0.01 سېكۇنت، شىنجاڭ توكىنى بىرلەشتۈرۈپ چاقماق تېزلىكىدە خۇادۇڭغا يەتكۈزۈش
11:51:53 2025-05-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

 «پەقەت 0.01 سېكۇنتتىلا، شىنجاڭ توكىنى 3293 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خۇادۇڭ ئېلېكتىر تورىغا چاقماق تېزلىكىدە بىرلەشتۈرۈپ يەتكۈزگىلى بولىدۇ، بۇ، كۆزنى بىر قېتىم چىمچىقلاتقاندىنمۇ تېز. بىر ئائىلىدە ئۈچ جان بار دەپ ھېسابلىساق، 30 مىليون ئائىلىنىڭ بىر كۈنلۈك توك ئىشلىتىش مىقدارىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ». 5- ئاينىڭ 8- كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق توك شۆبە شىركىتى سانجى توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىدا، پونكىت باشلىقى ۋاڭ خۇڭنىڭ بايانى «شىنجاڭ يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى. يېزا سودا بانكىسى» نامدارلىقىدىكى شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىنى ناھايىتى ھەيران قالدۇردى.

 سانجى توك ئالماشتۇرۇش پونكىتى شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى ۋۇسەيۋەن چۆللۈكىگە جايلاشقان، بۇ سانجى- گۇچۈەن 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «سانجى-  گۇچۈەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى» دېيىلدى)نىڭ مەنبەسى.

 تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ يۇقىرى بوشلۇقتىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە، بوشلۇقتىكى ئېلېكتىر سىملىرى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، يىراقلارغا سوزۇلغانىدى. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 630 مو بولغان سانجى توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىدا، كېچە- كۈندۈز توختىماي ئايلىنىۋاتقان 30 مىڭدىن ئارتۇق ئۈسكۈنە خۇددى پولات گىگانت ئادەملەردەك تىزىلغانىدى، توك يەتكۈزۈش سىملىرى ئورنىتىلغان قاتار- قاتار قەد كۆتۈرگەن تۆمۈر مۇنارلار قۇياش نۇرىدا كۆزنى چاقنىتاتتى.

 دۇنيادىكى تۇنجى 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى بولغاچقا، ئۇ يەنە «ئېلېكتىر ئېنېرگىيە جۇمۇلاڭما چوققىسى» دەپ تەرىپلەنگەن. سانجى- گۇچۈەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا 2016- يىلى 3- ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، 2019- يىلى 9- ئاينىڭ 26- كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، شىنجاڭ، گەنسۇ، نىڭشيا، شەنشى، خېنەن، ئەنخۇيدىن ئىبارەت ئالتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىن ئۆتىدۇ، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئېلېكتىر بېسىمى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، توك يەتكۈزۈش سىغىمى ئەڭ چوڭ، توك يەتكۈزۈش ئارىلىقى ئەڭ يىراق، تېخنىكا سەۋىيەسى ئەڭ ئىلغار بولغان توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»تىكى ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

 سانجى توك ئالماشتۇرۇش پونكىتى ھەر كۈنى 200 مىليون كىلوۋات سائەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى قوبۇل قىلالايدۇ، بۇ، 70 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈردىن چىقىرىلغان توكقا باراۋەر. بۇ كۆمۈرنى ئەنخۇيغا توشۇش ئۈچۈن، 15 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى 1200 ۋاگونغا لىق قاچىلاشقا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، بۇلارنى تىزغاندا 18 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ. ھازىر، 0.01 سېكۇنتتىلا يېشىل توكنى ئىككى جاي ئارىسىدا يەتكۈزۈشنى تاماملىغىلى بولىدۇ، پۈتكۈل جەرياندىكى خوراش %5تىن تۆۋەن بولىدۇ.

 سانجى- گۇچۈەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىكى توك يەتكۈزۈش تېرمىنال پونكىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سانجى توك ئالماشتۇرۇش پونكىتى بۇ توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۈگۈن ھېسابلىنىدۇ. ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، بۇ توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىنىڭ رەقەملەشتۈرۈش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش قەدىمى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى.

 «توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىغا كۆپ تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىسى توپلانغان». ۋاڭ خۇڭ بىر- بىرلەپ مۇنداق مىسال كەلتۈردى: 5G تورى ئاساسىي پونكىتى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر تورى بويىچە تۇنجى 5G ئاساسىي پونكىتى بولۇپ قالدى؛ فوتو ئاپپاراتقا 5G+ بۈركۈت كۆزلۈك تېلېكامېرا، 5G+ نۇقسانلارنى پەرقلەندۈرۈش، 5G+ ئىندىكاتور ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈش، 5G+ ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تېمپېراتۇرا ئۆلچەش قاتارلىق ئىلغار تېرمىنال سىستېمىلىرى ئىشلىتىلدى؛ «بېيدوۋ» ئورۇن بەلگىلەپ يول باشلاش سىستېمىسىغا تايىنىپ، تولۇق ئاپتوماتىك چارلاپ تەكشۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، تۇنجى قېتىم «ئادەم كۈچى بىلەن چارلاپ تەكشۈرۈش، ماشىنا ئادەم بىلەن چارلاپ تەكشۈرۈش، بوشلۇقتىن تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا چارلاپ تەكشۈرۈش»تىن ئىبارەت توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىدا چارلاپ تەكشۈرۈش يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىنىپ، پونكىت رايونىدىكى ئاساسلىق، قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەرنى 24 سائەت ئۈزۈلدۈرمەي ئۆز ئالدىغا چارلاپ تەكشۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى...

 «ئادەتتە، بىز چارلاپ تەكشۈرۈش، ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش سانلىق مەلۇماتىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ئارقىلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ساغلاملىق ھالىتىنى باھالايمىز. بۇ يىل، بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۈسكۈنە سېزىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلمىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئېشىش مىقدارىدىن سىگنال بېرىش، كۆپ پارامېتىرلىق كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە رەقەملىك قوشكېزەك قاتارلىق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، كاشىلىدىن دەسلەپكى مەزگىللىك ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان يۈرۈشتۈرۈش- ئاسراشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز»، دېدى ۋاڭ خۇڭ.

 ھەر بىر يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىسى ۋە يۈرۈشۈش قائىدىسى سانجى توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

 ھازىرغىچە، سانجى توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىنىڭ بۇ يىل سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى 23 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13 ئاشتى. قۇرۇلۇش ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ھازىرغىچە، بۇ پونكىت يەتكۈزگەن توك مىقدارى جەمئىي 340 مىليارد 200 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئېنېرگىيە تەقسىملەش ۋە ئىشلىتىشنى ئەلالاشتۇرۇش بىلەن بىللە، خۇادۇڭ رايونىنى ئېلېكتىر كۈچى بىلەن بىخەتەر، ئىشەنچلىك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا شىنجاڭ كۈچىنى قوشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125