ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى سۇڭ ياۋېن، ساۋ خۇا
«دادا، ھاۋا بەك سوغۇق، باھار كەلگەندە بارايلى». فۇ جىجوۋنىڭ چوڭ قىزى فۇ شىمېي دادىسىنىڭ بۇ گەپنى ئاڭلىغان چاغدىكى قوشۇمىسى سەل تۈرۈلگەن، لەۋلىرى چىڭ يۇمۇلغان، كۆزلىرىدىن قەتئىيلىكى چىقىپ تۇرغان چىراي ئىپادىسىنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايدۇ.
2023- يىلى 11- ئايدا، فۇ جىجوۋنىڭ تېنى ئىنتايىن ئاجىزلاپ كەتتى، توزانلىق ئۆپكە كېسىلى ۋە يىل بويى چارچاش ئۇنىڭ نەپەس ئېلىشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەنىدى، ھەربىر ئېغىز گەپنى قىلغاندا نەچچە قېتىم توختىۋالاتتى. لېكىن ئۇ چوڭ قىزىغا «مېنى يۆلەپ قۇم دېڭىزىغا ئاپىرىپ، ئۆز قولۇم بىلەن تىككەن دەرەخلەرنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ كېلىڭ»، دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى.
«مەن بۇ دەرەخلەرنى يەنە كۆرۈۋالاي». فۇ شىمېي فۇ جىجوۋنى گەپكە كىرگۈزەلمەي، ئامالسىزلىقتىن قېلىن پاختىلىق چاپان تېپىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا كىيگۈزدى. ئۇ دادىسىنى يۆلىدى، ئۇلار بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن مېڭىپ، فۇ جىجوۋ بىر ئۆمۈر قوغدىغان ئورمانغا قاراپ يول ئالدى.
بۇ چاغدا خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ خارمۇدۇن بازىرى خارمۇدۇن كەنتىدە سوغۇق شامال غۇيۇلداپ چىقىپ، كۆزنى ئاچقىلى قويمايتتى، فۇ جىجوۋ پات- پات توختاپ، خۇددى 40 يىل كۆچەت تىككەن ئاشۇ چاغلارنى تۇتقاندەك، قولىنى سۇنۇپ شۇ توم دەرەخ غوللىرىنى سىلىدى.
«بۇلار مەن 1984- يىلى تىككەن تۇنجى تۈركۈمدىكى دەرەخلەر، ئاشۇ يىللاردا قۇم- بوران ئۇلارنى كۆمۈۋەتكەندە، مەن يەنە ئۇلارنى كولاپ چىققانىدىم». فۇ جىجوۋ كەينىگە بۇرۇلۇپ جىمجىت تۇرغان فۇ شىمېيغا قارىغىنىدا كۆزلىرى ياشقا تولدى: «شۇ چاغدا مەن سىلەرنى قۇم- بورانغا قارىماي كۆچەتلەرنى قوغداشقا بۇيرۇغاندا مەندىن ئاغرىنغانمىتىڭلار؟»
فۇ شىمېي ئىختىيارسىز ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى، سېرىق قۇم بوران چىققان چاغلار ئۇنىڭ ئېسىدە ئىدى − قۇم بوران چىققاندا، ھەممە يەرنى سېرىق قۇم قاپلاپ كېتەتتى، قارا بوران سېرىق قۇمنى ئۇچۇرۇپ يۈزلەرگە ئۇراتتى، باشقىلارنىڭ بالىلىرى ئۆيگە قاراپ يۈگۈرگەندە، فۇ ئائىلىسىدىكى نەچچە بالا دادىسى بىلەن بىللە بېشىنى كىيىم بىلەن ئوراپ، گۈرجىكىنى كۆتۈرۈپ قۇم بورانغا بۆسۈپ كىرەتتى. يېڭىدىن تىكىلگەن كۆچەتلەرنىڭ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يىلتىزىدىن قومۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلار ئېڭىشىپ قۇم بارخانلىرى ئارىسىدىن ئىزدەپ تېپىپ، كۆچەتلەرنى قايتىدىن قۇملۇق توپىغا تىكەتتى.
