بىر قېتىملىق ئالاھىدە پارتىيە بەدەل پۇلى
11:36:46 2025-05-10 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى سۇڭ ياۋېن، ساۋ خۇا

«دادام پارتىيەگە كېيىنرەك كىرگەن، چۈنكى ئۇ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئاتاكىغا ئۆتۈپ ئىستىھكامغا ھۇجۇم قىلىدىغان قەھرىمانلار، مەن پەقەت كۆچەت تىكىدىغان دېھقان، پارتىيە ئەزالىرى ئۆلچىمىدىن خېلىلا يىراق، سالاھىيىتىم تېخى توشمايدۇ، دەپ قارايتتى». 4- ئاينىڭ 24- كۈنى، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ خارمۇدۇن بازىرى خارمۇدۇن كەنتىدە، فۇ جىجوۋنىڭ كەنجى ئوغلى فۇ ۋېنپىڭ يان تېلېفون ئېكرانىدىكى «51 مىڭ 666 يۈەن» دەپ يېزىلغان ئېلېكتىرونلۇق قايتما تالونغا زەن سېلىپ قاراپ، ئېسەدىگىنىچە مۇنداق دېدى: «بۇ، دادامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھاۋالىسى، ئۇ بۇ پارتىيە بەدەل پۇلىنى چوقۇم تەشكىلگە تاپشۇرۇپ بەرگىن، دېگەنىدى».

ئۆزىنى «سالاھىيىتى توشمايدۇ» دەپ قارايدىغان بۇ كىشى خارمۇدۇن كەنتىدە 41 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۈن- تىنسىز ھالدا 800 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكتى.

1983- يىلى ئەتىيازدا، بىر قېتىملىق قۇم بوران ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئەمدىلا ئۈنۈپ چىققان بۇغداي مايسىلىرى يىلتىزىدىن قومۇرۇلۇپ كەتكەنىدى، كەنت ئاھالىلىرى ئېتىز بېشىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئاھ ئۇرۇپ ھەسرەت چەكتى، پەقەت فۇ جىجوۋلا كەتمەننى ئېلىپ قۇم بارخانلىرىغا قاراپ يۈرۈش قىلىپ، ھەممە يەرنى قاپلىغان قۇمغا جەڭ ئېلان قىلدى.

ئېشەك ھارۋىسىنى ھەيدەپ، قۇم دۆۋىسىدىكى قۇمنى توختىماي توشۇپ، ئاندىن كەتمەن بىلەن كۆچەت ئورىكى كولاپ، سىيرىلىپ چۈشۈۋاتقان كۆچمە قۇم بىلەن بەسلىشىپ، مۈشكۈل جاپادا كۆچەتلەرنى بىردىن- بىردىن تىكتى؛ كەنت ئاھالىلىرى قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىلا، فۇ جىجوۋ ئىككىلەنمەيلا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم قىلدى... ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئىزچىل تۈردە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ كەلدى.

«بىز دائىم فۇ تاغامنى پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇنۇشقا دەۋەت قىلاتتۇق، لېكىن ئۇ ھەمىشە بېشىنى چايقاپ، تېخى سالاھىيىتىم توشمايدۇ دەيتتى»، دېدى خارمۇدۇن كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې چىپېڭ.

2021- يىلى ئەتىيازغا كەلگەندە، تۇيۇقسىز چىققان قۇم بوراندا، فۇ جىجوۋ كەنتتىكى ياش پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قۇم بورانغا قارىماي كۆچەتلەرنى جىددىي قۇتقۇزۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ فۇ جىجوۋ كېچىچە كىرپىك قاقمىدى، ئۇ، تۇيۇقسىزلا بىرەر ئىش قىلىش خىيالىغا كەلدى. ئۇ ساندۇقىنى ئاختۇرۇپ كۆپ يىللاردىن بۇيان ساقلاپ كەلگەن سالام خەت قەغىزىنى ئېلىپ، يېزىپ بولۇپ يىرتىپ، يىرتىپ بولۇپ يەنە يېزىپ، ئاخىرى تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، رەسمىي يوسۇندا كەنت پارتىيە ياچېيكىسىغا پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى.

2022- يىلى 11- ئاينىڭ 20- كۈنى، خارمۇدۇن كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ئۆتكۈزگەن پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بېرىش مۇراسىمىدا، 79 ياشلىق فۇ جىجوۋ مەيدىسىدىكى پارتىيە ئەزالىق ئىزنىكىنى يېنىك سىلاپ تۇرۇپ، كۆزلىرىگە ياش ئالدى. قۇم- بوران بىلەن كۆپ يىل ئېلىشقان بۇ بوۋاي شۇ كۈنى خۇددى كىچىك بالىلاردەك روھلىنىپ كەتتى، ئۇ ياقىسىنى قايتا- قايتا ئوڭشىغاچ: «كېچىكىپ قالدىم، كېچىكىپ قالدىم...» دەپ پىچىرلىدى.

پارتىيە ئەزاسى بولغاندىن كېيىن، فۇ جىجوۋ ياشىنىپ قالدىم، پارتىيەگە قوشقان تۆھپەم بەك ئاز، دېگەن گەپنى دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمىدى.

ئۇزاق يىللاردىن بۇيان قۇم- بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ فۇ جىجوۋ توزانلىق ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى پەيتىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق يىغقان جەمئىي 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل قويۇلغان پۇل ئامانەت كىنىشكىسىنى چىقاردى ھەم فۇ ۋېنپىڭغا: «بۇنىڭ يېرىمىنى ماڭا ۋاكالىتەن ئەڭ ئاخىرقى پارتىيە بەدەل پۇلى سۈپىتىدە پارتىيە تەشكىلاتىغا تاپشۇرۇپ بەرگىن، قالغان يېرىمىنى كۆچەت تىكىشكە ئىشلەتكىن» دەپ قايتا- قايتا تاپىلىدى.

2024- يىلى 2- ئاينىڭ 3- كۈنى، 81 ياشلىق فۇ جىجوۋ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇساپىسىنى ئاخىرلاشتۇردى.

2024- يىلى 3- ئاينىڭ 27- كۈنى سائەت 14تە، خېجىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى فۇ ۋېنپىڭ تاپشۇرغان − 51 مىڭ 666 يۈەن ئالاھىدە پارتىيە بەدەل پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، فۇ جىجوۋنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، 34 كىلومېتىرغا سوزۇلغان يېشىل كارىدور ئالدىدا تۇرغاندا، قۇم- بوراندا خېنەن تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدىغان ئاشۇ بوۋاينىڭ: «ھاياتلا بولسام كۆچەت تىكىشنى توختىتىپ قويمايمەن» دېگەن سۆزى ئاڭلانغاندەك تۇيۇلىدۇ. فۇ جىجوۋنىڭ بىر ئۆمۈر سۇغارغىنى چۆلدىكى بوستانلىق بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئەڭ ئاددىي ئېتىقادى. بۇ ئېتىقاد خۇددى قۇملۇقتىكى دەرەخكە ئوخشاش ئىنتايىن چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، بۇ تۇپراقنى مەھكەم قوغداپ تۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125