جۇڭگو(شىنجاڭ) − ياۋروپا كارخانىچىلار ئىقتىساد- سودا ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
11:39:08 2025-05-10 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي) 5- ئاينىڭ 8- كۈنى، شىنجاڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن جۇڭگو(شىنجاڭ) − ياۋروپا كارخانىچىلار ئىقتىساد- سودا ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. سودا ئەشيا ئوبوروتى، مەدەنىيەت- ساياھەت، يېزا ئىگىلىكى، پەن- تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىن كەلگەن جۇڭگو ۋە ياۋروپادىكى 80دىن ئارتۇق كارخانىنىڭ ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ھەمكارلىق، تەرەققىيات زور پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى. 

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى ھەم ئۈرۈمچى شەھىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12- شىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى، 2025- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا − ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى ھەم شىنجاڭنىڭ كەسىپ ئەۋزەللىكىنى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا تونۇشتۇرۇش ئېلىپ باردى. 

ياۋروپا كارخانىچىلار ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، ئىسپانىيە رەقەملىك يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئالمۇدېنا مۇنىئوس مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندى. بۇ قېتىمقى سەپەر شىنجاڭ كارخانىلىرى بىلەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رايون بۆلەك زەنجىرى، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەم ئىسپانىيە بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مائارىپ- تەربىيەلەش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى ئۇدۇللىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. كوللېكتىپىمىز 2017- يىلىدىن باشلاپ دىققەتنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ قوللىنىشقا قارىتىپ، كۆپ دۆلەت ھۆكۈمىتى ھەم ئاپپاراتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى، كەلگۈسىدە رايون بۆلەك زەنجىرى تېخنىكىسىنى شىنجاڭ كارخانىلىرىغا كىرگۈزۈپ، بۇ جاينىڭ ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشنى پىلانلىدۇق. 

«جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى بۇ قېتىمقى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە قىلدى». ئىسپانىيە يېڭى كىروران شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى خېرسون ئانگىلاس مۇنداق دېدى: يىپەك يولى مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە، شىركىتىمىز نامىنى «يېڭى كىروران» دەپ بېكىتكەن بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە قوش يۆنىلىشلىك ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەم جۇڭگو بىلەن ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە ساياھەت كەسپىنىڭ ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىدى. نۆۋەتتە، شىركىتىمىز 400دىن ئارتۇق ياۋروپا كارخانىسىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىگە ياردەم بەردى، كەلگۈسىدە شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ ياۋروپادا بازار ئېچىشىغا سىجىل مەدەت بېرىدۇ.

ئىقتىساد- سودا ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا خەلقئارا سودا ھەم چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى قاتارلىق تۆت چوڭ كېڭىشىش رايونى تەسىس قىلىنىپ، كۆپ تۈردە ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇندى. جۇڭگو بىلەن ياۋروپادىكى كارخانىچىلار پۇل مۇئامىلە- سۇغۇرتا، خەلقئارا سودا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

جيۇشېڭخې پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تىجارەت باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى دېڭ خۇي مۇنداق بىلدۈردى: ئىقتىساد- سودا ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، شىركىتىمىز ياۋروپا كارخانىلىرى بىلەن يېزا ئىگىلىك نەرسە تورى تېخنىكىسى، ئاقىل يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت سۇپىسى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە ماركىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولىدۇ.

بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن ئاشقان بولۇپ، ئىككى تەرەپ سودا سوممىسى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دەسلەپكى مەزگىلدىكى 2 مىليارد 400 مىليون دوللاردىن ئېشىپ 780 مىليارد دوللارغا يەتكەن؛ جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 100 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق قاتنىغان بولۇپ، ئاسىيا − ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئالتۇن ۋاسىتىنى بەرپا قىلغان.

جۇڭگو شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2024- يىلى رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، 2023- يىلىدىكىدىن %6.1 ئاشتى؛ تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 2023- يىلىدىكىدىن %21.8 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىق ئۈچۈن پۇختا كەسىپ ئاساسى سالدى.

شىنجاڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى خې يىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ئىستىقبالى پارلاق، پۇرسەتكە تولغان. ياۋروپادىكى كارخانىچىلارنىڭ شىنجاڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى قۇرغان ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ئارقىلىق، شىنجاڭ كارخانىلىرى بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125