«مەن چېگرانى چارلاشقا ماڭدىم، بالامنى سىلەرگە تاپشۇردۇم»
11:43:15 2025-05-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ھېكايىسى ① 

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋېي يۇڭگۇي، يەن شياۋتيەن

 ئاق تېرەكلەر كۆككە تاقاشقان بولۇپ، سۈپسۈزۈك بۇلاق سۈيى شىلدىرلاپ ئېقىۋاتاتتى. 5- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتە، پارلاق قۇياش نۇرىدا، شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئوقۇتقۇچى گاۋ شۇشيەن شېيىت كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى پاتمابۇبى ئابدىلدا بىلەن دەرەخ سايىسىدە مۇڭدىشىپ تۇراتتى.

 «ئەركايىمنىڭ يېقىنقى بىرنەچچە قېتىملىق سىناق نەتىجىسى يامان ئەمەس بولدى. سىز تاغقا چىقىپ كەتكەندە، ھەر كۈنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن مەن بالىنى ئېلىپ قېلىپ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىمەن، سىز خاتىرجەم بولۇڭ».

 «بولىدۇ. بالام تۈنۈگۈن تېخى ماڭا بۇ ھەپتىدىكى سىناق نەتىجەم يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپتۇ دېگەنىدى، سىز ئۇنىڭغا يەنە كىچىك سوۋغات بېرىپسىز».

 ...

 ئىككىيلەن پۈتۈن بىر چۈش پاراڭلاشتى. دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىنىشى بىلەن، پاتمابۇبى گاۋ شۇشيەننىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ كۆز چاناقلىرى قىزارغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى يىلدا، بالامنىڭ نەتىجىسى بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى سىزگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز».

 گاۋ شۇشيەن غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسى بولۇپ، سەنشى جىنجۇڭ سىفەن ئالىي تېخنىكوم مەكتىپىدىن كەلگەن. 2023- يىلى 8- ئايدا، ئۇ پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىگە چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كېلىپ، بۇ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 23 نەپەر غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان.

 شېيىت كەنتى چېگرادىكى كەنت، 33 ياشلىق پاتمابۇبى چېگرا قوغدىغۇچى، ھەر ئايدا تاغقا چىقىپ چارلايدۇ، ئۇنىڭ بالىسى ئەركايىم 6- يىللىقتا ئوقۇۋاتىدۇ. سىنىپ مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گاۋ شۇشيەن ئەركايىمنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى.

 «پۈتۈن مەكتەپتىكى 23 نەپەر پىدائىي ئوقۇتقۇچى ھەربىر چېگرا قوغدىغۇچىنىڭ بالىسىغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىدۇ». شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جىن ۋېنبىن مۇنداق تونۇشتۇردى: 2022- يىلى 8- ئايدا شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مەكتەپنى ھۆددىگە ئېلىپ مائارىپقا ياردەم بېرىشتىكى تۇنجى سىناق مەكتەپ بولغان، بارلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىنى غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى ئۈستىگە ئالدى، «پۈتۈن مەكتەپتىكى 11 سىنىپتا جەمئىي 288 ئوقۇغۇچى بار، ھەممىسى قىرغىز دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىن كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىسى دائىم تاغقا چىقىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلغاچقا، مۇئەللىملەر بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى».

 «ئىلگىرى، مەن پەقەت ئورمان مۇھاپىزەتچىسىنىلا بىلەتتىم، يەنە چېگرا قوغدىغۇچىلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن». پىدائىي لياۋ جيالى مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا كېلىپ، چېگرادىكى ئېگىزلىككە قەدەم بېسىپ، ئاندىن ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ بىپايان- چەكسىزلىكى ۋە چېگرانى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، «مەن تۇنجى قېتىم بىر چېگرا قوغدىغۇچىنىڭ ئۆيىگە ئائىلە زىيارىتىگە بارغىنىمدا، ئۇ قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ: <مەن چېگرا چارلاشقا ماڭدىم، بالامنى سىزگە تاپشۇردۇم> دېگەن. شۇ دەقىقىدە، مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ يەرگە مائارىپقا ياردەم بەرگىلى كەلگىنىمنىڭ توغرا بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم».

