«1- ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭ ئايرودۇرۇملىرىدا توشۇلغان يولۇچى 700 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى
10:51:20 2025-05-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ) «1- ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى جەمئىي 701 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇش، 3558.9 توننا يۈك، پوچتا يوللانمىسى توشۇشنى تاماملاپ، 6210 ئايروپىلان قېتىم ئۇچۇش- قونۇشقا كاپالەتلىك قىلدى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا %13.1، %38.7، %14.4 ئېشىپ، تىرانسپورت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىدا كۆرۈنەرلىك ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى 366 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇش، 2881.6 توننا يۈك، پوچتا يوللانمىسى توشۇشنى تاماملاپ، 2585 ئايروپىلان قېتىم ئۇچۇش- قونۇشقا كاپالەتلىك قىلدى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا %2.4، %43.8، %1.6 ئاشتى.

«1- ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پورتتىن چىققان يولۇچىلار پورتتىن كىرگەن يولۇچىلاردىن سەل كۆپ بولدى، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاۋات شەھەرلەر ئاساسلىقى قەشقەر، غۇلجا، كورلا، ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق جايلار بولدى. 5- ئاينىڭ 1- كۈنى، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى يولۇچىلار يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، يولۇچى توشۇش مىقدارى بەش كۈن ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، 148 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.

بۇ يىل، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ئالتاي- شاڭخەي پۇدۇڭ، تۇمشۇق- قومۇل- شىئەن، كورلا- چۇڭچىڭ قاتارلىق كۆپلىگەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئېچىپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، «1- ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، شىنجاڭنى دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھى قىلىپ بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشتى. يولۇچىلارنىڭ ئىللىق، قولايلىق سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى يالغۇز سەپەرگە چىققان بالىلارغا دائىر سەپەرگە چىقىش تەدبىرى ۋە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئەسكەرتمىسىنى رەتلەپ، ھەرقايسى ئايرودۇرۇملاردا «1- ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى باش تېمىسىدىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، قويۇق بايرام كەيپىياتى ياراتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125