«يەردىكى بۇلۇتلار» ناملىق فىلىم پۈتۈن مەملىكەتتىكى كىنوخانىلاردا رەسمىي قويۇلدى، شىنجاڭدىكى بارلىق خەلق كىنوخانىسى، كىنو شەھەرچىلىرىدە بىردەك قويۇلدى
18:51:34 2025-05-08 تىيانشان تورى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن جياڭ) 5- ئاينىڭ 7- كۈنى، «يەردىكى بۇلۇتلار» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم پۈتۈن مەملىكەتتىكى كىنوخانىلاردا رەسمىي قويۇلدى. بۇ فىلىمنى مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى قارىمىقىدىكى مەركىزىي ئاخبارات ھۆججەتلىك فىلىم ئىستۇدىيەسى (گۇرۇھى) ئىشلىگەن، سۈرەتكە ئالغان، شىنجاڭنىڭ ئاۋات ناھىيەسىدە نەق مەيداندا سۈرەتكە ئالغان، ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا تاماملىغان.

ھۆججەتلىك فىلىم «يەردىكى بۇلۇتلار»نىڭ تەشۋىقات ئېلانى.

 فىلىمدە ھەقىقىي كىنونى سۈرەتكە ئېلىش ۋە بايان قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، پاختىكار ئەركىن، جاۋ چياڭ ئىككى ئائىلىنىڭ پاختا تېرىش مەزگىلىدە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكى، ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا، جاپالىق ئەمگىكىنىڭ ئاخىرى جاۋابقا ئېرىشكەنلىكى خاتىرىلەنگەن. فىلىمدە پاختىكارلارنىڭ پاختا تېرىش، پاختا سېتىش ھېكايىسى رېئال تەسۋىر ئارقىلىق بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇش مەنزىرىسى، ئاددىي ئائىلە قارىشى، شۇنداقلا ئەمگەكچان ئىككى قولى بىلەن بەختلىك كەلگۈسىنى يارىتىش ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، فىلىمدە ئاۋات ناھىيەسىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش مەنزىرىسى ۋە خەلق ئۆرپ- ئادىتى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئۆرپ- ئادىتى جانلىق تەسۋىرلەنگەن.

ھۆججەتلىك فىلىم «يەردىكى بۇلۇتلار»نىڭ تەشۋىقات ئېلانى.

 بۇ فىلىم 26- نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا كىنو بايرىمىنىڭ خەلقئارا فىلىملەرنى كۆرگەزمە قىلىپ قويۇش بۆلىكىگە تاللىنىپ، بىردىنبىر تاللانغان جۇڭگو فىلىمى بولۇپ قالدى؛ 37- نۆۋەتلىك گوللاندىيە ئامستېردام خەلقئارا ھۆججەتلىك فىلىم بايرىمىنىڭ Docs for Sale بۆلىكىگە تاللىنىپ قويۇلدى، ئامېرىكا، گوللاندىيە، پولشا، گىرېتسىيە، لاتۋىيە، ئىتالىيە، سىلوۋاكىيە، كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن تاماشىبىنلار فىلىمنى كۆردى ھەم كەڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى؛ بۇ فىلىم 6- نۆۋەتلىك خەينەن ئارىلى خەلقئارا كىنو بايرىمىنىڭ ئاساسلىق مۇسابىقە بۆلىكى بويىچە ئەڭ ياخشى ئۇزۇن ھۆججەتلىك فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئىرېلاندىيە دۇبلىن داشۆسىدە قويۇلغاندا، دۇبلىن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى فىلىمدىكى قېرىنداشلىق مېھرىدىن تەسىرلەندى، نۇرغۇن كىشى شىنجاڭغا كېلىپ كۆرۈپ بېقىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۆججەتلىك فىلىم «يەردىكى بۇلۇتلار»نىڭ تەشۋىقات ئېلانى.

 «5- ئاينىڭ 7- كۈنى بۇ فىلىم پۈتۈن مەملىكەتتىكى كىنوخانىلاردا رەسمىي قويۇلغان تۇنجى كۈن، شىنجاڭدىكى بارلىق خەلق كىنوخانىلىرىدا بىردەك قويۇلدى»، دېدى شىنجاڭ خۇاشيا تىيانشان كىنوخانىسى تارقىتىش مەركىزىنىڭ باش دىرېكتورى لياۋ شيا تونۇشتۇرۇپ. ھازىر بۇ شىركەت فىلىم تارقاتقۇچى تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، فىلىم ئىشلەش قاتارلىق ئالاقىدار ئىشلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ.

 «بۇ فىلىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە، ھەم بىرقەدەر يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيەگە ئىگە بولۇپ، كۈچلۈك تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە نادىر ئەسەر. تېخىمۇ كۆپ تاماشىبىننىڭ كىنوخانىغا كىرىپ، بۇ ياخشى ھەم ئەھمىيەتلىك فىلىمنى كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز تارقىتىش خىزمىتىنى كۈچىمىزنىڭ بارىچە ياخشى ئىشلەپ، بۇ مۇنەۋۋەر فىلىمنىڭ تېخىمۇ زور قىممىتى ۋە تەسىر كۈچىنى جارى قىلدۇرىمىز»، دېدى لياۋ شيا.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125