قاراماي 1- نومۇرلۇق قۇدۇقىنى بۇرغىلاشتا ئىشلىتىلگەن ئۈچ قىرلىق بۇرغا بېشى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن
5- ئاينىڭ 10- كۈنى، يەنە بىر ھەپتە ئاخىرى بولۇپ، قۇياش نۇرىدا، خىيالىي نۇر ھالقىسى چاقناپ تۇرغان قارامايدىكى چوڭ ماي كۆپۈكچىلىرى تۈركۈم- تۈركۈم ساياھەتچىلەرنىڭ يوقلىمىدىن ئۆتۈشىنى كۈتۈۋالدى. ئېگىزلىكى 15 مېتىر، ئەڭ چوڭ دىيامېتىرى 28 مېتىر كېلىدىغان شەھەرنىڭ بۇ بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارىتى ئاستىدا، 70 يىللىق تارىخقا ئىگە تۆھپىكار قۇدۇق − قاراماي 1- نومۇرلۇق قۇدۇقى پېچەتلەپ ساقلانماقتا. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ قۇدۇق ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلغان بولسىمۇ، قۇدۇق قېزىشتا ئىشلىتىلگەن ئۈچ قىرلىق بۇرغا بېشى يەنىلا مۇكەممەل ساقلانماقتا.
بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) «تىيانشاندىكى ماددىي بۇيۇملار 70 يىلغا گۇۋاھ بولدى» تېمىسىدىكى ئەمەلىي بۇيۇملارنى توپلاش پائالىيىتىنى باشلاپ، ھەربىر بۇيۇم ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى بايان قىلدى. كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان بۇ ئۈچ قىرلىق بۇرغا بېشى دۆلىتىمىزنىڭ نېفىت جابدۇق ياسىمىچىلىقى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ نېفىت چارلاش- ئېچىش ئىشلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدى.
چۆللۈكتىكى ھەيران قالارلىق ئېتىلىپ چىقىش
ۋاقىتنى 1955- يىلى 10- ئاينىڭ 29- كۈنىگە قايتۇرايلى، قۇدۇق بۇرغىلاش چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 620 مېتىر كېلىدىغان قاراماي 1- نومۇرلۇق قۇدۇقىدىن سانائەت نېفىتى ئېتىلىپ چىقىپ، يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى چوڭ نېفىتلىك بايقالغانلىقى جاكارلاندى. «تاتۇق»لىرى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئۈچ قىرلىق بۇرغا بېشى يەر ئاستى نېفىت قاتلىمىنى قېزىشقا زور تۆھپە قوشقانىدى.
شۇ كۈنى، قۇدۇق مەيدانى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى، كىشىلەر ئالقىش ياڭراتتى، سەكرەشتى، قۇچاقلاشتى، نۇرغۇن كىشى ھاياجانلانغان ھالدا قارا ماينى يۈزىگە سۈركىدى. ئەينى چاغدا مەملىكەت بويىچە يىللىق خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى جەمئىيەت ئېھتىياجىنىڭ ئاران ئۈچتىن بىر قىسمىنىلا قاندۇرالايتتى، قاراماي 1- نومۇرلۇق قۇدۇقىدىن سانائەت نېفىتى ئېتىلىپ چىقىپ، يېڭى جۇڭگو نېفىت سانائىتىنىڭ تۇنجى زەپەر مارشىنى ياڭراتتى.
قاراماي نېفىتلىكىنى چارلاش- ئېچىشقا پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ياردەم بەردى. 1956- يىلى، بېيجىڭ ھەربىي رايونى 2043 نەپەر ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن ۋە كەسىپ ئالماشتۇرغانلارنى تاللاپ، 37 بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش ئەترىتى تەشكىللەپ قارامايغا ئەۋەتتى؛ نېفىت سانائىتى مىنىستىرلىقى 260 ئاپتوموبىل، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 180 ئاپتوموبىل ئاجرىتىپ قارامايغا ياردەم بەردى؛ تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت خەلق 50 نەچچە تۆگىگە تۇز، ئوتۇن قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى ئارتىپ قارامايغا ئەۋەتتى.
