شەرقىي جۇڭغار كۆمۈرى «ئاقىل چوڭ مېڭە» بىلەن ئۇچراشقاندا
11:41:39 2025-05-10 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

5- ئاينىڭ 7- كۈنى، رەڭگارەڭ چىراغلار يورۇتۇپ تۇرغان شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرەت). ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە

تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئارقىلىق نەچچە يۈز مېتىر ئېگىزلىكتىكى بوشلۇقتىن نەزەر سالغاندا، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ. بىپايان چۆللۈكتە، يۇلتۇزدەك تارقالغان ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى كەڭ تۇپراقتا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، گىرەلىشىپ كەتكەن توك يەتكۈزۈش لىنىيەلىرى بىر غايەت زور ئېنېرگىيە تورىنى ھاسىل قىلغانىدى.

5- ئاينىڭ 7- كۈنى، «شىنجاڭ يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى . يېزا سودا بانكىسى» نامدارلىقىدىكى شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت ئۆمىكى كامېرا ئارقىلىق بۇ ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى خاتىرىلىۋالدى. 

تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدىكى كامېرا جۇڭگو ئېلېكتىر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىركىتى شىنجاڭ ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى ۋۇسەيۋەن توك تارقىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىككى ۋاسىتىلىك سوۋۇتۇش مۇنارىغا توغرىلانغان بولۇپ، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى تەدرىجىي ئېنىق كۆرۈنۈشكە باشلىدى: رەتلىك سېلىنغان زاۋۇت ئۆيلىرى، گىرەلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ كۈمۈش رەڭ تۇرۇبا يولى ھەم يىراققا سوزۇلغان 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى. بۇ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تومۇرلىرى ئاخىرىدا سانجى − گۇچۈەن 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى سانجى توك ئايلاندۇرۇش پونكىتىغا تۇتىشىدۇ، بۇ جاي خۇادۇڭ رايونىنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلماقتا.

«بىز سانجى − گۇچۈەن 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىكى توققۇز يانداش توك مەنبەسى نۇقتىسىنىڭ بىرى»، دەپ تونۇشتۇردى ۋۇسەيۋەن توك تارقىتىش شىركىتى توك تارقىتىش يۈرۈشتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ رۇيفېڭ مەركەزلىك كونترول قىلىش ئۆيىدە. مەركەزلىك كونترول قىلىش ئۆيىدىكى چوڭ ئېكراندا ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان سانلىق مەلۇماتلار 660 مىڭ كىلوۋاتلىق ئىككى ئوت ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ يۈرۈشۈش ھالىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

2015- يىلى، ۋۇسەيۋەن توك تارقىتىش شىركىتى تۈرى تەستىقلىنىپ قۇرۇلدى، زاۋۇت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، كارخانا «ئاقىل ئېلېكتىر ئىستانسىسى» ۋە «شەرقىي جۇڭغار كۆمۈرىنى %100 كۆيدۈرۈش»تىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېما تەتقىقاتىنى نىشانلاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن دۆلەت ئېنېرگىيەسى ئاقىل ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى ۋە ئۈلگە تۈرنى بەرپا قىلدى.

«بۇ چۆللۈكتە، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ تەييار كۆمۈرلۈك − شەرقىي جۇڭغار كۆمۈرلۈكى بار بولۇپ، مۆلچەرلەنگەن كۆمۈر بايلىقى زاپىسى 390 مىليارد توننا كېلىدۇ، لېكىن يۇقىرى ئىشقارلىق بولۇش خۇسۇسىيىتى ئۇنى <قول كۆيدۈرىدىغان مەسىلە>گە ئايلاندۇرۇپ قويدى.» جاڭ رۇيفېڭ مۇنداق دېدى: ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا %20 تۆۋەن ناترىيلىق كۆمۈرنى ئارىلاشتۇرۇپ كۆيدۈرۈش ئارقىلىق نېيتراللاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، لېكىن ھەربىر توننىسىغا كېتىدىغان 300 يۈەندىن ئارتۇق تەننەرخ كارخانىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتتى.

2020- يىلى، تېخنىك خادىملار كۆمۈر قاتلىمىدىكى ھەمراھ تەركىبلەر ئارىسىدىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان «دورا» − گاۋلىڭ توپىسىنى بايقىدى. ئۇلار كۆمۈر يەتكۈزۈش سىستېمىسىغا كىچىك تاسمىنى كۆپەيتىپ ئورنىتىپ، گاۋلىڭ توپىسىنى دەل جايىدا ئارىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. 2022- يىلى، ئېلېكتىر ئىستانسىسى «شەرقىي جۇڭغار كۆمۈرىنى %100 كۆيدۈرۈش»تىن ئىبارەت بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېقىلغۇ تەننەرخىنى يىلىغا 80 مىليون يۈەن تېجەپ قالدى. بۇ تېخنىكا جۇڭگو دىنامىكا قۇرۇلۇشى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتۈپ خەلقئارادا ئىلغار سەۋىيەگە يېتىپ، شەرقىي جۇڭغار رايونىدا ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلمەكتە. 

