىر كۆزىتىش ئوبيېكتى، ھەربىر قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپ- خەتىرى بار شەخسكە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى تۈرلۈك چارە- ئاماللار بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئەمگەك- مۇلازىمەت ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، يار- يۆلەك بولىدىغان كەسىپلەرنى كىرىمنى ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولىدىغان، خەلقنى بېيىتىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، سىستېمىلىق قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا- كەنتلەرنىڭ گۈزەل بولۇش- بولماسلىقى، ئەسلىھەلەرنىڭ تولۇق بولۇش- بولماسلىقى، مۇلازىمەتنىڭ ياخشى بولۇش- بولماسلىقى دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ناھىيە ئىقتىسادىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، شەھەر- يېزا ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش شەكلىدىكى تۇرالغۇ رايونى ۋە يېزا- بازارلارنى پىلانلىق، تۈركۈمگە بۆلۈپ بەرپا قىلىش كېرەك. يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى تۇتقا قىلىپ، شەھەر- بازار ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ يېزا- كەنتلەرگە ئۇزارتىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر- يېزا ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقان- چارۋىچى ئامما جىددىي ئېھتىياجلىق، تەقەززا بولۇۋاتقان خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئۇل قۇرۇلۇشلارنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇش كېرەك. ئەۋزەل، خاس كەسىپلەر، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ باغچىسى، كەسىپتە كۈچلۈك بازار قاتارلىق دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاش، دېھقانلارنى يېتەكلەش، دېھقانلارنى بېيىتىش ۋاسىتىلىرىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان- چارۋىچى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك.

تۆتىنچى، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار «ئاستا ئۆزگەرگۈچى مىقدار» بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا ۋە سىياسەتچانلىققا ئىگە، يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىسلاھاتىنى تۇتۇشتا چوقۇم تارىخىي سەۋرچانلىقنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، پۇختا، مۇقىم ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «توغرىلىرىنى ساقلاش» ئىسلاھات تۆۋەن چېكىنى قەتئىي چىڭ ساقلاش دېگەنلىكتۇر، قانداق ئۆزگەرتىشتىن قەتئىينەزەر، يېزىلاردىكى كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىپ غۇلىتىۋېتىشكە بولمايدۇ، تېرىلغۇ يەرنى ئۆزگەرتىپ ئازايتىۋېتىشكە بولمايدۇ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىپ ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ، ئىسلاھاتنى باشتىن- ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «يېڭىلىق يارىتىش» شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش دېگەنلىكتۇر، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى نىشان- ۋەزىپىلىرىنى چۆرىدەپ، يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئورمانچىلىق، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە تەمىنات- سودا كوپىراتىپى ئىسلاھاتى قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ تۇنجى ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى «ئادەم، يەر، پۇل» قاتارلىق چەكلىمە ئامىللارنى ئىسلاھات ئارقىلىق ھەل قىلىپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

بەشىنچى، ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى ياخشى ئىدارە قىلىش ۋە يېزا ئىستىلى مەدەنىيلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى ۋە مۇھىم كاپالىتى. «ئىدارە قىلىش ئۈنۈملۈك بولۇش» «يېزا ئىستىلى مەدەنىي بولۇش» ئومۇمىي تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، «مىڭ- تۈمەن قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ، يېزا- كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەنت (مەھەللە) «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىگە ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، تەرەققىيات باشلامچىلىرىنى ياخشى تاللاپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. سىجىل تۈردە شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت، زېھنىنى ئاجرىتىپ پۇقرالار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. مەدەنىي يېزا ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، دېھقان- چارۋىچىلارنى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭى دەۋردىكى يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا- كەنت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، زامانىۋى مەدەنىيلىكنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. يېزا- كەنتلەرنىڭ مۇقىملىقى، تىنچ- ئامانلىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنىڭ بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەت- ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈگىتىش خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ، يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى ۋە ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

يېزا ئىگىلىكى دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئاساس مۇقىم بولغاندىلا دۆلەت تىنچ بولىدۇ. بىز جەزمەن ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى كۆزلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن ئاشلىق بىخەتەرلىكى مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەت بىلەن خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى تۆۋەن چېكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125