 شېيىت كەنتىدىكى نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى چېگرا قوغدىغۇچى. بۇ يەردە «ئۆمۈر بويى بىرلا ئىشنى قىلىمەن، ۋەتەن ئۈچۈن چېگرانى قوغدايمەن» دېگەن بۇ سۆزنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، ھەر مىللەت ئامما ئەۋلادمۇئەۋلاد كۈچ ئۇلاپ چېگرانى قوغداپ، ۋەتەننىڭ چېگرا لىنىيەسىدە ساداقەتمەنلىك مەدھىيە ناخشىسىنى يېزىپ كەلمەكتە.

 «قىزىل كىيىملىك پىدائىي» ئارقىلىق «يېشىل مىسەي كىيىملىك جەڭچىلەر»نى ئىللىتىش. شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى مۇنداق بىلدۈردى: «بىز گەرچە چېگرا مۇداپىئە جەڭچىلىرىگە ئوخشاش قولىمىزغا پولات مىلتىق ئېلىپ ۋەتەننى قوغدىيالمىساقمۇ، چېگرا قوغدىغۇچىلىرىغا ئوخشاش قەھرىتان سوغۇقتىن قورقماي چېگرانى چارلاپ، چېگرانى قوغدىيالمىساقمۇ، لېكىن بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ۋەتەننى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىپ، چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ غەم- ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، چېگرا لىنىيەسىدىكى ۋەتەننىڭ بۇ گۈل غۇنچىلىرىغا ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىمىز». 

 ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئەترەت ئەزالىرى باشتىن- ئاخىر ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆز قەسىمىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى.

 چېگرا قوغدىغۇچى مەمەت تۇرسۇننىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمىزدە، مېھمانخانا ئۆينىڭ تېمىغا يوغان بىر پارچە جۇڭگو خەرىتىسى ئېسىلغان بولۇپ، خەرىتىنىڭ ئۈستىگە بالىسى تابارەك مەمەت ئۈچ يىلدىن بۇيان ئېرىشكەن بىرقانچە تەقدىرنامىلەر چاپلانغانىدى.

 مەمەت بىلەن خوتۇنى قۇندۇز توختىكۇل ئىككىلىسى چېگرا قوغدىغۇچى بولۇپ، كۆپ قېتىم يېزا دەرىجىلىك، شەھەر دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر چېگرا قوغدىغۇچى دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

 41 ياشلىق مەمەتنىڭ قەلبىدە پىدائىيلار بالىلارنىڭ مۇئەللىمى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭمۇ مۇئەللىمى.

 «ئۇلار بۇ يەرگە كېلىپ، بالىلارغا بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەردى، جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتى، ئالەم كېمىسى، ئاۋىياماتكا، چوڭ ئايروپىلان، گاۋتيېنى كۆرسەتتى، يەنە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ مەدەنىيىتى، گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ئېسىل تائاملىرى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى. بالىلار پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلاپ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان تونۇشى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. تابارەك مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندە دائىم بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ، بىزمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدۇق»، دېدى مەمەت.

 دۇنيا شۇنچە چوڭ ئىكەن، كۆرۈپ بېقىشىمىز كېرەك. بۇ يىلقى باھار بايرىمىنىڭ ئالدىدا، مەمەت ۋە خوتۇنى چېگرا قوغدىغۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئادەتتە پەقەت ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق كەنت ۋە چارلاپ قوغدايدىغان چېگرا لىنىيەسىنىلا پىششىق بىلىدىكەنمىز، تاشقى دۇنيانى كۆرۈپ بېقىشىمىز كېرەككەن دەپ مەسلىھەتلەشكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئىككى بالىسىنى ئېلىپ ئاتۇش شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، تاشقورغان، قونجىراپ پورتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىپ ئويناپ، كامېرا ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسىنى خاتىرىلىدى، شۇنداقلا بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئىزنالىرىنىمۇ خاتىرىلىدى. 

