كارخانىلارنى كۈچەيتىش، سېلىنمىنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەپ، سانائەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش كۈچى، تۆھپە قوشۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك
جاڭ جۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى
5- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، ئاليۇمىن ياپراقچىسى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى ۋە كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئالاقىدار مەسئۇل خادىملار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 5- ئاينىڭ 7- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى ۋە گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا بېرىپ، سانائەت ئىقتىسادىي تەرەققىيات خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي خىزمەت توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈنۈم ۋە پايدىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنى كۈچەيتىش، سېلىنمىنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەپ، سانائەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش كۈچى، تۆھپە قوشۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىلارنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
ما شىڭرۇي شىنجاڭ يائوۋ ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللار پاي چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، لىتىي مەھسۇلاتلىرى ھۈنەر- سەنئەت تېخنىكىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، سېخلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، كارخانىنىڭ تىجارەت، تەرەققىيات خىزمىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بازار يۈزلىنىشىنى ماھىرلىق بىلەن ئىگىلەپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى تۇتۇپ، تۈر قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ۋاقىت ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ بازار رىقابىتىدە پۇرسەتنى ئىگىلەش كېرەك. شىنجاڭنىڭ بايلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشتا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تىجارەت ئۈنۈمى ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
شۇاڭچيەن گۇرۇھى كوئېنلۇن بالون چەكلىك شىركىتىدە، ما شىڭرۇي سېخقا كىرىپ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، كارخانىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئۈنۈمىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئۇلارنى ئىشلەپچىقىرىش- تىجارەت ئەندىزىسىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى پائال ئېچىپ، تىجارەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى زورىيىش ۋە كۈچىيىشكە ئىلھاملاندۇردى.
ما شىڭرۇي شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، ئاليۇمىن ياپراقچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى ۋە كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئالاقىدار مەسئۇل خادىملار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇلارنىڭ تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى ساقلاپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىنچىكە پىششىقلاشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مەھسۇلاتنىڭ پەن- تېخنىكا تەركىبى ۋە قوشۇلما قىممىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى. ما شىڭرۇي يەنە ئۈرۈمچى شەرقىي جۇڭغار كەسىپلەر باغچە رايونىدىكى چوڭ- چوڭ تۈرلەرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال، نەتىجىلىك كېڭەيتىپ، تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشۇش كېرەك.
ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: سانائەت ئىقتىسادىنىڭ «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقى ساھەسىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قېزىپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىپ، چوڭ- چوڭ تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش ۋە ئۇنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى كۆزلەپ، سىجىل تۈردە تېخنىكا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئەلالاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە تۈرتكە بولۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، كەسىپ ئاساسىنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش ۋە كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، تۈرلۈك قوللاش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئامىلى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تىجارەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا مەدەت بېرىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. تەرەققىياتنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يوشۇرۇن كۈچنى سىجىل قېزىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىش ئورنىنى كېڭەيتىشىگە مەدەت بېرىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، دەل جايىدا كۈچەپ، يوشۇرۇن كۈچنى چوڭقۇر، ئۈنۈملۈك قېزىپ، ئەۋزەللىكنى مۇستەھكەملەپ، قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ سانائەتنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىپ يۈكسىلىش ۋەزىيىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇستەھكەملىشى ۋە كۈچەيتىشى كېرەك.
قادېن كەبىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.