«ئۇ چاغدا دادامنىڭ نەزەرىدە پەقەت دەرەخلا بار، دەرەخ بىز بالىلىرىدىنمۇ قىممەتلىك دەپ ئويلايتتۇق، ئورماننىڭ قۇم بارخانلىرىنى كۆكەرتكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىنلا ئاندىن دادامنىڭ قۇم- بوراندا تىككىنىنىڭ دەرەخ ئەمەس، بەلكى ھاياتلىق يولى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇق»، دېدى فۇ شىمېي كۆز ئالدىدىكى يېتىلگەن چوڭ دەرەخلەرگە قاراپ كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا مۇخبىرلارغا.
«قىزىم، 2003- يىلى تىككەن بۇ ئورمانغا قاراڭە، بىز ئۇ چاغدا نىمكەش يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى سېتىۋالغانىدۇق، بۇنىڭ بىلەن، ئىشلار گۈرجەك ئىشلەتكەندىكىدىن كۆپ ئاسانلاشتى». فۇ شىمېي دادىسىنىڭ چىرايىنىڭ تۇيۇقسىز ئېچىلىپ، ئىنتوناتسىيەسىدىن خۇشال بولغانلىقىنى ھېس قىلدى.
فۇ شىمېي 2003- يىلىدىكى ئاشۇ قېتىملىق ئائىلە يىغىنىنى ئەسلىدى، يىغىندا تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىش مۇزاكىرە قىلىنغانىدى. «ئەمەلىيەتتە دادامنىڭ مەقسىتى پەقەت بىرلا بولۇپ، كۆپچىلىكنى پۇل يىغىش قىلىپ ئۈسكۈنە سېتىۋېلىشقا بۇيرۇش ئىدى»، دېدى فۇ شىمېي كۈلۈپ تۇرۇپ. ئۆزى غەملەش، پۇل ئۆتنە ئېلىش ۋە بانكىدىن قەرز پۇل ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئائىلىسى تىراكتور ۋە توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى سېتىۋالدى، شۇنىڭدىن باشلاپ، فۇ جىجوۋ ئائىلىسىنىڭ كۆچەت تىكىپ قۇم تىزگىنلەش ئىشلىرى «تېز سۈرئەتلىك يول»غا كىردى.
ئورمان بەلبېغىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، فۇ جىجوۋ تۇيۇقسىز قەدىمىنى توختىتىپ، يىراقتىكى ئېگىز- پەس قۇم بارخانلىرىغا قارىدى. بىردەمدىن كېيىن پەس ئاۋازدا: «ئەگەر ماڭا يەنە نەچچە يىل ۋاقىت بېرىلگەن بولسا، مەن چوقۇم ئۇ يەرگىمۇ دەرەخ تىكىپ توشقۇزۇۋېتەتتىم، يەنە... 200 مىڭ تۈپ قالغانىدى...»، دېدى.
فۇ جىجوۋنىڭ ئاۋازى ناھايىتى بوش بولسىمۇ، لېكىن گەپلىرى ئېنىق ئىدى. بۇنى ئاڭلاپ فۇ شىمېينىڭ كۆزىگە ياش كەلدى، ئۇ دادىسىنىڭ بۇ ئورمان بىلەن خوشلاشقۇسى كەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلەتتى.
4- ئاينىڭ 25- كۈنى، فۇ شىمېي مۇخبىرلارنى باشلاپ فۇ جىجوۋ تىككەن ئورماننى بىر ئايلىنىپ چىقتى، ماڭغاچ ئەينى چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلىدى.
«مېنىڭ قەلبىمدە ئاتا- ئانام بىزدىن ئايرىلمىدى. ئۇلار ئېگىز ۋە مۇستەھكەم ئاق تېرەككە ئايلىنىپ، بۇ تۇپراقتا مەڭگۈلۈك قەد كۆتۈردى»، دېدى فۇ شىمېي يىراققا نەزەر تاشلاپ، بوش ئاۋازدا.
مۇخبىرلار 34 كىلومېتىرغا سوزۇلغان يېشىل كارىدور ئالدىدا تۇرغاندا، شامال يەنىلا غۇيۇلداپ چىقىۋاتقان بولسىمۇ، كەتمەن كۆتۈرگەن ھېلىقى سىيما يوق ئىدى. لېكىن ھەر قېتىم دەرەخ يوپۇرماقلىرى شىلدىرلىغاندا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ ئاۋاز فۇ جىجوۋنىڭ ئاددىي- ساددا، ھارارەتلىك، مەڭگۈ ئۆچمەس ئۈمىدكە تولغان كۈلكە ئاۋازىغا تولىمۇ ئوخشايدۇ، دېيىشەتتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)