شىنجاڭ يىخۇا كانچىلىق چەكلىك شىركىتى ۋۇسەيۋەن كان رايونى 1- نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كاننىڭ پۈتۈن كۆرۈنۈشى (5- ئاينىڭ 7- كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گې يوۋجۈن) بۇلۇتلار ئارىسىدىن تىڭجوۋغا نەزەر سالغاندا، تاغ- دەريالار شۇقەدەر ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل كۆرۈنىدۇ. 5- ئاينىڭ 7- كۈنى، «شىنجاڭ يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى . يېزا سودا بانكىسى» نامدارلىقىدىكى شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت پائالىيىتىنىڭ تۇنجى بېكەت پائالىيىتى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سانجى شەھىرىدە باشلاندى.
بۇ يىل ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىلدا بوران- چاپقۇنلۇق مۇساپە بېسىپ ئۆتۈلۈپ، 70 يىلدا مول مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، سانجىدىن ئىبارەت گۈللەپ ياشنىغان، بەخت- سائادەتكە چۆمگەن بۇ جايدا پۈتۈن شىنجاڭغا ئوخشاش ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سانجى ئوبلاستى كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە بىردەك مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، سانجى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى مۇساپىسىگە كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن قەدەم تاشلىماقتا، تىڭجوۋ تۇپرىقىدىكى ھەممىلا جايدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى بويىچە ئۈلگىلىك ۋىلايەت، ئوبلاست قۇرۇشتىكى جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇماقتا.
«شىنجاڭ يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى . يېزا سودا بانكىسى» نامدارلىقىدىكى شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت پائالىيىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قېتىمقى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت ئۆمىكى سانجى ئوبلاستىنىڭ شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، سانجى شەھىرى ۋە ماناس ناھىيەسىگە بېرىپ، «بوشلۇق + يەر يۈزى» ئىستېرېئولۇق كۆزىتىش نۇقتىسى ئارقىلىق سانجى ئوبلاستىنىڭ 70 يىللىق غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنى ھەر تەرەپلىمە خاتىرىلەپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ ئېكولوگىيە گۈزەللىكى، تەرەققىيات گۈزەللىكى، ئىناقلىققا تولغان گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ، سۈرەت قاتارلىق كۆپ خىل ئىپادىلەش شەكىللىرى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى سانجىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ھېكايىسىنى بايان قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا دۇنيانى ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان سانجىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جيەنجۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت پائالىيىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سانجى ئوبلاستى پۈتۈن كۈچ بىلەن شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھ)نىڭ پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت ئۆمىكىگە ماسلىشىپ، سانجىنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل تاغ- دەريالىرى، شەھەر يېڭى قىياپىتى، كەسىپ ئىخچام كۆرۈنۈشى ۋە ئادىمىيەت، ئۆرپ- ئادەتلىرىنى كۆزنەك قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى زىيارەت پائالىيىتى ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سانجى ئوبلاستى بۇ قېتىمقى زىيارەت پائالىيىتىنى پۇرسەت بىلىپ، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) بىلەن بولغان ھەمكارلىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش»نىڭ گۈزەل شىنجاڭنى نامايان قىلىدىغان، دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى تارقىتىدىغان يارقىن داڭلىق ماركىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
شىنجاڭ سانجى يېزا سودا بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: تاراتقۇلار بىلەن پۇل مۇئامىلىنىڭ ساھە ھالقىپ قول تۇتۇشۇشى ئارقىلىق پەن- تېخنىكا نەزەرى، پۇل مۇئامىلە كۈچى بىلەن، سانجى ئوبلاستىنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل تاغ- دەريالىرىنى ئورتاق خاتىرىلەپ، پۇل مۇئامىلە بىلەن كەسىپنىڭ تەڭ ھەرىكەتلىنىشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە گۇۋاھ بولۇپ، بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش كامېراسى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق بېيىشقا ئاتلىنىشىدىكى بەختكە تولغان تەبەسسۇمىنى خاتىرىلەپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.
«شىنجاڭ يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى . يېزا سودا بانكىسى» نامدارلىقىدىكى شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت پائالىيىتىنى شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى، شىنجاڭ فوتوگرافلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئاخبارات فوتو سۈرەت ئىلمىي جەمئىيىتى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزدى، «شىنجاڭ يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى . يېزا سودا بانكىسى» خاس نامدارلىقىغا ئېرىشتى. تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالىدىن كەلگەن مۇنەۋۋەر تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ مەشغۇلاتچىلىرى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) ۋە سانجى ئوبلاستى ھەم قىسمەن ناھىيە- شەھەرلەردىكى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى سانجى بېكىتىدىكى زىيارەت پائالىيىتىگە بىرلىكتە قاتنىشىدۇ.