قاراماي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تارىخ- تەزكىرە ئىشخانىسى (شەھەرلىك ئارخىپخانا)نىڭ سابىق 3- دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى ليۇ باۋخۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: قاراماي نېفىتلىكى بايقالغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 1956- يىلى 5- ئاينىڭ 4- كۈنى «قاراماي نېفىتلىكىدە ھازىر جىددىي ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، نېفىت رايونىنى ئېچىشقا بارلىق كۈچ بىلەن ياردەم بەردى؛ خەلق گېزىتى 1956- يىلى 9- ئاينىڭ 5- كۈنى «قاراماي ۋە سەيدام نېفىت رايونىغا ياردەم بېرەيلى» دېگەن تېمىدا باش ماقالە ئېلان قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئالاقىدار ئورۇنلارنى زۆرۈر ياردەم بېرىشكە چاقىرىق قىلدى؛ گوۋۇيۈەن 13 مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنى قارامايغا ياردەم بېرىشكە تەشكىللىدى، ئالتە دۆلەتتىن قارامايغا ئۈسكۈنە ۋە زاپچاس ئىمپورت قىلدى، مەملىكەت بويىچە 16 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دىكى 35 شەھەر قارامايغا ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسى ۋە سايمانلىرىنى ياردەم قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ نېفىت شىركىتى پارتىيە كومىتېتى 1956- يىلى 4- ئاينىڭ 4- كۈنى «مايبۇلاقنى بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارار»نى چىقىرىپ، پۈتۈن شىركەتتە مايبۇلاققا ياردەم بېرىش، مايبۇلاقنى ئېچىش، مايبۇلاققا بېرىش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى. مايتاغ كان ئىشلىرى ئىدارىسى كونا بازىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، 1801 نەپەر قابىل خادىمنى ئاجراتتى، ئۇلار مايتاغدىن قارامايغا كېلىپ، قارامايدىكى تۇنجى تۈركۈم ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولۇپ قالدى.
قاراماي نېفىتلىكىنىڭ قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىن ھېسسىياتى ۋە قۇرۇش قىزغىنلىقى مۇجەسسەملەنگەن. ماددىي ئەشيالار كەمچىل بولغان، بىر دانە بۇرغا بېشى ياساشمۇ تەس بولغان ئاشۇ يىللاردا، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتىن ئىبارەت ھەمكارلىشىش روھى دۆلىتىمىزنىڭ نېفىت سانائىتى تارىخىدىكى قېنىق رەڭدار بىر سەھىپە بولۇپ قالدى.
1956- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى، شىنجاڭ نېفىت شىركىتىنىڭ نامى شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئۆزگەرتىلدى. 1956- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ يەتتە يىللىقى پەيتىدە، پاراتچىلار قوشۇنى ئىچىدە قاراماي نېفىتلىكىنىڭ غايەت زور مودېلى نامايان بولۇپ، تيەنئەنمېندىكى پارات مۇنبىرى ئالدىدىن ئۆتكەندە، قەلبلەرنى ئىنتايىن ھاياجانغا سالدى.
قارلىق دالىدىكى مۇز بىلەن ئوتنىڭ تاۋلىشى
قارامايدىكى 1- نومۇرلۇق قۇدۇقتىن سانائەت نېفىتى ئېتىلىپ چىققاندىن كېيىن، نېفىت سانائىتى مىنىستىرلىقى يەنە 43 تەكشۈرۈش قۇدۇقى بۇرغىلاپ، مايبۇلاقنى تېزدىن ئېچىشنى قارار قىلدى.
جۇڭغار ئويمانلىقىدا قىش پەسلىدە تامچە سۇ مۇزغا ئايلىنىدۇ. قاراماي 2- نومۇرلۇق قۇدۇقىنى بۇرغىلاش باشلانغاندا، چۆللۈكتە قار يېغىشقا باشلىدى. 1956- يىلى 2- ئايدا، قاراماي 2- نومۇرلۇق قۇدۇقى 500 مېتىرلىق يەر قاتلىمىغا بۇرغىلاپ كىرگەندە قۇدۇقتا ئېتىلىش يۈزبېرىپ، غايەت زور سۇ ئېتىلىپ چىقىپ، قۇدۇق جازىسىغا چېچىلىپ، ناھايىتى تېزلا قېتىپ مۇزغا ئايلاندى.