 «بالىلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ناھايىتى ھاياجانلاندى، ئالايىتەن بېرىپ پىدائىي مۇئەللىملىرى بىلەن يول بويى كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرى ۋە تەسىراتلىرىنى ئورتاقلاشتى. مۇئەللىملەرمۇ بىزنى بالىلارنى باشلاپ كۆپرەك تاشقى دۇنيانى كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇردى»، دېدى مەمەت. 

 پىدائىيلار بالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە ئوقۇتۇش مېتودى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. 

 بالىلارنىڭ ئاساسى ئاجىز بولۇش، ئۆگىنىشتە قىيىنچىلىقتىن قورقۇش كەيپىياتى مەۋجۇت بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، پىدائىيلار كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇش، كۆرۈنۈشلۈك ئوقۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى كىرگۈزۈشنى سىناق قىلىپ، زېرىكىشلىك دەرسخانىلارنىڭ كەيپىياتىنى جانلىق، قىزىقارلىق قىلىپ ئۆزگەرتتى. مەسىلەن: ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا، ئۇلار بالىلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، «قوي باققاندا قوينى ساناش»، «يەرنى بۆلۈپ كۆكتات تېرىش» قاتارلىق ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈردى. بالىلار بۇ «تۇرمۇشتىكى بىلىم»لەرنى كۆتۈرەڭگۈ- خۇشال كەيپىياتتا مەشىق قىلدى، ئەسلىدىكى ئابستراكت ماتېماتىكىلىق ھېسابلاشمۇ ئاسان ھەم چۈشىنىشلىك بولدى. 

 چېگرا قوغدىغۇچىلار دائىم تاغقا چىقىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان بولۇپ، بۇنداق چاغلاردا بالىلارغا ھەمراھ بولىدىغان ئادەم يوق ئىدى. پىدائىيلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەپتە ئاخىرى، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە سىنىپلارنى ئېچىپ، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىلىشىغا ھەمراھ بولدى، ئۇلار بىلەن سىرداشتى، ھەتتا «ھەممىگە قادىر بالا باققۇچى»غا ئايلىنىپ، تازىلىق ئادىتىدىن تۇرمۇشتىكى ئىنچىكە ھالقىلارغىچە قولمۇقول سەۋرچانلىق بىلەن ئۆگەتتى. 

 پىدائىيلارنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، قىسقىغىنا ئىككى يىلدا، بالىلارنىڭ نەتىجىسى ئۇچقاندەك تېز ئۆرلىدى. 2024- يىلى، شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ پۈتۈن مەكتەپ بويىچە ئۇنىۋېرسال نەتىجىسى ئاتۇش شەھىرىدىكى 63 باشلانغۇچ مەكتەپ ئىچىدە ئارقىدىن سانىغاندا 2- لىكتىن 15- لىككە ئۆرلەپ، ئارقا- ئارقىدىن پۈتۈن شەھەر بويىچە «نەتىجىسى گەۋدىلىك مەكتەپ»، «ئالغا ئىلگىرىلەش چولپىنى» قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك شەرەپكە ئېرىشتى. 

 2023- يىلى يازدا، شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىسمى تۇنجى قېتىم ئاتۇش شەھىرىنىڭ شىنجاڭ رايونى ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىنىڭ قوبۇل قىلىش تىزىملىكىدە كۆرۈلگەندە، پۈتكۈل چارۋىچىلىق رايونى بۇنىڭ ئۈچۈن قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى! نۇرغۇن ئاتا- ئانا، جۈملىدىن چېگرا قوغدىغۇچىلارمۇ مۇنداق دېيىشتى: «مۇئەللىم، بالىلار سىلەرگە ئەگەشسە، بىز خاتىرجەم بولىمىز!»

 تۈن پەردىسى يېيىلدى، پامىر ئېگىزلىكىدىكى يۇلتۇزلۇق ئاسمان سۈپسۈزۈك ئىدى. يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئاستىدا، پىدائىي مۇئەللىملەرنىڭ ئىشخانا دېرىزىسىنىڭ چىراغلىرى ئادەتتىن تاشقىرى يورۇق ئىدى. بۇ چىراغ نۇرلىرى بالىلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتتى، شۇنداقلا چېگرا كەنت مائارىپىنىڭ ئۈمىدىنى يورۇتتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125