ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى
11:34:24 2025-05-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 5- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش ۋە چېگرا ساياھىتى تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئاقىل پورت قۇرۇلۇشى، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى. 

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تاشقى مەبلەغنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ھازىرقى تاشقى مۇھىت خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىلىدىغان كەسىپلەر مۇندەرىجىسى»دىن ئىبارەت يۈرۈشلۈك سىياسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشىنى قوللاش ۋە ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. مەبلەغ سېلىش بويىچە تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاپ، چېگرا سىرتىدىكى ئىقتىساد- سودا ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ چېگرا ئىچىدە قايتا مەبلەغ سېلىشىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، خەۋپ- خەتەرنى تىزگىنلىگىلى بولۇش ئالدىنقى شەرتىدە تاشقى مەبلەغنى جەلپ قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك. ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، «يۈز كارخانىنى كەڭ كۆلەمدە زىيارەت قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، خادىملارنىڭ بېرىش- كېلىشىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. 

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش ۋە چېگرا ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەبىئىي بايلىقى، ساياھەت بايلىقى، كەسىپ بايلىقىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ خەلقئارا ساياھەت مەنزىلگاھى ئوبرازىنى يەنىمۇ تىكلەش كېرەك. گاۋتيې، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى، يولۇچى تىرانسپورتى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتارلىق قاتناش شەكىللىرىنى توپلاپ، ساياھەت مۇلازىمىتى، ئۇچۇر تۈگۈنى، قاتناش بويىچە يىغىلىش- تارقىلىش، سودا ئىشلىرى − سودا، تۇرمۇش مۇلازىمىتى، مەنزىرە مۇھىتى قاتارلىق ئىقتىدارلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خاسلىقى قويۇق، جەلپ قىلىش كۈچى كۈچلۈك بولغان ساياھەت يىغىلىش- تارقىلىش ئورنىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. خەلقئارالاشقان بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك مېھمانساراي ۋە ساياھەت بويىچە دەرىجىلىك ئائىلىۋى مېھمانخانىلارنى نۇقتىلىق كىرگۈزۈپ قۇرۇش، خەلقئارا ھەم رايون ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. چېگرا سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، چېگرادىن كىرىش بويىچە تاموژنىدىن ئۆتۈش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر مەنبەسى ئېھتىياجىغا قارىتا، خەلقئارالاشقان كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر تۈركۈم ساياھەت شەھەرلىرى ھەم مەنزىرە رايونلىرىنى بەرپا قىلىش كېرەك. چېگرا ساياھىتى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تاشقى تەشۋىقات، تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ساياھەت ئىجادىيىتى، پىلانلاش، ماركېتىڭ قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. 

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تاموژنا باش مەھكىمىسى قاتارلىق توققۇز تارماقنىڭ «ئاقىل پورت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»ىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىققا ئىگە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پورتلارنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. تۆمۈريول پورتىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، تاشيول پورتىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، ئاۋىياتسىيە پورتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ ئاقىل پورتنى يۈرۈشتۈرۈش- باشقۇرۇش بىرلەشمە ئورۇنلاشتۇرۇش قوماندانلىق سۇپىسى قۇرۇشنى تەتقىق قىلىپ، پورتلارنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پورتنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىشتىكى قولايلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاپ، سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈش كېرەك. 

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلەت ئىچىدىكى باشلامچى ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق ئەندىزىسى ۋە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، شىنجاڭنىڭ سودا ئوبوروت كەسپىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىجادىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل كەسىپلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاساسىي قاتلام بازىرىنى يېتىلدۈرۈپ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ بازىرىنى ئېچىپ، شەھەر- يېزىلارنى قاپلىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەشيا ئوبوروتى تورىنى بەرپا قىلىش كېرەك. كۆپ خىللاشقان ئىستېمال ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، توردا ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تور سىرتىدىكى پائالىيەتلەر بىلەن ماس قەدەمدە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قوزغىتىش كېرەك. 

 يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125