بۇ تۈردىكى بۆسۈش ۋۇسەيۋەن توك تارقىتىش شىركىتىنى يۇقىرى ئىشقارلىق كۆمۈرنى تولۇق كۆيدۈرۈشنى ھەممىدىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يېقىلغۇ تەننەرخىنى جەمئىي 230 مىليون يۈەن ئەتراپىدا تېجەپ قالدى.

تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىنغان ھەر بىر قەدەمگە پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يۈرەك قېنى ۋە ئەجرى مۇجەسسەملەنگەن، تېخىمۇ مۇھىمى ئېلېكتىر ئىستانسىسى «ئاقىل چوڭ مېڭە»سىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كۈچ قوشۇشى ۋە دەل جايىدا تەدبىر بەلگىلىشىگە تايانغان.

مەركەزلىك كونترول قىلىش ئۆيىگە كىرگەندە، ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرۈنمە سىستېما پار قازاننىڭ ئىچكى ھالىتىنى ھەر ۋاقىت نامايان قىلىپ تۇراتتى. 3287 سېنزوردىن تەركىب تاپقان نېرۋا تورى يۈرۈشۈش سانلىق مەلۇماتىدىن سېكۇنتىغا 13 مىڭنى توپلايدۇ. «ئىلگىرى پارامېتىرنى تەڭشەشتە تەجرىبىگە تايىناتتۇق، ھازىر سانلىق مەلۇماتقا تايىنىمىز»، دېدى ۋۇسەيۋەن توك تارقىتىش شىركىتى مەركەزلىك كونترول قىلىش بۆلىكىنىڭ باشلىقى سۇڭ شى سىستېمىدا مەشغۇلات قىلغاچ. 

كۆمۈر يەتكۈزۈش ئاسما كۆۋرۈكىدە، چارلاپ تەكشۈرۈش ماشىنا ئادىمى رېلىسنى بويلاپ تەكشى، مۇقىم سىيرىلىپ مېڭىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا ئورنىتىلغان ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تېرمو تەسۋىر ئۈسكۈنىسى 0.1 سېلسىيە گىرادۇس تېمپېراتۇرا پەرقىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولۇپ، تەكشۈرۈش- ئۆلچەش ئۈنۈمىنى ئادەم كۈچىگە قارىغاندا ئۈچ ھەسسە ئۆستۈردى. «ھازىر يۇقىرى خەتەرلىك رايونلارنى ئادەم كۈچى ئارقىلىق بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنىڭ ھاجىتى قالمىدى»، دېدى جاڭ رۇيفېڭ. 

رەقەملىك قوشكېزەك تېخنىكىسىنى قوللىنىش كاشىلىنى بىر تەرەپ قىلىشنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە قىلدى. خىزمەتچى خادىم مەۋھۇم پار قازاننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «رەقەملىك تەقلىد قىلىش ئارقىلىق، بىز 48 سائەت بۇرۇن كوكسلىشىش يۈزلىنىشىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلەيمىز».

بۈگۈنكى كۈندە ۋۇسەيۋەن توك تارقىتىش شىركىتى 56 تۈردە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ، 14 تۈرلۈك كەشپىيات پاتېنتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنە «دۆلەت ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش مۇكاپاتى» «يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا» قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك شەرەپلەرگە ئېرىشتى. لېكىن كارخانىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قەدىمى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى − باتارېيە ئالماشتۇرىدىغان ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئىشلىتىلىشى زاۋۇت رايونىنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتمەكتە، رەقەملىك قوشكېزەك تېخنىكىسىنىڭ چوڭقۇر قوللىنىلىشى تىجارەت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، ئاقىل ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ دەرىجىسىنى سىجىل ئۆستۈرۈش ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىنى قىممەتلىك تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى.

شەرقىي جۇڭغار كۆمۈرى «ئاقىل چوڭ مېڭە» بىلەن ئۇچرىشىپ، تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۇچقۇنى چىقىرىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى چەكسىز مۇمكىنچىلىككە ئىگە قىلدى.

تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ يەنە بوشلۇققا كۆتۈرۈلدى، كامېرادا، كۈمۈش رەڭ لىنىيە كېسىپ ئۆتكەن چۆللۈك، بېسىپ ئۆتكەن نەچچە مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ئۇزۇن يول نامايان بولۇپ تۇراتتى. يەتكۈزۈلگەن ھەربىر ۋات توكقا پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، يىراقتىكى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەردىكى چىراغلارنى يورۇتماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125