ئەينى چاغدا دۆلىتىمىزنىڭ نېفىت جابدۇقچىلىقى تېخنىكىسى ئىنتايىن ئارقىدا قالغان بولۇپ، تېيىز قۇدۇق بۇرغىلىغاندىمۇ قۇدۇقتىن سۇ ئېتىلىپ چىقىشتىن ساقلانغىلى بولمايتتى، لېكىن نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ ئىرادىسى پولاتتەك مۇستەھكەم ئىدى. قاراماي شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى- مۇزېي ئورنى (كۆرگەزمە سارىيى)دا كۆرگەزمە قىلىنغان «مۇز مۇنار ئالدىدىكى مۇز ئادەملەر» ناملىق سۈرەتتە شۇ دەۋردىكى نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ قەيسەرلىكى خاتىرىلەنگەن. قەھرىتان سوغۇقتىكى قاقاسلىقتا، ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇرغىلاش مۇنارىنىڭ ئېتىلىپ چىققان سۇدىن «مۇز مۇنار»غا ئايلانغانلىقىنى، «مۇز مۇنار»نىڭ ئالدىدا ئۈستبېشى ماي ۋە لايغا مىلەنگەن بىر توپ نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ تۇرغانلىقىنى، كىيىم- كېچەكلىرى توڭلاپ «مۇز ساۋۇت»قا ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بىپايان قارلىق دالىدا مەزمۇت تۇرغانلىقىنى، چېھرىدە ئىپتىخارلىق، ئۈمىدۋارلىق كۈلكىسى جىلۋىلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى.
«ئەينى چاغدا، ئىشچىلار ئارقا- ئارقىدىن بۇرغىلاش سۇپىسىغا سەكرەپ چىقىپ خەتەردىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان، ئېتىلىپ چىققان سۇ ناھايىتى تېزلا ئۇلارنىڭ پاختىلىق كىيىملىرىنى ھۆل قىلىۋەتكەن. كېيىن بەزىلەر بىر ئامال ئويلاپ تاپقان، بىراقلا سۇنى پاختىلىق كىيىمىگە چېچىپ، ئاۋۋال كىيىمنى بىر قەۋەت مۇز تۇتقۇزۇپ، پاختىلىق كىيىمنى ئېتىلىپ چىققان سۇنىڭ پۈتۈنلەي ھۆل قىلىۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان» دەپ چۈشەندۈردى جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىنجاڭ نېفىتلىك شۆبە شىركىتى پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى فەن داپىڭ.
1958- يىلى، قاراماي نېفىتلىكىنىڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىشى دۆلەت پىلانىغا كىرگۈزۈلدى. يەنە شۇ يىلى، شىنجاڭ نېفىتلىكى نېفىت ئېلىش 2- زاۋۇتى گېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ ياردەمچى ئىنژېنېرى فېڭ شۆنىڭ بوۋىسى خېبېي باۋدىڭدا ھەربىيلىكتىن چېكىنىپ قاراماي نېفىتلىكىگە كەلدى. «بوۋام يېڭى كەلگەندە چېدىردا تۇراتتىكەن، دائىم 9 بال، 10 بال بوران چىقىپ چېدىرنى ئۇچۇرۇپ كېتەتتىكەن»، دېدى فېڭ شۆ.
قاراماي نېفىتلىكىنىڭ ئېچىلىشى دۆلىتىمىز نېفىت سانائىتىدىكى تۇنجى ئوتنى تۇتاشتۇردى. 1960- يىلى، قاراماي نېفىتلىكىنىڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1 مىليون 662 مىڭ 300 توننا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %39.6 بولدى.
قارامايدىن 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇر يەر قاتلىمىغىچە
ئوت- چۆپ بولمىغان، سۇ بولمىغان، قۇشمۇ ئۇچمايدىغان قاقاس چۆللۈكتە، نېفىت ئىشچىلىرى تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، قاراماي ھەم ئەتراپىدا مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن نېفىت رايونلىرىنى ئاچتى. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبتا خۇڭشەن نېفىتلىكىدىن باشلىنىپ، شىمالدا ئورقۇغا تۇتىشىدىغان 217- دۆلەت يولى لىنىيەسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 150 كىلومېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان «يۈز چاقىرىملىق نېفىتلىك رايونى» دۆلىتىمىز نېفىت سانائىتىدىكى بىر يارقىن مەنزىرە لىنىيەسىگە ئايلاندى.
جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز گۇرۇھى غەربىي قىسىم بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ 1- دەرىجىلىك ئالىي باش مەسئۇلى يەن جيې مۇنداق تونۇشتۇردى: 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا، ئۈچ قىرلىق بۇرغا بېشى قۇدۇق بۇرغىلاشتىكى «ئاساسىي كۈچ» ئىدى، بۇرغا تۈۋرۈكىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇرغا بېشىدىكى ئۈچ قىر توختىماي ئايلىنىپ، لاي- تاشلارنى قىرىپ ئاچاتتى. 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدا، ئۈچ قىرلىق بۇرغا بېشى سەھنىدىن چېكىنىپ، چىشلىق چاقلىق بۇرغا بېشى ئۇنىڭ ئورنىنى ئالدى.
ئۈچ قىرلىق بۇرغا بېشى گېئولوگىيەلىك تۈزۈلۈشى بوش تېيىز قۇدۇق بۇرغىلاشقا ماس كېلىدۇ، چىشلىق چاقلىق بۇرغا بېشىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرى تېخىمۇ ئۇزۇن بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان يەر قاتلىمىدىكى تاغ جىنسلىرىغا ماس كېلىدۇ، يۇمشاق، قاتتىق يەرقاتلىمىنىڭ ھەممىسىنى بۇرغىلىيالايدۇ. چىشلىق چاقلىق بۇرغا بېشىغا تايىنىپ قاراماي نېفىتلىكىنىڭ چارلاش- ئېچىش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيدى، 1975- يىلىغىچە، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ قاراماي، جەرەنبۇلاق، بەيكوۋچۈەن، ئورقۇ قاتارلىق 18 نېفىتلىك رايون- بۆلىكى بايقالدى.
20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، دۆلىتىمىز سۈنئىي ئالماس بىرىكمە بىسلىق بۇرغا بېشىنى ئىمپورت قىلىشقا باشلىدى، 80- يىللارنىڭ ئاخىرىدا، ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساپ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى. چىشلىق چاقلىق بۇرغا بېشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، سۈنئىي ئالماس بىرىكمە بىسلىق بۇرغا بېشىنىڭ تاغ جىنسلىرىنى تېشىپ ئۆتۈشچانلىقى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ، يەرشارىنىڭ چوڭقۇر قىسمىدىكى بىرقەدەر قاتتىق، بۇرغىلاش تەس بولغان يەر قاتلىمىنى بۇرغىلاشقا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، چىشلىق چاقلىق بۇرغا بېشى بىلەن سۈنئىي ئالماس بىرىكمە بىسلىق بۇرغا بېشىنى بىرىكتۈرۈشتىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقى ۋە تۇرپان- قومۇل ئويمانلىقىدا ئارقا- ئارقىدىن غەربىي شىمال نېفىتلىكى، تارىم نېفىتلىكى، تۇرپان- قومۇل نېفىتلىكىنى قازدى.
1999- يىلى 12- ئايدا، شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تۈزۈلمىسى ئىسلاھ قىلىنىپ، جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىنجاڭ نېفىتلىك شۆبە شىركىتى بىلەن جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى ئايرىلىپ قۇرۇلدى. 2011- يىلى 6- ئاينىڭ 13- كۈنى، قارامايدىكى 1- نومۇرلۇق قۇدۇقنى بۇرغىلاشتا ئىشلىتىلگەن ئۈچ قىرلىق بۇرغا بېشى دۆلەت 1- دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، قاراماي شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى- مۇزېي ئورنى (كۆرگەزمە سارىيى)دا ساقلاندى.
«13- بەش يىل»دىن كېيىن، شىنجاڭدا نېفىت چارلاش- ئېچىش ئۈزلۈكسىز ھالدا يەرشارىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. ھازىرغىچە، تارىم ئويمانلىقىدا چوڭقۇرلۇقى 8000 مېتىردىن ئاشىدىغان 300دىن ئارتۇق قۇدۇق بۇرغىلاندى، بۇ يىل 1- ئايدا بۇرغىلاش تاماملانغان چوڭقۇر يەر قاتلىمى تاكې 1- قۇدۇقىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10910 مېتىرغا يېتىپ، ئاسىيا بويىچە بىرىنچى، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى تىك چوڭقۇر قۇدۇق بولۇپ قالدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024- يىلى شىنجاڭنىڭ نېفىت- تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئېكۋىۋالېنتى 66 مىليون 640 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئۇدا تۆت يىل مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇرغان. پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭ يەرشارىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلىمىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى، كەلگۈسىدە مۇقەررەركى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىدۇ.