ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى جيانى
«ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياشلىق كۈچۈمنى قوشىمەن». 5- ئاينىڭ 3- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ بارلىق ئەترەت ئەزالىرىغا يازغان جاۋاب خېتىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇلۇغچات ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 4- دەرىجىلىك مۇدىر ئەزاسى گو لىمىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە شۇنداق تەسىرات يازدى.
«ياشلىق باھار قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىدىغان مەزگىل، شىنجاڭدا خىزمەت قىلغان مۇشۇ يىللاردا مول نەتىجىگە ئېرىشتىم»، دېدى گو لىمىڭ.
2013- يىلى يازدا، بېيجىڭ پېيلى كەسپىي شۆيۈەنىنىڭ قانۇن كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، گو لىمىڭ كىشىلىك ھاياتىنىڭ ئاچا يول ئېغىزىغا كەلدى. ساۋاقداشلىرى بەس- بەستە ئادۋوكاتلىق ئىش بېجىرىش ئورنى، كارخانا قاتارلىق ئورۇنلارغا قاراپ ئاتلانغاندا، بۇ سەنشىلىك يىگىت ھەربىي سەپكە كىرىشنى تاللىدى. 2015- يىلى ھەربىيلىكتىن چېكىنگەندىن كېيىن، گو لىمىڭ بېيفاڭ سانائەت داشۆسىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرىپ داۋاملىق ئوقۇدى.
2018- يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، «غەربىي قىسىمغا بېرىش، ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بېرىش» چاقىرىقى چىقىرىلغاندا، گو لىمىڭ قەتئىيلىك بىلەن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ ياشلىق باھارىنىڭ جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈپ چىقىشنى تاللىدى.
«ئۆيىمىزدىن 4000 كىلومېتىردىن كۆپرەك يىراقلىقتا ئىكەن، نېمىنى ئويلىغانسەن؟» گەرچە ئائىلىسىدىكىلەر چۈشەنمىسىمۇ، گو لىمىڭنىڭ كۆڭلىدە ئويلىغىنى بار ئىدى. ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆپ قېتىم پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئارزۇسى بويىچە قىزىلسۇ ئوبلاستىغا بارىدىغان پويىزغا چىقتى.
ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ بوستان تېرەك يېزىسىغا تۇنجى كەلگەندە، گو لىمىڭ قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلدى، تىل بىلمەسلىكتىن باشقا، كىگىز ئۆيدە چارۋىچىلار مېھمان كۈتكەندە قويىدىغان نان ۋە ئەتكەنچاي، شۇنداقلا ئېگىزلىكتىكى ئۇزاق زىمىستان قىش ئۇنىڭ يېمەك- ئىچمەك، تۇرمۇش ئادىتىدىن خېلىلا پەرقلىنەتتى. لېكىن ئۇ بەل قويۇۋەتمەي، ئاكتىپلىق بىلەن ئامال قىلىپ ماسلاشتى.
ئۇ ھەر كۈنى كەنتكە بېرىپ ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا، نان بىلەن خاتىرە دەپتەرنى سومكىسىغا سېلىۋالاتتى، بارا- بارا ئۇ يۇرتداشلار بىلەن بىللە نان يەپ، ئەتكەنچاي ئىچىشكىمۇ كۆنۈپ كەتتى. دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە، ئۇ يۇرتداشلارغا ياردەملىشىپ ئوت- چۆپ ئورۇشۇپ بېرەتتى، تىلدا پىكىر ئالماشتۇرۇش راۋان بولمىسا، قولى بىلەن ئىشارەت قىلدى، ئىشارەت قىلغاچ ئۆگەندى، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى ئاخىرلاشقان چاغدا، ئۇ يۇرتداشلار بىلەن مۇڭدىشالايدىغان بولدى.
2021- يىلى 7- ئايدا، گو لىمىڭ ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ چەت- ياقا بوستان تېرەك يېزىسىنىڭ چوربو كەنتىگە بېرىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ كەنت كادىرلىرىنى باشلاپ ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ئىگىلەپ، ئەستايىدىل ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى؛ تۈرلەرنى پائال ئىلتىماس قىلىپ، مۇتەخەسسىسلەرنى يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، چارۋىچىلىق، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى.
«كۆپچىلىكنىڭ ساياھەتچىلىك ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىغانلىقىنى كۆرۈپ، چىن كۆڭلۈمدىن خۇشال بولدۇم». گو لىمىڭ مۇنداق دېدى: «كەنتتە ساياھەت ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرغاندا، بەزى كەنت ئاھالىلىرى چۈشەنمىدى، بولۇپمۇ يۇرتىغا قايتقان بىر ياش مېنىڭ ئۇسۇلۇمغا بەك قارشى تۇردى، لېكىن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭدا پەقەت ئىشەنچ كەمچىل ئىكەنلىكىنى، بۇنداق چەت- ياقا جايدا ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرسا زىيان تارتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بايقىدىم».
ئۆزى بىلەن قۇرداش بولغاچقا، گو لىمىڭ ئۇنىڭغا ھەر قانچە كۆپ داۋلى سۆزلىگەن بىلەنمۇ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىسە بىكار ئىكەنلىكىنى چۈشىنەتتى، شۇڭا دائىم ئۇنى ئەگەشتۈرۈپ ساياھەتچىلىكتىن نەپ ئالغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئاستا- ئاستا، بۇ ياش ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ساياھەت مۇلازىمىتى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرىشىپ، يامان ئەمەس كىرىم قىلدى ۋە بۇنىڭدىن يۇرتىدا ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى كۆرۈپ يەتتى.
ئىككى يىل جەريانىدا، چوربو كەنتىنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، نۇرغۇن داشۆ ئوقۇغۇچىسى يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
2024- يىلى ئەتىيازدا، گو لىمىڭ يەنە بىر قېتىم يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، ئۇلۇغچات ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە يۆتكىلىپ، تەپتىش كادىرى بولدى.
گەرچە يېڭى خىزمىتى كەسپىگە توغرا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن گو لىمىڭ يەنىلا ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ساقلاپ، مەيلى مەھكىمە تەشكىللىگەن ئۆگىنىش، مۇزاكىرە بولسۇن ياكى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ قانۇن بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش بولسۇن، ھەمىشە ئاكتىپ قاتناشتى. «گەرچە ئىش ئورنۇمدا ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەسلىي مەقسىتىم ئۆزگەرمىدى»، دېدى گو لىمىڭ.
بۈگۈنكى كۈندە، گو لىمىڭ ئۇلۇغچاتتا ئۆيلەندى، ئۇلۇغچات ئۇنىڭ ئىككىنچى يۇرتىغا ئايلاندى، گو لىمىڭ كۆپ يىل كۈرەش قىلغان ياشلىق باھارىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «غەربىي قىسىمدا يىلتىز تارتىپ شىنجاڭدا قېلىشىم توغرا تاللاش بولدى. مەن غەربىي قۇتۇپ ئۇلۇغچاتتا بىر تۈپ توغراق بولۇپ، بۇ يەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئۇلۇغچاتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياشلىق كۈچۈمنى تەقدىم قىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن».